ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-03-02

    قەشقەرگە قايتىش -6 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    قەشقەرگە قايتىش -6

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

    لەقەم تۇتار ھېيتگاھتا باخشى

    كوچا مەشرىپى

    كىتاب مەشرىپى، يىپەك مەشرىپى

    ياغما، قارلۇق، چىگىل، چاۋۇپلار

    گۈلخان ئارا ئەسلەر چۈشىنى

    سىڭقۇسەلى

    تۆمۈر تۈۋرۈك ئايۋىنىدا خۇش

    ئىسىم قويۇش لوغىتى تۈزەر.

     

    نەۋرۇز

    تۈنەپ چىقار يەرنىڭ ئاستىدىن

    تۆكۈلىدۇ بۈركۈت كۆزىدىن

    ئارغىماق ئويۇنى

    يولۋاس ئويۇنى

    چاۋگەن ئويۇنى

    يەرشارىغا بېىسىلغان تامغا.

     

    ھېيتگاھ

    بانكىموننىڭ سۆھبەت ئۈستىلى

    ئوكىسفورتقا تۇتاشقان قەلئە

    "يالتا يىغىنى" ئېچىلغان گۈلباغ.

     

    رىۋايەتلەر تۇغار نەچچە رەت

    كاڭشىخاندىن ساچىرخانغىچە

    ماندىلادىن كارزائىغىچە

    نىتانىياخۇ

    ساركوز بىلەن كازافى مىنگەن

    ئارغىماققا قارار چەكچىيىپ

    نىجات، پۇتىن چۈشەكەر تەكرار

    ياۋرۇپانىڭ قولۋاقلىرىدا.

    قەشقەر

    يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە

    گولوبوسقا ھەمرا تاڭ سەھەر

     

    باغلار تۇرار يەنە ياشىرىپ

    قىش،

    ئەتىياز،

    ياز،

    كۈز،

    تۆت پەرىشتە، تۆت ئەۋلىيادەك

    كىلىپ-كىتىپ تۇرار قەشقەرگە.

     

    يەرشارى ـ كۆيۈۋاتقان ئوت

    ئەرەپ-يەھۇدى

    چىچەن-تاغلىق كورت

    ئافغان-پاكىستان

    ئىران-كورىيە

    ئويچان سۈرىيە.

    چېقىلغان ئەينەك...

    بۇش پادىچىلار قامچىسى بىلەن

    ھەيدەپ يۈرەر بىر توپ بۆرىنى.

    ئوباما

    سادام ئۆلگەن دارنىڭ ئالدىدا

    قەھرىمان دەپ ئاتايدۇ ئۇنى.

     

    دۇنيا

    قىپ يالىڭاچ ئۇسۇلچىلاردەك

    ئۆز گۆشىنى يىمەكتە ئۆزى..

     

    قەشقەر

    باغ ئىچىدە تۇغۇلغان شەھەر.

     

    ئوقۇرمەنلەر ئامراق چۆچەككە

    چۆچەك ياغار بۆشۈككە، بۆككە

    چۆچەك ياغار ئۆلگەن يۈرەككە

    چۆچەك ياغار ئۇيغۇرلار كۆيگەن

    خىزىرلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن

    ئەزىزانە قەشقەر شەھرىگە.

    مەن ئامراق يەنە

    يېڭى چۆچەككە...

     

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us