ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-09

    چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىن قېسقىچە بايان (1) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىن قېسقىچە بايان

    گېڭ شىمىن

    تەرجىمان: ئىمىن تاجى تۈرگۈن

     

    18-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىلا، فرانسىيە ئالىملىرى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا تۆھپىلەرنى قوشقان. گوبىل  (R.P.Goubil) 1739-يىلى ئۇيغۇرلار تارىخى بىلەن چىتىشلىقى بولغان ‹‹مۇڭغۇل تارىخى›› ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇرغان①، ئارقىدىنلا دېگويگىنېس (J.Deguinges)‹‹ ھونلار ۋە تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تەتقىقات›› ۋە تۆت توملۇق ‹‹ ھونلار، تۈركلەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى››②   ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. 1720-يىللاردىن كېيىن س. ۋىسدىلۇ (C.Visdelou)‹‹تاتارلار تارىخى››(بۇ يەردە تاتار دەپ ئاتالغانلار مۇڭغۇللارنى كۆرسىتىدۇ- تەرجىماندىن) ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇردى③ بۇ ساھەگە ئائىت يەنە دۇخالېد (Du Halde) تەرىپىدىن  فرانسۇز تىلىدا يېزىلغان ‹‹ جۇڭخۇا ئىمپىرىيىسى ۋە جۇڭگۇ تاتارلار (مۇڭغۇللىرىنىڭ) رايونىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، يىلنامىلىرى، سىياسى ۋە تەبىئىي ئەھۋاللىرى››  ناملىق كىتابمۇ نەشىر قىلىنغان④

    19-ئەسىرنىڭ بېشىدا پارىژدا كلاپرۇتنىڭ (Klaproth) مەشھۇر ئەسىرى ‹‹ ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتى›› نېمىس تىلىدا نەشىر قىلىنغان⑤ پىتىربورگدا روسىيە پروسلاۋىيە دىنىنىڭ ئاتىسى بىچۇرىننىڭ (Bichurin)‹‹قەدىمكى ۋە ھازىرقى  جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى›› ۋە ‹‹ قەدىمكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ماتېرياللىرى››⑥ ناملىق ئەسىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرېسچىناردىرنىڭ(Bretschneider) ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى مەشھۇر ئەسىرى ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى›› نەشىر قىلىنغان. دوسساننىڭ (D’Onsson)‹‹ مۇڭغۇل تارىخى --چىڭگىزخاندىن تىمۇرگىچە›› ناملىق كىتابتىمۇ ئۇيغۇرلار تارىخىغا چىتىشلىق بولغان مەزمۇنلار بار⑦

    19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىكى شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيىتى غەربتىكى ئالىملارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. گېرىگورىيىفنىڭ  (Grigor’ev) روس تىلىدا يازغان ئىككى توملۇق ئەسىرى ‹‹تەبىئىي جۇغراپىيە ئىلىمىي—شىنجاڭ›› ناملىق ئەسىرىدە 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مىللەتشۇناسلىىق ۋە جۇغراپىيىگە ئائىت ماتېرياللارمۇ كىرگۈزۈلگەن⑧.بۇ كىتاب تا ھازىرغىچە ئىلمىي قىممىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.

    ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت مەخسۇس ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى تېخى ھەل قىلىنمىغان ئىدى. مۇڭغۇلشۇناسلاردىن يا.شىمىدىت (Ya .Shmitd) ۋە د.بانزاروۋلار (D.Banzarov) ھەتتا ئۇيغۇرلارنى تۈركلەردىن دەپ قارىمىغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيە ئالىملىرىدىن رادلوفنىڭ (W.Radloff)‹‹ ئۇيغۇر تارىخى ئوچرىكى››⑨ ۋە پوزدىنىۋنىڭ (D.pozdneev)‹‹ ئۇيغۇرلار تارىخىدىن قېسقىچە مەلۇمات››⑩ ناملىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى مەسىلىسى ھەققىدە ھىچكىم گۇمانىي پىكىردە بولالمىغان. پوزدىنىيىۋنىڭ كىتابىنىڭ بىرىنجى قىسىمىدا ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە ۋە ئەسەرلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

    بارتولدنىڭ (W.W.Bartold)‹‹ يەتتە سۇ تارىخى ئوچرىكلىرى››(ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ 2000-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن)، ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتى›› ، ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا››، ‹‹ مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا خىرىستىئان دىنى››، ‹‹قىرغىزلار››، ‹‹ تۈرك-مۇڭغۇل خەلقلىرى تارىخى›› ( بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى بارتولد ئەسەرلىرىنىڭ 10-تومىغا كىرگۈزۈلگەن) قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر قاتار موھىم ئەسەرلىرى بار.

    بۇلاردىن باشقا 19-ئەسىردە نۇرغۇنلىغان روس سەيياھلىرى شەرقى تەڭرىتاغ رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزىرىنى ئاغدۇرغان. مەسىلەن، گىرىم-گىرژىمايلوفنىڭ (Grum. Grzhimaylo)‹‹ جۇڭگۇنىڭ غەربىگە قىلىنغان ساياھەت خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-بۆلىكىدە تەڭرىتاغنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا ئائىت مەخسۇس باپلار بايان قىلىنغان. ئۇمۇ گىرىگورىيىفقا ئوخشاش ئوخشىمىغان ئاپتۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ تارىخى ھەققىدىكى ماتېرياللارنى ئومۇملاشتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    فرانسىيلىك خەنزۇشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى مۇتەخەسىسى شاۋان (Ed.Chavannes) ۋە پېللىئوت  (P.pelliot) شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. فرانسىيلىك يەنە بىر خەنزۇشۇناس خ. كوردېرنىڭ  (H.Cordier) تۆت توملۇق ‹‹ جۇڭگۇنىڭ ئومۇمىي تارىخى›› ناملىق يېرىك ئەمگىكىنىڭ 2-تومى پۈتۈنلەي تۈرك، مۇڭغۇل تارىخىغا بىغىشلانغان.

    فرانسىيلىك مەشھۇر ئالىم گىروسسىينىڭ (R.Grousset)‹‹يىراق شەرق تارىخى›› ۋە ‹‹ بوز قىر ئىمپىرىيىسى تارىخى›› ناملىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار رتارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار موھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.

    1934-يىلى روسىيلىك مەشھۇر مۇڭغۇلشۇناس ۋىلادىمىرسىتوف (B.Ya.Vladimirtsov)‹‹ مۇڭغۇللارنىڭ ئىجدىمائىي ئىگىلىكى—مۇڭغۇل كۆچمەن فېئودال تۈزۈمى›› (16)ناملىق كىتابمۇ ئۇيغۇرلار تارىخى تەتقىقاتىدا يىتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. كىتابتا كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى، قانۇنى ئورنى تەكىتلەنگەن ۋە ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئېكىسپىلاتسىيە ئۇسۇلى ۋە شەكلىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

    1947-يىلى ياكوبوۋېسكىي (A.Yu.Yakubovskiy)‹‹ ئەرەب، پارس مەنبەلىرىدىكى قۇچۇ خانلىقى(9-10-ئەسىرلەر)›› ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىدە ئاپتۇر ئەرەب، پارس يېزىقىدىكى تارىخى ماتېرياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ 9-10 ئەسىرلەردە تۇرپاندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان(17).

     گىرمانىيلىك ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىم (Annemarie von Gabain) (1901-1993) بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، دىنى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلغان. پۈتۈن ئۆمرىدە 300 دىن كۆپرەك ماقالە ئېلان قىلغان. خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ئالىم. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇستازى  ۋېليام باڭ (W.Bang) بىلەن ئالتە توملۇق ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى›› ، ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمالى› ھەققىدە تەتقىقات›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1941-يىلى ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى›› ناملىق ۋەكىللىك ئەسىرنى ئېلان قىلغان. 60-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە سەنئەت تەتقىقاتى ساھەسىگە يۈزلەنگەن ۋە بۇ ساھەدىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

    40 -يىللارنىڭ ئاخىرى 50-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇ ‹‹ قەدىمكى تۈركلەر ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى››(1949-يىلى)، ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تارىخى››(1952-يىلى،‹‹ شەرقى ئاسىيا تەبئەت ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى خەۋەرلىرى›› گە بېسىلغان)،‹‹ تۈرك-ئۇيغۇرلاردا بۇددىزىم››(1954-يىلى، پروفىسسور مۇللىرنى خاتىرلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن)، ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلنامىچىلىكى››، ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇددىزىم››(1961-يىلى گوللاندىيىدە چىقىدىغان ‹‹ شەرقشۇناسلىق قوللانمىسى›› ناملىق ژورنالدا ئېلان قىلىنغان)، ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى›› (1961-يىلى ماينېز پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشىر قىلغان، مەن بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى›› نىڭ 1980-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلدۇرغان)، ‹‹ تۇرپاندىن تېپىلغان بويۇملاردىكى مەتبەئە تېخنىكىسى››(1967-يىلى گىرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىللىق يىغىن دوكلاتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن قىسىمىغا بېسىلغان)، ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا تۇرمۇش›› (2-قېسىم، 1973-يىلى، بۇ كىتابنى زۇرۇشەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. كىتابنىڭ كېرىش سۆز قېسىمىدا  مېنىڭ گابائىن خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالەم بېسىلغان)، ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن ئومۇمىي بايان›› (1979-يىلى) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان موھىم ئىلمىي ماقالىلىرى بار.قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى تەتقىقاتى جەھەتتە ‹‹ ئۇيغۇرلاردا بۇددىزىم سەنئىتى›› (ئۇ بۇ ماقالىسىنى 1982-يىلى جۇڭگۇدا زىيارەتتە بولغاندا بەرگەن دوكلاتى ئاساسىدا يازغان،كېيىن بۇ ماقالە ‹‹تۈرك تىلى تەتقىقاتى خەۋەرلىرى›› نىڭ 1983-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدىن باشقا يەنە ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹داساراجا سۇترا› دىكى ياغاچ ئويما قىستۇرما رەسىملەر تەتقىقاتى››⒅ ناملىق ئەسىرىمۇ بار.

    داۋامى بار

    分享到: