ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-09

    تىرىشچان ياش قەلەم ساھىبى – ئاينۇر دولقۇن - [سەرخىللار ئارخىپى]

    تىرىشچان ياش قەلەم ساھىبى – ئاينۇر دولقۇن

     

    ئاينۇر دولقۇن، 1986-يىلى 12-ئايدا قەشقەر كوناشەھەر ئوپالدا تۇغۇلغان. 1992-يىلدىن 2001-يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئوپالدا تاماملاپ، 2001-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 6-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىدە،  2004-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى ماتىماتىكا كەسپىدە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغان. مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بىر تەرەپتىن پەننى بىلىملەرنى ئۆگەنسە يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇتىلى ۋە ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن. ئۆز فاكۇلتىتىدىكى دەرسلەرنى ئاڭلىغاندىن باشقا ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ كەسپى دەرسلىرىگە ياندىن قاتناشقان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە سايباغ ئوتتۇرا مەكتىپىدە 2007يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان دەرسلەرنى ئەستايىدىل، ياخشى ئۆتۈپلا قالماي، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپتە ھەقسىز ئىنگىلىز تىلى كۇرسى، خەنزۇچە ئېغىز تىلى كۈچەيتىش سېنىپى، ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرژۇكلىرىنى تەشكىللىگەن. يەنە شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۇنۋېرسال خاراكتىردىكى، مەكتەپ ئىچىدە تارقىتىلىدىغان 60بەتلىك «مەشئەل» ژورنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى بېسىپ تارقاتقان. ھەر خىل كۇرژۇكلارنىڭ خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، دوكلات سۈپىتىدە بىر قېتىملىق چوڭ تېپتىكى زېھىن سىناش، ماھارەت كۆرسىتىش، سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. 2007-يىلى 7-ئايدىن 2008-يىلى 9-ئايغىچە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ تەشۋىقى تەربىيە بۆلۈم ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا مەكتەپلەرنىڭ «مەكتەپ دەرسى» تۈزۈشكە يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە «كوناشەھەر مائارىپى» ژورنىلىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۆزىنىڭ ئوتتەك قىزىقىشى ۋە تېنىمسىز تېرىشچانلىقى بىلەن 2008-يىلى 1-ئايدا مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى فىلولوگىيە ئېنىستىتوتى ئۇيغۇر ھازىرقى، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2011-يىلى 7-ئايدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى كەسپىدە ماگىستىرلىقنى تاماملىغان.
    ئاينۇر دولقۇن كىچىكىدىنلا ئەدەبىيات ۋە ئىجادىيەتكە زور ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپلا ئەسەر يېزىشقا كېرىشكەن. تۇنجى ئەسىرى 2005-يىلى «قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە «چۈش ۋە ئامانەت» (ھىكايە،شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2007-يىلى 2-سان)، «ۋانكاغا يېزىلغان خەت» (ھىكايە، تەڭرىتاغ ژورنىلى 2008-يىلى 2-سان)، «مەن ساراڭ بولۇپ قالدىم» (ھىكايە، تەڭرىتاغ ژورنىلى 2008-يىلى 5-سان)، «قىز، ئايال، ئانا» (نەسىر، جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى، 2008-يىلى 6-سان)، «يەسلى مائارىپىمىزدا نېمىلەر كەم؟» (ماقالە، كروران ژورنىلى 2009-يىلى 1-سان)، «ئېرپاننىڭ خاتىرىسى»(پوۋسىت، مىللەتلەر ئەدەبىياتى 2010-يىللىق 6-سان خەنزۇچە، 2010-يىللىق 4-سان)، «ئانىلارغا قاچان خەت يازىمىز» (قەشقەر ئەدەبىياتى، 2010-يىللىق 5-سان) قاتارلىق20دىن ئارتۇق ھىكايە، شېئىر، نەسىر، پوۋسىت، ماقالە-ئوبزۇرلىرى ئىلان قىلىنغان.
    2007 -
    يىلى «سۇمرۇغ مۇنبىرى»دە «ئاينۇرې» نامى بىلەن «سۇسىز شارقىراتما»، «ئۈجمە پەسلى»، ، «مېنىڭ بەرگىم قىزىل»، «ئۇنتۇي دەيسەن»،قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق نەسىرلىرى؛ «يوللۇق بەرسەڭ يۈرىگىڭنى بەر»، «قىز دېگەن» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئاھ، مۇھەببەت»، «كۈلگە ئايلانغان خاتىرە» قاتارلىق پوۋسىتلىرى، «كۆك ئۆستەڭدىن نېمە ئىزدەيمىز» قاتارلىق مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان. 2010-يىلى 5-ئايدا ئىچكى موڭغۇلدا ئېچىلغان «مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەر تۈزىتىش كۇرسى»غا قاتناشقان. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئۇيغۇر، زاڭزۇ، موڭغۇل ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىغا قاتناشقان.

    ___ مەسئۇل مۇھەررىردىن

    ئاپتورنىڭ بايانى : تۈركىيەلىك ئۇستازىم مۇستافا كاجالىن مەندىن «سىز نەدىن» دەپ سورىغىنىدا، جۇڭگۇ، شىنجاڭ، قەشقەر، كوناشەھەر دېگەنلەرنى ئەسكەرتمەستىنلا «ئوپالدىن، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ يۇرتىدىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم. ئۇستازىمنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ھاياجان، پەخىرلىنىش ۋە ھەۋەسلىنىش نۇرلىرى چاقنىغان، قولۇمنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشكەن ئىدى. مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ ئوپالدا تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىمدىن، ئەشۇنداق مەرىپەتلىك، جەننەتتەك ماكاندا يېتىلگىنىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.
    بالىلىقىمنى ئەسلىسەم ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ بەختىيار چاغلىرىمدەك بىلىنىدۇ. مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىمىدا مەھەللىدىكى «قابىل تەشكىلاتچى» ئىدىم. تۆت كوچا دوقمۇشىدىكى چوڭ سۆگەت سايىسى پۈركەپ تۇرىدىغان ئىشىك ئالدىمىز ۋە گۈللۈك ھويلىمىز مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ «مەكتىپى»، «باغچىسى» ئىدى. مەن بۇ مەكتەپنىڭ «مۇدىرى»، «ئوقۇتقۇچى»، «ئامانلىق قوغدىغۇچىسى» ئىدىم. ئۇ چاغلاردا مەھەللىدىكى ھەممە بالىلار ئىشىك ئالدىمىزغا يىغىلاتتى. ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى قۇملۇقتىن تىپىپ كەلگەن سېغىزلارنى بور، كۆپكۆك سىرلانغان چوڭ دەرۋازىمىزنى دوسكا قىلىپ ئۇلارغا دەرس ئۆتۈشكە باشلايتىم. مەن ئۈزلۈكسىز «يېڭىلىق يارىتىش»قا ئىنتىلىدىغان، بۈگۈن بالىلارغا «ئۆتۈپ بولغان دەرس»لەرنى ئەتىسى يەنە ئۆتۈپ يۈرمەيدىغان، « ئوقۇتقۇچى»ئىدىم. شۇڭا ھەر كۈنى كەچتە بوۋامدىن يېڭى خەتلەرنى ئۆگىنەتتىم، يېڭى-يېڭى ھىكايىلەرنى ئاڭلايتىم. 1992-يىل ئوما مەزگىللىرىدە مەكتەپكە بالا تىزىملايمىز، دەپ ئوقۇتقۇچىلار كەلدى. ئۇلار كۆزۈمگە ھەممىدىن بۈيۈك ئىنسانلار بولۇپ كۆرۈنگەن، ھېچنېمىدىن ھېيىقمايدىغان تايچاقتەك مەن ئۇ مۇئەللىملەرنى يىراقتىن كۆرۈپلا، كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ بىراقلا يوۋاشلاپ دەرەخ كەينىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا قىزىقسىنىپ قارىغان ئىدىم. سۆيۈملۈك چوڭ ئانام ھاپلا-شاپىلا نوپۇس دەپتىرىنى كۆتۈرۈپ ئىلىپ چىققاندا ھېلىقى ئاق كۆينەكلىك ئاپپاققىز خانىم مېنى تىزىملىغىلى ئۇنىمىدى.
    -
    ئالتىگىمۇ كىرمەپتۇ. 86-يىل 9-ئايدىن بۇرۇن بولسىمۇ مەيلى، 12-ئايدا تۇغۇلغانكەن. 5 ياش ھېسابى بولۇپ كىتىدۇ. بەك كىچىككەن.
    ئۇ چاغلاردا يىل ئاي كۈنلەرنىمۇ بىلمەيتىم. بىر كۈنى بازارغا كىتىۋاتساق بىر ئايال «نەۋرىڭىز ھەجەپ ئوماقكەن، نەچچىگە كىردى» دىسە، چوڭ ئانامنىڭ «خۇدايىم بۇيرۇسا بەشكە كىرىپ، ئالتىگە قاراپ كىتىۋاتىدۇ» دېگىنى ئېنىق يادىمدا. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن مەن 6 ياشنى بازار تەرەپتە دەپ ئويلايتىم. مېنى مەكتەپكە تىزىملىغىلى ئۇنىمىغاندىن كىيىن، بازارغا بارساقلا 6 گە كىرىمەن، دەپ ئويلاپ توختىماي بازارغا بارىمىز دەپ تۇرۇۋالىدىغان بولدۇم.
    قوناق پىشىپ كۆكۋاش پۇشۇرۇپ يەپ ئوينايدىغان چاغلار ئىدى. بىر كۈنى كەچ «ئوقۇغۇچىلىرىم»دىن ئىككىسى سومكىلىرىنى ئالدىمدا كۆز-كۆز قىلىپ، ئەتىسى مەكتەپتە بارىدىغانلىقىدىن ماختىنىشتى. مەن بۇ ئەلەمگە چىدىماي، ئۆيگە كىرىپلا بازارغا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالدىم. چىرايلىق گەپلەرمۇ، پىستە-باداملارمۇ كار قىلمىدى. بازارغا ئەمەس مەكتەپكە ئامراق نەۋرىسىنىڭ بۇنچە كەچتە بازارغا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋىلىشىدىن ھەيران قالغان بوۋام سورىدى.
    -
    بازارغا بارسام 6گە كىرىمەن. ئاندىن مەكتەپكە ئالىدۇ.
    -
    كىم شۇنداق دەيدۇ؟
    -
    ئانام بازارغا كېتىۋاتساق، بىر ئايالغا «بەشكە كىرىپ، ئالتىگە قاراپ كىتىۋاتىدۇ»دېگەن. بازارغا بارساممۇ 6گە كىرمەپتىمەن. كۆپرەك بارسام بالدۇرراق كىرىمەن. ئاندىن مەكتەپكە بارىمەن.
    بوۋام بەك كۈلۈپ كىتىپ، باغرىغا چىڭ باسقان. كىيىنكى ھەپتىسىلا تەڭگە گۈللۈك ئوماققىنە كۆينەك بىلەن، چىرايلىق سومكامغا لىي فىڭنىڭ رەسىمىي چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى سىلىپ مەكتەپكە بارغان ئىدىم. ئۆزۈم بەك بودەك، بويۇم كىچىك بولغاچقا ئالدىنقى ئورۇندا ئولتۇردۇم. بىر مەزگىللىك «ساندىن تاشقىرى»لىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، نوپۇسۇمدىكى تۇغۇلغان ۋاقتىم 1986-يىل 12-ئايدىن 1985-يىل 12-ئايغا ئۆزگەرتىلىپ، ئاندىن «رەسمىي»لەشتىم. مەكتەپكە كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ، ھاياتىم ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئىچىگە كىرىپ كەتتى. باشقا بالىلار ھەرپلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇغاندا مەن «قىسسەسۇل ئەنبىيا»لارنى ئوقۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۈچىنجى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتسام، ئۆيىمىزدىكى ئامراق مۈشۈكۈمنىڭ بىر پۇتى يارىلىنىپتۇ. مەھەللىمىزدىكى كەپتەر باقىدىغان بىر ئادەم بېغىغا قاپقان قويۇپتىكەن، بىچارە مۈشۈكۈمنىڭ پۇتى قاپقانغا چۈشۈپ قاپتۇ. شۇ كۈنى ھاياتىمدىكى تۇنجى ئەسىرىمنى-«مۈشۈكۈم» ناملىق شېئىرنى يازغان ۋە بوۋام تۈزىتىپ بەرگەن ئىدى.
    ئۇسۇل ئوينار قۇيرۇقى،
    ئالا-بۇلماچ مۈشۈكۈم.
    كۆزلىرىغۇ قاپقارا
    ئاق بۇرۇتلۇق مۈشۈكۈم.
    شۇندىن ئېتىبارەن توختىماي «ئەسەر» يېزىپ كەتتىم. شېئىر-نەسىرلەرنى يازىمەن، ئاۋال بوۋامغا كۆرسىتىمەن. بوۋام تۈزىتىپ بەرگەندىن كىيىن، ئاندىن ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئوقۇيمەن. باشلانغۇچنى پۈتتۈرمەيلا «2 توم ئىجاىيەت خاتىرىسى» پۈتكەن ئىدى. شېئىر، ھىكايە، ئىتوت، نەسىردەك ھەممە ژانىر بار ئىدى. بۇ خاتىرەمنىڭ يۈتۈپ كېتىشى ۋە مەلۇم بىر قېتىملىق زەربىدىن كېيىن ئىجادىيەتنى تاشلىۋەتتىم.
    ئۇزۇن كۈنلەر ئۆتتى. قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىگە بارغاندىن كېيىن 2006-يىل بىر قانچە پارچە شېئىرىم ۋە نەسىرىم «قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى گېزىتى»دە ئىلان قىلىندى. تۇنجى قېتىم 15يۈەن قەلەم ھەققىگە ئېرىشتىم. خۇشاللىقىمدا «ئۆمۈر مەنزىللىرى»دىن بىرنى سېتىۋىلىپ ئۆمۈرلۈك خاتىرە قىلدىم. شۇندىن ئېتىبارەن بىر قىسىم شېئىر، ھېكايىلىرىم ئىلان قىلىندى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان «چۈش ۋە ئامانەت» ناملىق ھكايەم ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن باھالار ناھايىتى ياخشى بولدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلدى. داڭلىق دىكتور ئابدۇقادىر ھاشىمنىڭ ئاۋازى بىلەن ھېكايەم ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغاندەك ھېس قىلدىم. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ پەرۋىشكارى ۋە باغۋىنى قۇربان مامۇت ئاكا ماڭا يۇقىرى باھا ۋە نۇرغۇن ئىلھام-مەدەتلەرنى بەردى. شۇندىن كېيىن ئەسەرلىرىم«تەڭرىتاغ»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى»، «كىروران»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «مائارىپ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئىلان قىلىندى.
    2007-
    يىل يانۋاردىن باشلاپ، 2008-يىل 9-ئايغىچە كوناشەھەر ناھىيىلىك سايباغ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىدا بىر يىل ئىشلىدىم. بىغۇبار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىم قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل سۈرەتلەرنى سىزغۇچى، ئۆمۈرلۈك نىشانىمغا ھارارەت بېغىشلىغۇچى

    分享到: