ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-09

    «ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    «ئەلشىر نەۋايى  تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى


    بۇ يىل 15-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك مۇتەپپەككۇرى، ئەدىب، شائىرى، بىباھا مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئەدىب ئەلشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 570 يىللىق خاتىرە يىلى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېت ئەدەبىيات فوكولتىتىنىڭ ھەمكارلىشىشىدا، بۈگۈن يەنى 2011-يىلى11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى كوئىنلۇن مىھمانخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش زالىدا «ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى . يىغىنغا ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە چەتئەللەردىن ئالىم، مۇتەخخەسس، رەھبەرلەر، شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدىن بولۇپ 400 گە يېقىن مېھمان قاتناشتى.

    ئەلشىر نەۋايى ئېلىمىزنىڭ 15-ئەسىردىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى ئەدىبى ۋە شائىرى بولۇپ ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .ئۇ قالدۇرغان نادىر ئەدىبى ئەسەرلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىباھا مەدەنىيەت مىراسى، شۇنداقلا دۇنيا كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر . مانا بۈگۈن مۇتەخەسىس، ئالىملار كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ بۈيۈك ئۇستازىنى خاتىرلەش، ئۇنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ۋە ئەدىبى ئەسەرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇنىڭ تەۋەرۈك ئەسەرلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتۇر.

    بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلاردىن ئاپتونۇم رايوننىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەت، ئابلىز ئابدۇرېھىم، خەن زىيۇڭ، ئازات سۇلتان ، مۇختار مەخسۇت ، ئابلىمىت ئابدۇرېشىت ، ئابدۇكىرەم راھمان ، سۇلايمان ئىمىن، ئىمىن ئەھمىدى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، راھىلە داۋۇت، غازى ئەھمەد، چەتئەللىك مېھمانلاردىن گىرمانىيەدىن كارىل لېيكىر، تۈركىيەدىن ئوسمان فىكرى سېرتىقيا، ئايشەمگۈل سېرتىقيا، مۇستافا كاچالىن، بىلال ھۈجەل قاتارلىقلار  قاتناشتى.

    分享到: