-
2013-02-09
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككى كاتتا شائىرىنى ئەسلەيمىز! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككى كاتتا شائىرىنى
ئەسلەيمىز!
ئەلشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 572 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز!
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 112 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز
بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋايى (1441-1501)
ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇ... -
2012-03-21
نەۋرۇز بايرىمىغا قۇتلۇق بولسۇن! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
نەۋرۇز بايرىمىغا قۇتلۇق بولسۇن!
بارلىق ياخشى نىيەتلىك، ئۇشبۇ نەۋرۇزنى ئۆزىنىڭ بايرىمى دەپ بىلگەن قېرىنداشلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!
-
2012-02-21
ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىمىز! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
«دۇنيا ئانا تىل كۈنى»دە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىمىز!
2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى
مەن ئۇيغۇرمەن! ئوغۇز ئەۋلادى، تۈركلەر يىلتىزى بولغان شەرەپلىك خەلق «ئۇيغۇر»نىڭ پۇشتىمەن. مېنىڭ ئانا تىلىم جاھان «تۈركىي ھۈنەرىست» دەپ تەرىپلىگەن، مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دە ئىز سالغان، ئەلشىر نەۋايى تىل مەملىكىتىدە سۇلتانلىق قۇرغان ئۇيغۇر تىلىدۇر. بۈگۈن جاھان قانچە تەرەققىي قىلمىسۇن، بىز ئۆز ئانا تىلىمىزدا قەلبىمىزگە چۆكەلىگىنىمىزدىن، دۇنياغا ئۆز ئاۋازىمىزدا سۆزلىيەلىگەنلىكىمىزدىن، يەنە تالاي ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ مۇشۇ «ئۇيغۇر تىلى» ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى دەۋا قىلالايدىغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز!
ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى، ساپلىقىنى، ھۆرمەت – شەرىپىنى قوغداشقا ھەر قاچان سەزگۈر ۋە بىجاندىل تەييار تۇرىمىز.
ئەڭ ئاددى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئانا تىلىمىز ئۈچۈن تەنتەنە قىلىمىز!
-
2012-02-09
ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىغا 571 يىل بولدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىغا 571 يىل بولدى
تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنىۋىي ئۇستازى، تىل مەملىكىتىنىڭ ساھىبقىرانى، ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك پۇشتى، مۇتەپپەككۇر، شائىر، دۆلەت ئەربابى ئەمىر ئەلشىر نەۋايى تەۋەللۇتىغا بۈگۈن 571 يىل بولدى. بىز بۇ بۈيۈك ئۇستازنىڭ مەنىۋىيەت پايانىمىزغا قالدۇرغان سەرخۇش قەدەملىرىنى، خۇش ئىپار گۈلدەستىلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ئىلكىدە ئىھتىرام بىلەن ياد ئېتىمىز.
ئەل ئوغلانلىرى ھامان خەلق قەلبىدە ئۇنتۇلمايدۇ. ئەرنىڭ يىلتىزى ئەلدە! ئۇلۇغ ئاللاھ، ئارىمىزدىن ئۇنىڭدەك ئەل غۇرۇرىنى ساقلىغان، ئەل غۇرۇرىغا مەنىۋىي يۆلەك بولغان ئۇستازلارنى كەم قىلمىسۇن! ئۇنىڭ روھىناتىغا ئەمىنلىك تىلەيمىز!
-
قەھرىمان ئەزىمەت، ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 111 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز!
ئەي ئاللاھىم، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئارمان بىلەن كەتكەتلەرنىڭ جايىنى جەننەتتە قىلغايسەن! (2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى)
-
2012-يىلى ب د ت تەرىپىدىن «مۇستاپا ئىترى يىلى» دەپ بېكىتىلدى
ب د ت خەلقئارا ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «مۇستاپا ئىترى يىلى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
-
2012-01-16
ئۆزبېكچە ئاۋازلىق ئەدەبى ئەسەرلەر - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
{چاپلانما} ئەسسالام قېرىنداشلار:
بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ماشىنا تەرجىمانغا ئاپتوماتىك ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا توپلانغان بىر يۈرۈش ئاۋازلىق ئەسەرلەر بار ئىكەن. كۆپچىلىكنىڭ ئۇ ئەسەرلەرنى تېپىشىغا ۋە بىرمۇ-بىر چۈشۈرۈشىگە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، شۇلار ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بەھىرلىنىشىڭلارغا سۇندۇم.
-
مەمتېلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز!
-
2011-11-09
«ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
«ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى
-
2011-11-06
قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك ئەزىزلىرىم! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك ئەزىزلىرىم
!
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن يەنە شۇنداق گۈزەل كۈنلەرگە ئۇلىشىپ، رەھمەت ۋە ھىدايەت بايرىمى بولغان قۇربان ھيىتنى كۈتىۋالماقتىمىز. مەن رەھمەت ئىگىسىگە ھەمدۇ - سەنالار ئوقۇش بىلەن بىرگە ئەزىز قىرىنداشلىرىمغا، ھەمپىكىر، ھەمساۋاق دوستلىرىمغا، ۋە دۇنيانىڭ بارچە ئىقلىملىرىدىكى ئەھلى مۇسۇلمانلارغا، ياخشى نىيەت كىشىلەرگە ئىزگۈلۈك تىلەيمەن! ئاللاھ، گۇناھلىرىمىزنى بۇ ئۇلۇغ كۈننىڭ خاسىيىتى بىلەن مەغپىرەت قىلغاي. ئىككى دۇنيا ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەر قاتارىدىن بولۇشقا نىسىپ قىلغاي!
قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك ئەزىزلىرىم!
-
2011-10-21
شۋېتسىيە شائىرى توماس2011-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
شۋېتسىيە شائىرى توماس2011-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 6 - ئۆكتەبر خەۋىرى: شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شۋېتسىيە شائىرى توماس تىرانسترومېر (Tomas Transtroemer) نىڭ 2011 - يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
-
2011-10-21
18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى
18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيى»دا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.
-
2011-09-08
دېھقان شائىرى روزى سايىتنى ئەسلەيمىز! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
دېھقان شائىرى روزى سايىتنى ئەسلەيمىز!
يىللار ئۆتۈپ ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى، دېھقانلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي قەلىب ساداسىنى يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى مەرھۇم روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقى كىلىپ قاپتۇ. بۈگۈن بىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىلى ساق ئون يىل بولدى.
-
2011-08-25
ئەزىزتۈرك بىلوگى قايتا قوزغىتىلىدۇ - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىزتۈرك بىلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى!
يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەۋەبى بىلەن تورغا كىرىش ۋاقتىمنىڭ قىس بولۇپ قالغاچقا بىلوگىمدا <تەتىل> قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئىشلىرىمنى تەرتىپكە سېلىپ، خاتىرجەم تور مۇھىتىغا ئېرىشكۈچە يەنىلا بىلوگنى قايتا قولغا ئالالمىىم. يېقىندىن تورداشلارنىڭ ماڭا يوللىغان قىسقا ئۇچۇر، ئېلخەتلىرىدىن بىلوگىمغا كېلىۋاتقان زىيارەتچىلەرنىڭ قۇرۇق قول قايتقۇسى يوقلىقىنى تېما يوللاپ يېڭىلاپ تۇرۇشۇمنى ھېس قىلىپ قالدىم. شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ ئەزىزتۈرك بىلوگى قايتا قوزغىتىلىپ، قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
زىيارەتچى دوستلارنىڭ كەلگەن قەدىمىگە مەرھابا!
ھۆرمەت بىلەن : بىلوگ مەسئۇلى رەشىد
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى
-
2011-05-29
«ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقىغان 10 رومان» نى توردا باھالاش پائالىيىتى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقىغان 10 رومان» نى توردا باھالاش پائالىيىتى
-
2011-05-25
بىلدۈرگۈ : بىلوگىم بىر ئايلىق تەتىلگە چىقىدۇ - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
بىلدۈرگۈ : بىلوگىم بىر ئايلىق تەتىلگە چىقىدۇ
ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغانسېرى تورغا چىقىشقا ۋاقتىم يەتمەي، بىلوگقا تېما تەييارلاش ۋە يوللاشقا يېتىشىپ بولالماي قالدىم. شۇڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى ئوقۇپ، بىر ئاز خاتىرجەم مۇھىتقا يېتىشكۈچە بولغان مەزگىلدە (تەخمىنەن بىر ئاي) ئەزىزتۈرك بىلوگىغا تېما يوللاش ۋاقىتلىق توختىتىلدى. تورداشلارنىڭ بىلوگىمنىڭ ۋاقىتلىق يېڭىلانماسلىق مەسىلىسىنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن. بىلوگىمدىكى ئىلگىرىكى باشقا تېمىلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرغايسىزلەر! ئامان بولۇڭلار!
ھۆرمەت بىلەن بىلوگ مەسئۇلى : رەشىد
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
-
2011-05-17
دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيى جۇڭگو تارمىقىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيى جۇڭگو تارمىقىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭگو شېئىرىيەت تورى 5-ئاينىڭ 3-كۈندىكى خەۋىرى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگو ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
-
2011-04-23
«يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
«يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!!
شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ 22-ئاپرىل شىئەن خەۋىرى: بۈگۈنكى كۈندە خەت – چەكنىڭ ئورنىنى ئېلخەت، كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئورنىنى بلوگ، قەلەمنىڭ ئورنىنى كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىلىرى ئىگەللىمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر خەنزۇچە خەت يېزىشنى ئۇنتۇپ قېلۋاتىدۇ. بەزىلەر خەنزۇ تىل – يېزىق مەدەنىيىتى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلىماقتا
-
2011-02-27
قايغۇلۇق خەۋەر: ئالىم، تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ۋاپات بولدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
قايغۇلۇق خەۋەر: ئالىم، تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ۋاپات بولدى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم، تونۇلغان شائىر ھەم ئەدىب، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلچىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت – تارىخى تەتقىقاتچىسى، ئەل سۆيگەن جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ( ھاجى ( ئەپەندى2011 –يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى .
-
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سان مۇندەرىجىسى
پوۋېست
يىلان مۈڭگۈزى ................................. تۆلەندىن ئەزىم زۇليارى
ھېكايىلەر
ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى..................................................پەرھات تۇرسۇن
نامازشام گۈلى.......................................................رەشىدە سېيىت