ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-17

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ10 (تەلمېھ) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ10 (تەلمېھ)

    10.تەلمېھ

    تەلمېھ «نەزەر سالماق» دېگەن مەنىدە. شېئىر ياكى نەسىردە مەشھۇر تارىخىي ۋەقەلەر، ئەپسانىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر ياكى ماقالىلەرگە ئىشارە قىلىش سەنئىتىدۇر. شائىرلار مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە كۆپىنچە شەرقتە كەڭ تارقالغان «پەرھات-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»، «ۋامۇق ئۇزرا»، «تاھىر-زۆھرە» كەبى قىسسەلەر، داستانلارنىڭ قەھرىمانلىرى نامىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

    ئوقۇرمەن ئۇ ياكى بۇ نامغا ئىشارىنى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشۇ قىسسە، داستان، ئەپسانە مەزمۇنى، ئونىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ ھاياتى، سۆيگۈسى، كۆرىشى، پاجىئەلىك تەقدىرى جانلىنىپ، شائىر دېمەكچى بولغان غايىنى، پىكىرنى، چۈشەنچىنى يارقىنراق تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، چوڭقۇرراق چۈشىنىپ يېتىدۇ. بۇ جەرياندا ئوقۇرمەن ئۆزى مۇتائىلە قىلىۋاتقان ئەسەر قەھرىمانىنىڭ ھاياتى، تۇيغۇلىرى، مەنىۋى قىياپىتى ئاشۇ مەشھۇر قىسسە، ئەپسانە قەھرىمانى بىلەن بىرگە قىياس قىلىدۇ. مەسىلەن:ئوقۇرمەن لۇتفىنىڭ

    ھۇسنى نەسلىدىن سېنىڭدەك ئاي پەيدا بولمادى،

    ماھى كەنئانىي دەغى ھەم مۇنچە زەبا بولمادى.

    بېيىتىدىكى «ماھى كەنئانىي» ئىشارىسنى كۆرىدىكەن، دەرھال كۆز ئالدىغا مەشھۇر «يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا» داستانى، ئۇنىڭدىكى يۈسۈپ قىياپىتىنى كەلتۈرىدۇ. مەلۇمكى، يۈسۈپ جاھاندىكى بارچە گۆزەللىكنىڭ ئوندىن توققۇزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىنسان. ئوقۇرمەن ئەمدى لۇتفى تەسۋىرلىگەن مەھبۇبىنى يۈسۈپ بىلەن قىياسلاپ، ئۇنىڭ يۈسۈپتىنمۇ گۆزەللىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىدۇ.

    شېئىرىيىتىمىزدە شەرقتە كەڭ مەشھۇر بولغان مۇھەببەت قىسسەلىرى، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىرى ناملىرىغا ئىشارە قىلىش ھەم ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ

    سەندىن ئۆگەنگەن كەبى لەيلۇ شېرىن زۇلمۇ كىن،

    مەندىن ئۆگەنمەك كېرەك مەجنۇن بىلە فەرھاد ئىشق.

     

    ئۇۋەيسىنىڭ

    جەفا تەگدى باشىمغە لەيلىيۇ، شېرىنۇ ئۇزرادىن،

    بۇكۈن ۋامىق ئىلە مەجنۇنۇ فەرھادىمنى ساغىندىم.

    كەبى بېيىتلاردىكى تەلمېھلار شۇ خىل ئىشارىلەردىندۇر.

     

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ) 

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

     

     

     

    分享到:

    评论

  • 记事本غا بىر چاپلاپ ئاندىن بىلوگقا يۇلۇپ ئېلىپ كەلسىڭىز،خەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەم رەڭگى بىلوگ تەڭشگەن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ،سىناپ بېقىڭ
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复يۇلغۇنجان说:
    بولىدۇ. تەشەككۈر! مەن سىناپ باقاي!
    2011-05-25 19:13:57
  • رەشىدكا،بىلوگىڭىزدىكى ھەرخىل رەڭلىك توم يېزىقلار كۆزگە سەل زىيان قىلىۋاتىدۇ،بەزى ماۋزۇ ئەكىس سادالىق ...خەت ۋە رەڭلەرنى بىلوگنىڭ ئۆز مەيلىگە قويىۋەتسىڭىز بوپتىكەن
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复گۈلىستان说:
    مېنىڭكىدە نورمال كۆرۈنىۋاتىدۇ. بىلوگىنىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش دېگەن نەرسىنى تازا چۈشەنمەيۋاتىمەن. ئەددەت ئۆزۈم ۋورد تىلا تەييارلاپ ئاندىن يوللايمەن. بۇنى يەنە قانداق قىلىش مۇمكىن؟
    2011-05-25 18:29:12