ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-18

    ئىرادە ۋە نىشان: - بەرقى بىلەن سۆھبەت -1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر:

    ئىرادە ۋە نىشان: - بەرقى بىلەن سۆھبەت -1

    خاتىرلىگۈچى :  ئابدۇمىجىت مۇھەممەت

     

      رىياسەتچى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سورۇنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەزىز مېھمانلار، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېلۋىزور كۆرگىچىلەر، چىن يۈرەكتىن-چىن سۆز پروگراممىمىزنى ياختۇرۇپ كۆرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.

       بىز بۇ قېتىملىق پروگرامىمىزدا ئىرادە ۋە نىشان دېگەن تېمىدا سۆھبەتلەشمەكچى، شۇڭا بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزغا، شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتوتىنىڭ لىكتورى، ئوقۇتقۇچى ئابلەھەت ئابدۇرېشىت بەرقى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلدۇق، قېنى قىزغىن قارشى ئالايلى.

       پروگراممىمىزغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆرۈرمەنلىرىمىز بەلكىم دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن،ئابلەھەت ئەپەندى بىزنىڭ بۇندىن ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىملىق پروگراممىزغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان، لېكىن بۇ قېتىمقى پروگرامىمىزدا بىز ئىجتىمائىي تىمىلاردا ئەمەس، سىزنىڭ ئۆزىڭىز باشتىن كەرچۈرگەن بىر مەيدان بىر قېتىملىق ئىرادە جېڭى توغرۇلۇق پاراڭلىشىمىز.

       رىياسەتچى: بۈگۈنكى ھىسياتىڭىز باشقا چاغلارغا قارىغاندا سەل باشقىچىغۇ دەيمەن؟

       بەرقى: ئىلگىرىكى پروگراممىلاردا ھەمراھلىرىم بار ئىدى، بۇ پروگراممىدا يالغۇز چىقىپ قالدىم.

       رىياسەتچى: ئازراق جىددىيلىشىۋاتامسىز؟

       بەرقى: ياق جىددىيلەشمىدىم.

     رىياسەتچى: ئۇنداق بولسا سۆھبېتىمىزنى باشلاپ كەتسەك، سىز بىلەن پاراڭلىشى جەريانىدىمۇ ئويلىنىپ قالدىم، نىشان ۋە ئىرادە توغرۇلۇق گەپ بولسا ئالدى بىلەن بىزدە ئىرادە بولىشى كېرەكمۇ ياكى نىشاننى ئىنىق قىلىۋېلىپ ئاندىن ئىرادىنى تىكلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئاۋال قايسىنى قىلىشىمىز كېرەك؟

      بەرقى: بۇ مەسىلىگە قارىتا كېسىپ ئېيتىدىغان گېپىم، ئاۋال نىشان بولىشى كېرەك، چۈنكى نىشان بولماي تۇرۇپ ئىرادە تىكلىۋالساق، بۇ ئىرادە نىمە ئۈچۈن تىكلەندى، نەگە بېرىش ئۈچۈن تىكلەنگەنلىكىنى ئېنىق بولمىغان ئىرادە بولۇپ قالىدۇ. ناۋادا بىز  نىشاننى بېكىتىۋالساق  ئىرادە بوشراق بولۇپ قالسىمۇ، بىزنىڭ نىشانىمىز ئېنىق بولغاچقا ھېرىپ قالغاندا توختاپ قېلىپ ئەتىسى ھاردۇقىمىز چىققاندىن كېيىن يەنە مېڭىپ نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.لېكىن بىزدە نىشان بولمىسا نەگە بارىمىز، نىمە ئىش قىلىمىز ھېچقايسىسى ئېنىق بولمىغاچقا، بىز بېشى يوق چىۋىنگە ئوخشاش، بىر دائىرىدە پىقىراپ، بارغان يېرىمىز ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن، بىر ئادەمنىڭ دۆڭ كۆۋرۈككە بارىمەن دەيدىغان نىشانى بولسا، چۇقۇم شۇ نىشان بويىچە قايسى يول بىلەن ماڭىمەن، قايسى ماشىنىغا چىقىمەن دېگەنلەرنى كاللىسىدا ئانالىز قىلىپ شۇ تەرەپكە قاراپ سىلجىيدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ شۇ تەرەپكە بېرىش نىيىتى بولمىسا، نىشانى بولمىسا ئۇنىڭ دۆڭ كۆۋرۈككە بارالىشى ناتايىن.

       رىياسەتچى: ئالدى بىلەن نىشان ئېنىق بولىشى كېرەككەن شۇنداقمۇ؟ سىزنىڭ شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىر مەيدان ئىرادە جېڭى» دېگەن ماقالىڭىزنى ئوقۇدۇم، ئەڭ دەسلەپتە سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى يېتىلدۈرگەن نىشانىڭىز خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئىكەن، لېكىن خەنزۇتىلى ئۆگىنىش جەريانىدا سىز دىققەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن مۇئەللىمدىن بىر قېتىم تاياق يەپتىكەنسىز شۇنداقمۇ؟

       بەرقى: كىچىك ۋاختىمدىن باشلاپ ئاز تاياق يەپ چوڭ بولغاچقا، باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا تۇنجى قېتىم خەنزۇتىلى دەرستە،   سورىغان بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمىسەم ئوقۇتقۇچى سۈپۈرگىدىن ئاجرىتىۋالغان تاياق بىلەن كاللامغا بىزنى ئۇرغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككى كۈن مەكتەپكە بارمايمەن دەپ قېچىپ يۈردۈم، لېكىن ئانام مىنىڭ  سىنىپ مۇدىرىم ئىدى.شۇڭا مەكتەپتىن قاچاي دىسەم ئۆيدىن قىچىپ كەتسەم بولىدىكەن، شۇڭا ئاخىرى يەنە مەكتەپكە كىرىشكە مەجبۇر بولدۇم، لېكىن ئىككىنچى قېتىم يەنە تاياق يەپ قالماسلىق ئۈچۈن مەن قايتىدىن ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.شۇڭا بۇنى بىر ئىرادە دېيىشتىن كۆرە تاياق يىيىشتىن، ئىزا ئاڭلاشتىن قورقۇش تۈپەيلى ئۆگىنىش قىلىش دېسەكمۇ بولىدۇ.

     رىياسەتچى: لېكىن شۇ بىر قېتىملىق تاياق يىيىش سىزنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپتىكەن شۇنداقمۇ؟

       بەرقى: مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قايتا تاياق يىمەسلىك ئۈچۈن باشقا بالىلارغا ئوخشاش نورمال ئۈگەندىم، لېكىن ئىمتىھان بېرىپ بولۇپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەتتىم. مەن تاكى ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا ئىزچىل خەنزۇتىلى ئۆگەندىم، سىنىپ بويىچە نەتىجەم ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى، لېكىن شىنجاڭ سىفەن داشۆنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا كېلىپ قاراپ باقسام، خەنزۇ تىلى سەۋىيەم سىنىپتىكى 30بالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىكەن.   مەن ئىلگىرى ياخشى ئۆگەندىم دېگەن، لېكىن ئۇ مەن ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۆلچىمى ئىكەن، لېكىن تېخىمۇ بەك ياخشى ئۆگەنگەن ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ قاراپ باقسام، ئاساسەن ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن.

       رىياسەتچى: ئاساسلىقى يازغۇچى بولۇش ئارزۇيىڭىز بار ئىكەن، شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپتىكەنسىز، ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ خەنزۇتىلى جەھەتتە ھەقىقەتەن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن خەنزۇتىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگەنمىسەم بولمايدىكەن دېگەن ئويغا كەپتىكەنسىز، ھازىر داۋاملىق تۈردە ئانا تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىۋېتىپسىز، مىنىڭ قارىشىمدا يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەكمۇ؟

      بەرقى: مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا كاللامغا تۇيۇقسىز يازغۇچى بولۇش دېگەن بىر ئوي پەيدا بولدى، لېكىن مىنىڭ كاللامدا يازغۇچى بولۇش دېگەن ئاڭنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان نەرسە  شۇكى ،مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە  بىر مەشىق ئەسىرىم تويۇقسىزلار خوتەن« يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ قالدى. لېكىن مەن بۇنى ئېلان قىلىنىپ قالار دېگەن ئويدا ئەمەس بەلكى مەن بۇ ئەسەرنى ياخشى يازدىم،ژورنالدىكىلەر كۆرۈپ باقسا دەپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ئەۋەتكەن، كېيىن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىم، ئارىدىن 4ئاي ئۆتكەن ۋاقىتتا بىر بالا ماۋۇ ژورنالدا ئىسمىڭىز تۇرىدۇ دىدى، قارىسام مىنىڭ ئىسمىم شۇ، ئەسەرمۇ شۇ،  بەكمۇ خوش بولۇپ كەتتىم، مەن بۇ خوشاللىق بىلەن ئوچىرىغانلىكى ئادەمگە بۇ ژورنالنى كۆرسىتىپ يۈردۈم، ئارلىقتا تويۇقسىز قەلەم ھەققى كېلىپ قالدى.

    رىياسەتچى: قانچە پۇل كەلگەنتى؟

    بەرقى: ئاز بولسىمۇ 10كوي كەلگەن، ئۇ ۋاقىتتا  5موچەنگە بىر تەخسە لەغمەن، 4،  5 موچەنگە ياخشى كىتاب سېتىۋالغىلى بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن 10كوينى ئېلىپ چىقىپ ئۇزۇندىن بويان سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن لېكىن پۇلۇم يوق ئالالمىغان كىتابلار نىڭ  ھەممىنى سېتىۋالدىم. كېيىن  -ھە بۇمۇ بىر ياخشى ياشاش ئۇسۇلى ئىكەن ،يازغۇچى بولۇش خىزمەتكە چىقىپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا مەلۇم كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىش ئىكەن دەپ تېخىمۇ بەك قىزىقتىم.  ئەسەرلىرىممۇ ئېلان قىلىنىپ تۇردى، قەلەم ھەققىنىمۇ ئېلىپ تۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىم سەن تەبئىي پەندە ئوقۇ دىسە  ا ئونىماي شىنجاڭ سىفەن داشۆنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم.   ئالى مەكتەپتە مەن ئىرىشمەكچى بولغان بەزى بىر مەنبە ۋە بىلىملەرنىڭ   بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ماتېرىياللاردا كۆپ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى دەۋردە مودا بولغان گۇڭگا شېئىر قىزغىنلىقى  مېنى  گۇڭگا شېئىرغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئادەم بىرخىل چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلىدىغاندەك ياكى مەن چۈشىنەلمەيدىغان گەپلەرنى قىلىدىغاندەك تۇيغۇغا  كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن   كاللامدا مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنى  زادى بىر چۈشىنىپ بېقىش ئويى پەيدا بولدى، لېكىن يەنە   ئىرادىسىزلىكىم تۈپەيلى بىرەر يىلدىن كېيىن ئۆگەنسەممۇ بولار دەپ ئويلاپ يۈردۈم،  ئارلىقتا   يېقىلىپ چۈشۈش سەۋەبىدىن  پۇت سۆڭىكىمگە مەلۇم دەرىجىدە دەز كەتتى. تىببىي ئۇنۋېرستىت دوختۇرخانىسى تىزىمغىچە گىپىسكە ئېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ھەركەت قىلالمايدىغان بولدۇم. ئوقۇتقۇچىلىرىم يۇرتۇڭغا كېتىپ ئارام ئال دېدى،  يۇرتۇمغا مېڭىشتىن ئېلگىرى   ساۋاقداشلىرىمغا   ماڭا خەنزۇتىلى كىتابتىن بىرنى ئەكەپ بەر دەپ تاپىلىدىم.  ساۋاقدىشىم ماڭا بىر پارچە رومان ئەكەپ بەردى. ھازىرقىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ،  1990-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى مەن يۇرتقا بارغاندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققان ۋە ئويدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا سىرتقا چىقالمىغاندىن كېيىن، خەنزۇچە ئۆگىنىشنى باشلاي دەپ كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. مىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم كىتاب ئۇقۇش ئارقىلىق تىل ئۆگىنىش بولدى.

       مەن غايە زور ئىرادە بىلەن كىتابنى ئاچسام بىرىنچى بېتىدە مەن تۇنۇيدىغان خەنزۇچە خەتلەر 40پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن،مەن كۈندە بىر بەت، بىر بەت ئۈگەندىم،تونۇمايدىغان خەتلەرنى لوغەتتىن ئىزدەپ خاتىرە قالدۇردۇم ئۇ كىتاب تەخمىنەن 230نەچچە بەتلىك كىتاب ئىدى، تەخمىنەن 20 كۈن بولغان ۋاقىتتا، 50بەتكە يېقىن ئوقۇپ بولدۇم، سۈرئىتىممۇ سەل تېزلەشتى ھەم  سەل چۈشەنگەندەك بولدۇم.8-ئاينىڭ 20-كۈنى كىتابنى تولۇق ئوقۇپ بولدۇم.بىز 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ بولۇش كېرەك بولغاچقا ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدىم، ئۇ چاغدا ئاپتۇبۇس ئۈرۈمچىگە 5كۈندە كېلەتتى، مەكتەپكىمۇ كەلدىم، ئەشۇ كىتابنى ئىككىنچى قېتىم ئوقۇشقا  باشلىدىم، بۇ قېتىم بىر ئايدا قايتا ئوقۇپ بولدۇم. دەل شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بۇ كىتابقا بولغان چۈشەنچىم تەخمىنەن 80پىرسەنتكە كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن خوشاللىقتا 3-قېتىم ئوقۇدۇم، بۇ قېتىم 10نەچچە كۈندە ئوقۇپ بولدۇم. شۇ ۋاقىتتا بىزگە خەنزۇتلدىن ئاساس دېگەن كىتابنى ئۆتەتتى،   قارىسام بۇ كىتابتا  مەن بىلمەيدىغان خەتلەر قالماپتۇ.  سىنىپتىكى خەنزۇ تىلىدا  قالاق بىر ئوقۇغۇچىدىن سىنىپتىكى تۇنىيدىغان خەت سانى ئەڭ كۆپ، كىتابنى ياخشى  ئوقۇپ چۈشىنىدىغان بىر ئوقۇغۇچىغا ئايلاندىم، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىمۇ، مىنىڭ قۇلىقىم خەنزۇچە ئاڭلىيالمايدۇ، ئېغىزىم خەنزۇچە سۆزلىمەيدۇ، ئەمما بىردىن بىر ئالاھىدىلىكىم خەتنى ئوقۇپ تونىيالايمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىلگىرى بىر كىتابنى ئوقۇسام ئىلگىرىكى 40پىرسەنت چۈشىنىدىغان ھالەتتىن 80 ، 90پىرسەنت چۈشىنىدىغان ھالەتكە ئۆزگەردىم، بۇ ۋاقىتتا كىتابنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. 1990-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ 1992-يىلى يازغىچە بولغان ئارلىقتا، مەن سىفەن داشۆنىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ خەنزۇچە بۆلىمىدىن دىن ھەر ھەپتىسى  چەتئەل ئەدەبىياتى ،بولۇپمۇ مودېرنىزىمغا ئائىت 3، 4 پارچە كىتاب ئاچىقىپ ئىزچىل 2يىل ئوقۇدۇم، مەن كىتابتىن بېشىمنى كۆتەرگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، مەندە بىر خىل غەلبە قىلىش خوشاللىقى پەيدا بولدى، بۇ غەلبە خوشاللىقى مىنى تېخىمۇ بەك تېرىشىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى، مەنمۇ خەنزۇچە ئۆگەنگىنىمنىڭ پايدىسىنى  كۆردۈم. كاللامدا مودېرنىزىم ئەمەس ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرمۇ خېلى زور دەرىجىدە ئايدىڭلىشىپ قالغان ئىدى.

    ھازىر مىنىڭ ئۆيىمدىكى كىتابلىرىمنى 100پىرسەنت دېسەك تەخمىنەن 70پىرسەنتتى خەنزۇچە، 20پىرسەنتتى ئۇيغۇرچە 10پىرسەنت كىتاب ئۆزىم بىلىدىغان بىر نەچچە خىل تىلدىكى كىتابلار بار. مەن شۇ جەرياندا مۇشۇ كىتابلاردىن غايەت زور بىلىم ئالدىم دېسەم بولىدۇ.

     

    رىياسەتچى: سىز ئىنگلىزتىلىنى 30ياشتىن ئاشقاندىراق باشلاپتىكەنسىز، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندى كېيىن، سىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولىۋاتسىڭىز نۇرغۇنلىغان ياشلار سىزگە ھەۋەس قىلىدۇ، بولدى مەن مۇئەللىم بولغاندىكىن يەنە ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەپ قارايدۇ،

    سىز نىمە ئۈچۈن يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يەنە ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىپ ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟

    بەرقى: مەن 20ياش ۋاقىتلىرىمدا   كىتاب ئارقىلىق بېلىش ۋە باشقىلاردىن ئاڭلاش ئارقىلىق بېلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى شەكىلدە ئۆزۈمنىڭ بىلىمىنى تولۇقلايتتىم. كېيىن تويۇقسىز بىرسى ماڭا، مەلۇم ياشقا كىرىش ئارقىلىقمۇ  ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ھىس قىلغىلى ،بىلگىلى بولمايدىغان مەلۇم ئىشلارنى ھىس  قىلغىلى،بىلگىلى  بولىدۇ، 30ياشقا كىرگەندە ، 30ياشقا چۇشلۇق نەرسىنى ھېس قىلالايسەن، 40ياشقا كىرگەندە  ، 40ياشقا چۇشلۇق نەرسىنى ھېس قىلالايسەن دېگەن،   مەن باشتا بۇگەپكە ئىشەنمىگەن.

     رىياسەتچى: ئۇنداقتا سىز 30ياشقا كىرگەندە نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟

       بەرقى: مەن 30ياشقا كىرگەن تۇرۇپ قاراپ باقسام، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يېشى ئادەمگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدىكەن،30 ياشقا كىرگەندە ھەقىقەتەن  ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىلگىرى ھاياتىمغا  نەزەر سېلىپ يەكۈنلەپ باقتىم.  30 ياشتىن  ئىلگىرىكى ھاياتىم، نىسپەتەن تىرىشچانلىق بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، 30ياشتىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر نەچچە خىل ئىشنى قىلىپ بېقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ نىشان بېكىتتىم. بۇ نىشانلارنىڭ ئىچىدە   ئىنگلىز تىلىنى 40ياشقىچە تىرىشىپ ئۆگىنىپ  بۇ تىلدا  ماتېرىيال كۆرەلەيدىغان ،سۆزلىشەلەيدىغان بولسام،   دۇنيانى كۆزىتىش نوقتام يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈلسە دېگەن پىلانمۇ بار ئىدى. 30ياشتىن كېيىن شارائىتنىڭ يار بەرمەسلىكى، ۋاقىت يىتىشمەسلىك قاتارلىق ئامىللار  بىلەن ئىنگىلىز تىلىنى بەزى ئۆگىنىپ بەزى تاشلىۋېتىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالىمدىن ئۆزىم رازى، 40ياشقا يېقىنلاپ قالغان بولساممۇ، ئىنگلىزچە كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىپ ئۆزىمنىڭ ھۆدىدىسىدىن چىققۇدەك ھالغا يەتتىم.

    - داۋامى بار


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ياخشىكەن