ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-17

    دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيى جۇڭگو تارمىقىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيى جۇڭگو تارمىقىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

    جۇڭگو شېئىرىيەت تورى 5-ئاينىڭ 3-كۈندىكى خەۋىرى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگو ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا، بېيجىڭ، جىياڭسۇ، سىچۈەن، خىيلوڭجياڭ، جياڭشى، خېبىي، خېنەن، شەنشى، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 50 نەچچە شائىر، سەنئەتكار، ئاخبارات خادىملىرى قاتناشتى.

    دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق شېئىرىيەت تەشكىلاتى بولۇپ، 1969-يىلى قۇرۇلغان. ھازىرغا قەدەر 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايۇنغا كېڭەيگەن بولۇپ، 30 قارار چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرغان. جۇڭگودىكى تارمىقى 2010-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان ئىدى.

     

    مەنبە: جۇڭگو شېئىرىيەت تورى

    分享到: