ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-17

    ئۈمىدلىك ياش قەلەمكەش ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (زۇلتاپ) - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ئۈمىدلىك ياش قەلەمكەش ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (زۇلتاپ)

    (شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى «ياش قەلەم» سەھىپىسىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن)

     

     

    ئابدۇراخماننىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى – 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغانلىقىمىنى بىلگۈدەك بولغۇچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ياپچان بازىرىنىڭ كەڭرى سەھراسىدا ئىشتىنمىنى تىزىمغىچە تۈرۈپ قۇيۇپ بۇ قوينى ئىللىق تەبىئەتكە قېتىلىپ ياشاپ كەلدىم. مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم شورلۇق جاڭگالدا پادا بېقىش بىلەن ئۆتتى. 1994-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپكە قەدەم باستىم . شۇنىڭ بىلەن ھاياتىم ئۈزلۈكسىز تۈردە غۇۋا داۋاملىشىپ كەلدى. 2003-يىلى ياپچان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى، 2006-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ فىللوگىيە فاكۇلتىتى ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىيات كەسپى 2006-يىللىق 3-سىنىپىغا قۇبۇل قىلىندىم.بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن.

    راست گەپ قىلسام شېئىر يېزىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. بەلكىم مەن بىلەن بىمەزگىل خوشلاشقان بالىلىقم ئۈچۈن يېزىۋاتقاندىمەن، ۋە بەلكىم سىلەر دەۋاتقان ھېچكىم ئۈچۈن يېزىۋاتقاندىمەن...! ئىشقىلىپ شېئىر بۇ جەرياندا ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلدى، جىمجىتلىق، تۇنجى قېتىمقى مۇھەببەتنىڭ يوقلۇققا سوزۇلغان ھىجرانى، يالغۇزلۇق، زېرىكىشلىك ۋە يەنە ناگان –ناگاندا ئۆلېۋېلىش خىيالى، نېمىنىدۇر تۇيۇقسىز تۇيۇپ قېلىش ...قاتارلىقلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا مەنە ئاتا قىلدى. «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان «شېئىردىكى قىز» ناملىق شېئىرىم بىلەن مەتبۇئاتقا ھۇجۇم قىلدىم. ھازىرغا كەلگۈچە «كۈسەن مەدىنيىتى» ، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ...قاتارلىق نەشىرى ئەپكارلاردا  «سەھرالىق بالا» ،«ئۆلۈم ئەتىرگۈلى» « سۆيۈملۈكۈم باغرىڭنى ئاچ تۇپراقتەك»...دېگەندەك 12پارچىغا يېقىن شېئىر ئىلان قىلدۇردۇم. «ھەۋەسكار تورى» ،«سۇمرۇغ» ، «ئەنقا»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»...قاتارلىق  ئەدەبىيات مۇنبەرلىرىدە 200 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرىم قالدى.
    شېئىر يېزىلمىغان ھەم لەھزىلىككە سۇزۇلغان مەۋجۇتلۇق، ئۇ بايانچىدىن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشنى ۋە ئاسىيلىقنى ئىستەيدۇ.

    بىر تۈپ ئاپتاپپەرەسنىڭ ھىكايىسى
     
    قۇمنىڭ چەكسىز ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى
    غايىپ بۇلۇش ئالدىدىكى توغراقلاردەك
    كېچە، ئاي ۋە بىر توپ خەلق
     
    قەشقەر بىر ئۇغۇل بالىنىڭ تارىخى
    ئىشتىنىنىڭ ئالدى ئېچىلىپ قالغان
    مۇشۇ سۆزدىكى قان
    قۇياشنىڭ رەسىمىنى سىزىۋاتقان
    قاراڭغۇلۇقتىن تامغان
     
    ھەممىسى مۇشۇ يەردىن باشلانغان
    ئالدىمىزدا يول قالمىغان
    ياشاش يالغان
    تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشمۇ ھەم
     
    ئوتتەك كۆيۈپ قاتقان ئەي ئايال!
    ھايات بىلەن ياتقان ئەي ئايال!
    چۈش كارىۋاتتىن ئېسىل بوينۇمغا
    سۆي لېۋىمگە! ئايلان دەرياغا!
     
    كەينىگە ئېقىۋاتقان دەريالار بىلەن
    ئۈستۈڭدە مەن، ئاستىمدا سەن
    چىقتىم غەم تاغلىرىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە...

    قۇمۇش
     
    ئۇنتۇپ كېتەرسەن ئىسمىمىنى بىر كۈن،
    ياش تۆكەرسەن بەلكىم دالدا.
    ئۇنتۇپ كېتەرمەن سېنىمۇ بىر كۈن،
    بەلكىم ئۆلەرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا.
     
    ئايرىلماقتا سايلاردىن تاشلار،
    چاك-چاك يېرىلىپ، كېچىدە نىدا.
    تۇغۇلمىغان بولساڭ سەن ياكى،
    ياشىغان بولساق ئىككى دۇنيادا.
     
    توي قىلارسەن ئاھ توي قىلارسەن،
    بەلكىم بەخىت تىلىمەسمەن ساڭا.
    توي قىلارسەن ئاھ توي قىلارسەن،
    بەلكىم ئۆلەرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا.
     
    ياق! يۈرەكتىن سۆيسگەنلا بولساڭ،
    ئەسلىمىگىن ئەمدى سەن مېنى.
    يېنىڭدىكى ھېلقى ئادەمگە،
    ئوقۇپ بەرمە شئېرلىرىمنى...
    قىشقا كىرىش
      
    شارپاڭ سېنىڭ ساڭگىلاپ تۇرار،  
    ۋىچىرلىدىم شۇنچە ئەسەبى.    
    شائىر ئەمەس قار ياغقان ۋاقت،    
    بىر تال قۇچقاچ ئىدىم مەن ئەسلى.    
      
    ھۇزۇرلانغىن سەن بۇ سۇغۇقتىن،    
    ياش تۆكەرسەن كېيىن ئەسلىسەڭ.    
    نازۇك بارماقلىرىڭنى ئىسسىتىپ قۇياي،    
    سەن سۇندۇرغان پەيلىرىم بىلەن.  
     
    نەپرەت نېمە، مۇھەببەت نېمە،    
    مېنىڭ يۈرىكىم سەن چۈشكەن كاچكۇل.  
    كەل يېنىمغا، كەتكىن ئۆزۈڭگە،   
    مەيلى سۆيگۈمنى قىلمىساڭ قۇبۇل.    
     
    بىلىمەن ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمايسەن،   
    مۇزلىدىم كاككۇكتەك قۇلاق تۈۋىڭدە.   
    چاراسلاپ كۆيمەكتە قارنىڭ ئاۋازى، 
    ھېس قىلدىم سەن ئۆتۈپ كەتتىڭ جىممىدە. 

     

    مەنبە : يازغۇچىلار تورى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئىنىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە يۈكسىلىش تىلەيمىز!
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复ئۆزقان说:
    ياخشى تىلەكلەر ھەممىمىزگە بولسۇن!
    2011-11-10 15:08:39
  • تۇغۇلغان يىلنامىسىدا خاتالىق بارمۇ قانداق؟ تەخەللۇسىنىڭ مەنىسىنى بىر ئىزاھلىۋەتسە بوپتىكەن.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复گۈلىستان说:
    شۇنداق ئىكەن. مەن يوللىغىچە ئازراق رەتلىگەن. ئىھتىياتسىزلىقتىن خاتا قىلىپ قويۇپتىمەن. تۈزىتىپ قويدۇم. تەشەككۈر!
    2011-05-18 12:57:51