-
2011-11-09
سۆيگۈ دەۋاسى - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
سۆيگۈ دەۋاسى
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
يامغۇرنىڭ يىغلىغان ئۈنى ئاڭلىنار،
ئەينەكلەر چېقىلماق بولار بى سەۋىر.
ئىستەككە لىق تولغان ھايات ئۆيىدە،
سۆيگۈگە ئىزلىدىم ئۆمرۈمدىن تەبىر.
مەن ئۇنى ئۇچراتتىم يۇلتۇزلۇق تۈندە،
ئاسمانغا لىق تولۇپ تۇردى تەشنالىق.
چۈشلەرگە ساقىدى ھىلال ئاشۇ كۈن،
نۇرلىرى بەك پاكىز، كۆزى ھايالىق.
مۇڭلانغان كۆللەرگە يىيىلدىم تۈندە،
بېلىقلار ئىسمىنى شىۋىرلاپ يۈتتى.
بىلىمەن ئۇلارمۇ شۇ كۆزگە ئاشىق،
ئېھ، بىر قول قىسمەتكە باشقىنى پۈتتى.
تاڭلارنى چاقىرىپ ناخشا توۋلىدىم،
مۇڭىمغا چىدىماي يىغلىدى دۇتتار.
ئاۋازىم قۇرىدى تاشنىڭ تۈۋىدە،
يامغۇرغا ئايلاندى دىلدىكى ئىزھار.
ھە بىلدىم، سۆيگۈنىڭ تەبىرى يامغۇر،
بۇ ھايات كوچىسى چىلىق - چىلىق ھۆل.
بىز - بۇلۇت ، بىر چوغقا ئاشىق بولغاچقا،
تۆكۈلۈپ، تۆكۈلۈپ پەيدا بولدى كۆل.
بۇ كۆلنىڭ تاشقىنى توپان بالاسى،
بۇ كۆلنىڭ قىرغىقى ئىشىق دالاسى.
بىز يەنە شۇ كۆلگە چىلىنىپ تۇرۇپ،
بىر ئۆمۈر قىلىمىز سۆيگۈ دەۋاسى.
2011.11.9