ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-13

    شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر _1 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر

    مۇھەممەتتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

    ئۇيغۇر شېئىرىيىتى  ئۆزىنىڭ ئىخچام، جانلىق، نەپىس ۋە ئوبرازلىق بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشى قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ، يېڭى – يېڭى ھېس – تۇيغۇلارنى ۋە يېڭى – يېڭى ھېكمەت دۇردانىلىرىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلق بېيىت – قوشاقلىرى ۋە خەلق داستانلىرىنى ئۆزىگە مەنبە – ئوزۇق قىلىپ، بۈگۈنكىدەك ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە، مۇكەممەل شەكىلگە ۋە بەدىئىي جەھەتتە سىستېمىلاشقان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئىگە جەزبىدار ئەدەبىيات ژانىرىگە ئايلاندى. شېئىرمۇ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاش بەلگىلىك ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ماۋزۇ، شەكىل، قاپىيە، بوغۇم، تۇراقتىن ئىبارەت بەش مۇھىم ئامىلدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر بولسا شېئرنى بالاغەتكە يۈتكۈزۈشتە ھەل قىلغۇچ رو ئوينايدىغان بەدىئىي ۋاستىدۇر.

    شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر شېئىرىيەت ئىجادىيىتىگە كىرىشكەنلەر ئۈچۈن چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاددىي ساۋاتلار بولسىمۇ، لېكىن، << قەشقەر >> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلىۋاتقان نەزمىي ئەسەرلەردىن قارىغاندا، بۇ ساۋاتلار ھەققىدە يەنە توختۇلۇشنىڭ زورۇرلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر نەچچە ئىشنى مىسال كەلتۈرىمەن:

    مانا ئالدىمدا ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن كەلگەن خەتلەر تۇرۇپتۇ. بۇ خەتلەرنىڭ بىرسىدە مۇنداق دېيىلگەن:«مەن ئۇزۇندىن بۇيان ‹قەشقەر› ژۇرنىلىنى سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن… يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يازغان شېئىرلىرىمدىن ئون نەچچە پارچىنى ‹قەشقەر› ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتسەم بىرەر پارچىسىمۇ بېسىلمىدى. خېلى ياخشى يېزىلغان شېئىرلار ئىدى. يەنە بىر پارچە خەت: ئۇزۇندىن بۇيان ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ‹قەشقەر› ژۇرنىلىغا ياخشى چىققان شېئىرلىرىمدىن يىگىرمە نەچچە پارچىنى تاللاپ ئەۋەتسەم، يېقىنقى سانىدا ئاران بىر پارچىسى ئېلان قىلىندى… قەشقەرگە بېرىپ سىز ۋە باشقا تەھرىرلەر بىلەن تونۇشسام». يەنە بىر تېلېفون: « مەن خىزمەتتىن پېنسىيەگە چىققىلى ئىككى يىل بولدى. ئانچە – مۇنچە شېئىر يېزىۋاتىمەنتەھرىر بۆلۈمىگە ئون نەچچە پارچىسىنى ئەۋەتسەم خەۋەر يوق. بىر قانچىسىنى ئۆزلىرىگە ئاپىرىپ بەرسەم، قەشقەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرۇپ بەرگەن بولسىلا»، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەت ۋە تېلېفونلار ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خىل مەزمۇندىكى خەت، تېلېفون ۋە ھاۋالىلەرگە بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىش ئىمكانىيىتى يوق. ژۇرنالغا ئەۋەتىلىۋاتقان نەزمىي ئەسەرلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىكى نورمال ئەھۋال. تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىكىدىكى سەۋەبمۇ ھەرخىل، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شېئىرىي مۇددىئانىڭ يېڭى بولۇشىدىن باشقا، يەنىلا شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇردىن ئىبارەت ئاددىي ساۋاتنى پىششىق ئىگىلىمىگەنلىكتە. شېئىرىيەتكە قىزىقىش ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ياخشى ئەھۋال. چۈنكى شېئىر يېزىش كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەشتىكى ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزىلەر ئۈمۈرۋايەت داۋاملاشتۇرۇپ مۇۋاپپەققىيەت قازىنالىشى مۇمكىن، بەزىلەر يېرىم يولدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى، شېئىر ئىجادىيىتىدە نوقۇل قىزىقىش بىلەنلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي بالاغەتكە ۋە ھېكمەت دەرىجىسىگە يەتكەن شېئىرلارنى ئىجاد قىلىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال بىلىملەرگە ۋە مول جەمئىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشتىن باشقا يەنە بىرقەدەر يۇقىرى ئىجادىيەت مېتودى بولۇش تېخىمۇ مۇھىم. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا، شېئىرىي ئىجادىيەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر توغرىسىدا بىرقەدەر پىششىق ساۋاتقا ئىگە بولۇش زۆرۈر.

    بىرىنچى، شېئىردىكى 5 مۇھىم ئامىل

    1. ماۋزۇ

    ماۋزۇنى شېئىرنىڭ گۈل تاجى دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتور ئۆزىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلغان، قەلبىنى لەرزىگە سالغان ۋە تاۋلىنىشتىن ئۆتكەن ۋەقە، ھادىسە ياكى ھېكمەتلىك پىكىرلەرنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، شېئىرغا قويۇلىدىغان ماۋزۇ جەلپ قىلارلىق ۋە ئىخچام بولۇشى، شېئىردا ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي مۇددىئانى ئىپادىلىيەلىشى كېرەك.« قەشقەر » ژۇرنىلىغا كېلىۋاتقان نەزمىي ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىدا ماۋزۇ ئۇزۇن بولۇش، شېئىرىي مۇددىئانى تولۇق ئىپادىلىيەلمەسلىك ۋە جەلپكار بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت. شۇڭا، ئىشلىتىشكە تەييارلانغان بىر قىسىم شېئىرلارنىڭ ماۋزۇسىنى مۇھەررىرلەر قايتا تەھرىرلەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. شېئىردىكى ماۋزۇ ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆرنەك سۈپىتىدە ئاتاقلىق شائىر ئابدۇكېرىم خوجانىڭ « تۇپراق، باھار ۋە مەن » ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلارنىڭ ماۋزۇلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: « كەلدى»، «گۈلسۇرۇخ»، «تامغا بولسام»، «سۇمۇرغ ئۇچقاندا»، «دېڭىز − ئانامسەن»، «كۆچەت تاللاش»،«كىشەن»، «يول ئۈستىدە»، «بۇلبۇل ۋە قەپەز»، «ئاچچىق ۋە تاتلىق»، «ئايدىڭدا سەپەر»، « قوڭغۇراق»، «ئاندىن گۈزەل»، «ساۋاق»، « تاغ گۈلى»، «گۈل ۋە مۆلدۈر»، «بۇلۇت»، «قالغاي»، «چېچەك»، «مامكاپ بىلەن ئەنجۈر»، «يۇلتۇز»، «شارلار تېغى»، «قىلدىلا»، «گۈل ۋە شامال»،«تاج ۋە باش» قاتارلىقلار. يۇقىرىقى ماۋزۇلاردا يېزىلغان شېئىرلاردا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارمۇ، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارمۇ، قىسقا يېزىلغان شېئىرلارمۇ، ئۇزۇنراق يېزىلغان شىئىرلارمۇ بار. بۇ ماۋزۇلار ئىخچام ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپ، ئۇزۇن، مۇجىمەل ۋە چۈشىنىكسىزلىكتىن خالىي. ماۋزۇنى ئوقۇپلا ئادەمدە شېئىرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئىشتىياقى قوزغىلىدۇ. دېمەك، شېئىرغا ماۋزۇ تاللىغاندا، شېئىردىكى بىرەر مىسرانى كۆچۈرۈپلا بولدى قىلماستىن، ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق ھەم شېئىرىي مۇددىئانى يىغىنچاق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەم جەلپكارلىققا ئىگە سۆزلەرنى ماۋزۇ قىلىپ تاللاش شەرت.

    ئۇنىڭدىن باشقا، شېئىرنىڭ ماۋزۇسى ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ ماۋزۇسىدەك بىر كۆرۈپلا مەزمۇنىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغان «قىسقا خەۋەر» تۈسىدە بولماسلىقى، ئوقۇرمەندە ماۋزۇنى كۆرۈپلا شېئىرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئىستىكى قوزغىيالايدىغان بولۇشى كېرەك.

    分享到: