ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-13

    شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر _3 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    4. بوغۇم ( رىتىم )

    بوغۇم ( رىتىم ) ياكى ۋەزىن بىر خىل مىقداردىكى سۆز بۆلەكلىرى ياكى بوغۇملارنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا بىر خىل تەكرارلىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاھاڭ سىستېمىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مەلۇم ساندىكى بوغۇملار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شېئىرلاردا بوغۇم ( رىتىم ) نىڭ رولى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كۈچى، ئېنېرگىيەسىدۇر. بوغۇم ( رىتىم ) خۇددى مۇزىكىدىكى قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىدىغان ئۇدارغا ئوخشايدۇ. ئۇ شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە باغلىنىشچانلىقىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدۇ. شېئىر قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىدىغان بوغۇم( رىتىم ) ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي مۇددىئا، ھېسسىيات ۋە بەدىئىي مۇھىتنى بىۋاسىتە تەسىرچانلىققا، ھاياجانلىققا ۋە مايىلچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردىلا ئەمەس، بەلكى چاچما شەكىللىك شېئىرلاردىمۇ مۇئەييەن قانۇنىيەتلىك بوغۇم ( رىتىم ) مەسىلىسى مەۋجۇت.

    شېئىردا شەكىل ۋە بوغۇم( رىتىم ) مۇقىملاشقاندىن كېيىن، بوغۇم ( رىتىم )نىڭ ئىزچىل بولۇشى شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، ياش ھەۋەسكارلارنىڭ شېئىرلىرىدا بوغۇم ( رىتىم ) ئۆلچەملىك، قانۇنىيەتلىك ۋە ئىزچىل بولماسلىق ئەھۋالى بىرقەدەر گەۋدىلىك ھالدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا قەلىمى خېلى پىشقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىمۇ بەزىدە بوغۇم ( رىتىم ) ئۆلچەملىك، ئىزچىل بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تەھرىرلىك خىزمىتىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. مۇشۇ خىل يېتەرسىزلىك تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئاپتورلارنىڭ شېئىرلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، مەيلى قايسى خىل شەكىلدە يېزىلغان شېئىر بولسۇن، چوقۇم بوغۇم ( رىتىم ) مەسىلىسىگە سەل قارالماسلىقى كېرەك. يېتۈك كىلاسسىك شائىر ئەلىشىر نەۋايى شېئىرلىرىنىڭ بوغۇم( رىتىم ) ى ئۆلچەملىك، قانۇنىيەتلىك ۋە ئىزچىل بولۇشتا نەمۇنىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا، ئالتە ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يۈكسەك ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

    يارۇتماس قۇياش تىرە شامىم قاراسى،
    كى بۇ شام ئېتەر تىرە ئانىڭ زىياسىن.
    ئاچار شاھ ئۆزى بەند قىلغاننى لېكىن،
    خەلاس ئەيلەي ئالماس ئۆزى مۇپتەلاسىن.
    گەر ئەييوپ سەبىر ئەتتى تۈرلۈك بەلادا،
    ۋەلى كۆرمەدى ھەجىر شامىن بەلاسىن.
    بۇلۇت بولدى ئاھىمكى، ئول ئاينى ياپقاي
    ئولۇستىن، قىلىپ تىرە ئىشقى ھەۋاسىن.
    دىرەم ئورنىغە بەرسەڭ ئەنجۈمنى تاشلار،
    ئەگەر ئىمتىھان قىلساڭ ئول ئاي گەداسىن.
    قانى رايى مۇندىن سەۋاب، ئەي كۈڭۈلكىم،
    كىشى قابىل ئۆلسە بىلىپ ئۆز خەتاسىن.
    نەۋايى ئىرۇر بۇلبۇلۇڭ، لېكىن، ئەي گۈل،
    ئۇنۇتتۇردى ھىجرىڭ خەزانى نەۋاسىن.

    ( ئەلىشىر نەۋايى « غەزەللەر » 517-بەت).

    ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان بۇ غەزىلى باشتىن – ئاخىر 12 بوغۇم ئۆلچىمىدە يېزىلغان بولۇپ، 15-ئەسىردىكى خۇراسان دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىدا، ئۆزىنىڭ باش ۋەزىرلىكتىن ئىبارەت ھەم جاپالىق ھەم شۆھرەتلىك ۋەزىپىنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، مۇناسىپ قوللاش ۋە ئەتىۋارلاشقا ئىگە بولالماي، ئەكسىچە ئوردىدىكى ئايرىم رىياكار ۋەزىر – ۋۇزرالارنىڭ پىتنىسى تۈپەيلى ئۇۋالچىلىققا قالغانلىقى، پادىشاھنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ئازار يېگەنلىكى، كۆڭلى قاتتىق رەنجىگەنلىكى ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلەنگەن. شېئىرنىڭ ۋەزنى شۇنچە پاساھەتلىك ھەم كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلىنغان.

    5. تۇراق

    شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى تۇراق دېيىلىدۇ. ئۇ شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، مسىرا ئارىلىقىدىكى قانۇنىيەتلىك توختاش ( پائۇزا ) دېمەكتۇر. تۇراقنى مۇددىئا يىپىغا رەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ھېكمەت ئۈنچىلىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. شېئىر مىسرالىرىنى شەكىللەندۈرگۈچى تۇراقلار، گۇرۇپپىلاشقان سۆز تۈركۈملىرىنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. يەنى شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى تۇراقلارنىڭ قانچىلىك بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، مەيلى قايسى خىل شەكىلدە يېزىلغان شېئىر بولسۇن، تۇراق ئۆلچىمى باشتىن – ئاخىر ئوخشاش بولىدۇ. مىسرالاردا تەكرارلانغۇچى تۇراقلارمۇ ئۆزئارا گۇرۇپپىلىشىپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇرىدۇ. مىسرالارنى ئىككىگە بۆلگۈچى تۇراق ئادەتتە باشقا تۇراقلاردىن ئېنىقراق ئاڭلىنىدۇ ۋە مىسرالارنىڭ رىتىمىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەگەر مىسرالاردىكى تۇراقلار ئۆلچىمى بىر – بىرىگە تەڭ بولسىمۇ، تۇراقلار ئۆزئارا ماس كەلمىسە، شېئىردىكى ئاھاڭمۇ بۇزۇلىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا سۆزلەر ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن بوغۇملارغا پارچىلىنىپ تۇراقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردا بولسا، تۇراقلار سۆزلەملەرنىڭ مەنەسىنى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ« قەشقەر قىزى »ماۋزۇلۇق شېئىرىنى بۇ جەھەتتە بىر ئۆرنەك دېيىشكە بولىدۇ. غەزەل شەكلىدە يېزىلغان بۇ شېئىرنىڭ باشلانما مىسرالىرى مۇنداق يېزىلغان:

    ئاي جامالىڭنى كۆرۈپ، ئاينىڭ قىزىكەنغۇ دېدىم،
    نۇر چېچىپ تۇرسا يۈزۈڭ، كۈننىڭ ئۆزىكەنغۇ دېدىم.

    بۇ شېئىردىكى مىسرالار باشتىن – ئاخىر 15 بوغۇم ئۆلچىمىدە يېزىلغان بولۇپ، تۇراقلار باشتىن – ئاخىر ئوخشاش ئۆلچەمدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلگەن. بۇ شېئىرنى شېئىرىي مۇددىئا جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن ئۆرنەك ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ.
    « قەشقەر » ژۇرنىلىغا ئەۋەتىلگەن نەزمىي ئەسەرلەر ئىچىدىن مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ« چوغدان قىلۇر » ماۋزۇلۇق شېئىرىغا قاراپ باقايلى: بۇ شېئىرنىڭ ئىككىنچى كۇبلېتى مۇنداق يېزىلغان:

    ئاھ نىتەي ھىجرىڭ ماڭا بەردى زەھەر،
    يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ كۆزلىرىم خۇنى پۈتەر،
    ئىزلىرىڭنى تاپمايىن يۈرىكىم قان – ياش تۆكەر،
    ساڭا تەشنا يۈرىكىم چۆل كەبى پەرياد قىلۇر.

    مۇخەممەس شەكلىدە يېزىلغان بۇ شېئىردا تۇراقلار گۇرۇپپىسىدا ئېگىز – پەسلىك بار بولۇپ، ئەستايىدىل ئوقۇغاندا ۋەزىن جەھەتتە تازا راۋان ئەمەسلىكى سېزىلىدۇ. يۇقىرىقى كۇبلېتتا تۇراقلاردىكى سۆزلەرنىڭ بوغۇم سانى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، بىرىنچى مىسرا 11 بوغۇم، ئىككىنچى مىسرا 15 بوغۇم، ئۈچىنچى مىسرادىن بەشىنچى مىسراغىچە 14 بوغۇمدىن تەركىب تاپقان. مۇشۇ بىر كۇبلېتتىلا ئەمەس، بەلكى شېئىردىكى بەش كۇبلېتنىڭ ھەممىسىدە تۇراقلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ۋە ئىزچىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. شۇڭا، بوغۇم ۋە تۇراقلارنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقى بۇ شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزگەن.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن شېئىرغا يېزىشقا بەك قىززىقىمەن . QQنۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز . قاچىلىۋالسام...
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复ئابدۇراززاق说:
    qq nomurum bet astida bar.
    2011-12-05 13:02:58
  • بولسا مېنى كىيۇ-كىيۇغا قۇشۋالسىڭىز بوپتىكەن،سىز دىن تەلىم ئالدىغان ئىشلار بار ئىدى!كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇم:1366654656
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复سېغىنىش说:
    نېمە ئىش ئىدى؟
    2011-11-10 15:10:31