ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-18

    ئىرادە ۋە نىشان: - بەرقى بىلەن سۆھبەت -2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر:

    ئىرادە ۋە نىشان: - بەرقى بىلەن سۆھبەت -2

    خاتىرلىگۈچى :  ئابدۇمىجىت مۇھەممەت

     

     رىياسەتچى: بىزدە بىر تىلنى ئارتۇق ئۆگەنسەڭ سىنىڭ دۇنياغا بولغان تونۇشۇڭ، چۈشەنچەڭ، تەپەككۇرۇڭ شۈنچە كىڭىيىدۇ، ئېچىلىدۇ دېگەن بىر گەپ بار. شۇنىڭغا ئوخشاش بىز تىل ئۆگىنىشكە قانچە ئەھمىيەت بەرسەك ئۆزىمىزنىڭ بىلىم دائىرىمىز شۇنچە كېڭىيىپ بارىدۇ، مىنىڭچە سىزنىڭ تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىڭىز شۇنداق يۇقىرى ئىكەن، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ياشلار تىل ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ، ھەم قايسى تىل ئاسان بولسا شۇ تىلنى ئۆگىنىۋالساق دەپ، ئامال بار شۇنىڭغا قارايدۇ، سىزمۇ ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ياپۇنچە ئاساس ئۆخشايدۇ، دەپ. ياپۇنچىگە قىزىقىپ بېقىپتىكەنسىز ھە؟

         بەرقى: ئەشۇ چاغلاردا مەكتەپكە بىر پارچە ئېلان چاپلىنىپتۇ، ئەشۇ ئىلاندا ياپۇن تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۇيغۇرتىلى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاش باشقا تىللارغا قارىغاندا ئۆگەنمەك ئاسان دېگەن مەزمۇنلار بار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن كاللامدا، خەنزۇتىلى ئۆگىنىپ بەك زېرىكىپ كەتكەن بولغاچقا، تەس خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ قىينىلىپ يۈرگىچە، ماۋۇ ئاسان ياپۇن تىلىنى ئۆگىنىپ بىر تىل بىلىدىغان بولۇپ يۈرمەيلىمۇ، دەپ،سىنىپتىكى 30بالىدىن تەخمىنەن 20نەچچە بالا شۇ كۇرۇسقا قاتناشتۇق،   ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قاراپ باقسام، ياپۇن تىلى مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن. ئىچىدە خەنزۇچە خەت ناھايىتى كۆپ ئىكەن، شۇڭا مەن خەنزۇچە ئۆگەنمەي تۇرۇپ ياپۇنچە ئۆگىنەلمەيدىغانلىقىمنى ھەم شۇ دەۋردە ماڭا ئەڭ لازىم بولىدىغىنى يەنىلا خەنزۇتىلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۇرۇستىن چىقىپ كەتتىم. بىر ئاغىنەم شۇ چاغدا چاخچاق قىلىپ بۇ ئاغىنەم ياپۇنىيەگە بارىمەن دەپ بوخەي دېڭىزىدىن قايتىپ كەلدى دېگەنتى، لېكىن مەن بوخەي دېڭىزىدىن قايتىپ كەلگەن بىلەن قالغان 20نەچچە ساۋاقدىشىمنىڭ ھەممىسى ياپۇنىيەگە بارماي يېنىپ چىقتى، داۋاملاشتۇرالمىدى. ئەمىلىيەتتە، ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ھەممە  ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدا چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بولىدىكەن، بۇ قىزغىنلىق بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئىچدە «ب د ت» نىڭ خىزمەت تىلىنىڭ ھەمىسىنى ئۆگىنىپ باققان ھالەتنى شەكىللەندۇرگەن ئىدى. مەسىلەن: ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىپ بېقىپ زېرىكسە فىرانسۇزچە ئۆگىنىپ، بىكارغا ئەرەب تىلى ئۆگىتىدىكەن دىسە ئەرەب تىلى ئۆگىنىپ بېقىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلارنى بىر يەرگە يىغساق، ب د ت نىڭ بەش خىل خىزمەت تىلىدا ياخشىمۇسىز، خەيىر-خوش دېگەننى دىيەلەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

     رىياسەتچى: قانداقلا ئىش قىلمايلى؛ مەيلى تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلاردا بولسۇن يەنىلا ئىرادە بولۇش كېرەك ئىكەن، ئىرادە بولغاندىمۇ سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىزگە قاراپ باقسام ئىرادىڭىز سەل كۈچىيىپ، سەل ئاجىزلاپ بىرىپتۇ، خۇددى تاشپاقىغا ئوخشاش توختاپ، توختاپ يەنە ئاخرى ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىغا يېتىپتىكەنسىز ھە؟

        بەرقى: ئىرادە دېگەن مەسىلىگە كەلسەك مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئىرادىلىك ئادەمگە ھەۋەس قىلاتتىم، ئەمما ئۆزۈم ئىرادىلىك ئەمەستىم.

       رىياسەتچى: سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە قانداق ئادەم ئىرادىلىك بولىدۇ؟

            بەرقى: بىر ئىشنى باشلىغاندىن كېيىن ئاخىرىغىچە ئېلىپ چىقالايدىغان ئادەم ئىرادىلىك بولىدىكەن، ماڭا ئوخشاش ئارلاپ توختاپ قېلىپ، يەنە دەۋاملاشتۇرىدىغان ئادەملەر  سەل ئىرادىسىز ھېسابلىنىدىكەن.

    رىياسەتچى: قاراپ باقسام سىز، «مۇشۇ مىنىڭ ئۆمۈرلىك نىشانىم» دەپ بىرلا نىشانغا ئېسىلىۋالمايدىكەنسىز، مىنىڭچە سىزنىڭ ئۆگىنىش دائىرىڭىزنىڭ كىڭىيىشىگە ئەگىشىپ نىشانىڭىز يوقىرىلاپ ،يېراقلاپ ماڭىدىكەن شۇنداقمۇ؟

      بەرقى: مەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مەن يەتمەكچى بولغان بىر نەچچە نىشاننى بەلگىلىدىم، بۇ مىنىڭ غايەم بولۇپلا قالمىسۇن دەپ ئويلاپ مەن بۇنىڭغا كونكىرت پىلان بېكىتتىم. مەسىلەن: مەن پالانى ئىشنى قىلماقچى، بۇنى قاچان قىلىمەن 10يىلدا قىلىپ بولالامدىم ياكى 20يىلدىمۇ، ئۇنداق بولسا 10يىلدا قىلىپ بولىمەن دىسەم، دەسلەپكى ئىككى يىلدا نىمە ئىش قىلىمەن كېيىنكى يىلدا نىمە ئىش قىلىمەن دەپ، بۇ 10يىلنىمۇ مەن بىر نەچچە پارچىگە بۆلدۈم، بۇ پارچىلارنىمۇ كونكىرت بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئاشۇ 10يىللىق پىلانغا يېتىش ئۈچۈن بۈگۈن مەن نىمە ئىش قىلىمەن دەپ،   ئېنىق نىشانلارنى بېكىتتىم، نىشان بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن كاللامدا ئۆزۈمگە بېرىپ قويغان ۋەدە بار، يەتمەكچى بولغان نىشان بار، شۇنىڭ بىلەن ئىرادىمۇ غىدىقلىنىپ تۇرىدىكەن، بەزى چاغلاردا قېيىپ كېتىپ 4 ، 5 كۈن ئويناپ كېتىپ قالىدىغان،  نىشاننى ئۇنتۇپ قالىدىغان  ئىش بولۇپ قالىدىكەن، لېكىن ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىزمۇ يەنە «توختا منىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىم بار» دەپ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەيدىكەنسىز، ئەڭ ئاخىرىدا دېگەن نىشانغا يېتەلمىسىڭىزمۇ شۇنىڭغا خېلى يېقىلاپ قالىدىكەنسىز، شۇ جەرياندىمۇ ئادەم نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشىپ قالىدىكەن.

       رىياسەتچى: ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رىقابەت ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمدى شۇ دەرس مۇنبىرىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقالاپ قېلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆگىنىش كېرەك شۇنداقمۇ؟

         بەرقى: بۇ گىپىڭىز توغرا، لېكىن بىر ئوقۇتقۇچى دەرس مۇنبىرىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالىمەن دەپ تىرىشسا ساقلاپ قالالمايدۇ. نىمە ئۈچۈن دېگەندە ئۇنىڭ نىشانى بەك ئاددى، دەرس دەرس مۇنبىرىدىكى ئورنىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن دېگەن ئادەم ئاللىقاچان شۇ ئورنىنى ساقلاپ قالالمىغان بولىدۇ. لېكىن مىنىڭ نىشانىم سەل يۇقىرى، مەن ھەرگىز مەكتەپتىكى دەرس مۇنبىرىدىكى ئورنۇمنى ساقلاپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك يۇقىرى نىشانلار بار. مەن ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىمەن، بەلكىم مەن ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدىكى ئەڭ قېرى ئاسپىرانت بولسام كېرەك، لېكىن مىنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشۇمدا  ئىككى سەۋەب بار.

    بىرىنچىسى: مەن ئۆزۈمگە ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنى، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىمەن دەيدىغان ھاياتلىق شەكلىنى تاللىۋالغان، مەن مۇشۇنىڭغا مايىل.

    ئىككىنچىسى: 20يىل نەچچە ياش ۋاقتىمدا غەربلىك بىر تەتقىقاتچىنىڭ- ئادەم كاللىسىنى قانچا ئىشلەتسە كاللىسى شۇنچە سەگەك ياش تۇرىدۇ، كىم كاللىسىنى ئىشلەتمىسە شۇ ئادەم شۇ ئاسان قېرىپ كېتىدۇ دېگەن، شۇڭا مەن تېخىمۇ بەك ياش تۇرۇش قېرىپ كەتمەسلىك، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ساق تەپەككۇرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كاللامنى توختىماي ئىشلىتىش كېرەككەن، ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلى- يېڭى ئۆتكەللەرنى ئالدىن تۈزۈتۈپ جەڭ ئېلان قىلىپ كاللىمىزنى بىلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك ئىكەن.

    شىنجاڭ داشۆدىكى ئوقۇشۇم بەلكىم ئالتە يەتتە  يىلدا تۆگىشى مۇمكىن، ئۆزىمنىڭ كەسىپىگە ئائىت جۇڭگودا بار ئوقۇش تورىنىڭ ئەڭ يوقىرى دىپلوملىرىنى ئېلىپ بولغىچە ئوقىماقچى. 

     رىياسەتچى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارى بولسۇن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن تەپەككۇر جەھەتتە سەل پىشىپ يېتىلمىگەن، لېكىن يېڭىلىققا داۋاملىق ئىنتىلىپ تۇرىدىغان مەزگىل بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە نىشاننى سەل ئېنىق قىلىۋالمىسا قېيىپ كېتىدىغان ياكى ئىرادىنىڭ بوشلىقى تۈپەيلىدىن نىشان، غايە تەسەۋۋۇرنىڭ ئورنىدىلا قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتە قانداق قىلىشى كېرەك؟

     

    بەرقى: بۇ سۇئالنى ناھايىتى ياخشى سورىدىڭىز، مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىلى 15يىل بولدى، بۇ جەرياندا بالىلار بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ مۇڭدىشىپ  تۇرىمەن، مۇشۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا ھېس قىلغان ئەڭ مۇھىم نەرسەم- ئوقۇغۇچىلاردا غايە ناھايىتى ياخشى، لېكىن نىشان يوق، ئۇلار ئۇلۇغ ئىشلارغا غايە قىلىپ قويۇپ بۇنى نىشان سۈپىتىدە بەلگىلىۋالماي، غايە سۈپىتىدە ساقلايدۇ.  نىشان بارمۇ؟ دىسە، بار دەيدۇ-دە غايىسىنىڭ نىمىلىكىنى دەپ بېرىدۇ. ئۇنداق بولسا نىشانغا قاچان يەتمەكچى؟ قانداق يەتمەكچى دەپ سورىسىڭىز ھەمىمىسى دودۇقلاپ تۇرىدۇ. 18ياشقا كىرىپ ئالىي مەكتەپكە كىلىپ، سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا  ھاياتىغا نىسبەتەن بىر ئىنىق نىشان شەكىللەنمىسە بۇ نىمە بولغىنى دەپ ئويلىسام. بۇ تولۇق ئوتتۇرىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە ئىكەن، ئۇ تولۇقسىزنى مەنبە قىلغان ئىكەن،  ئېنىق دېسەك ئاتا-ئانىلاردا   غايە تەربىيىسى بېرىش مېتودى يوق بولۇش  بىلەن بىرگە نىشان بېكىتىپ بېرىدىغان تۈزۈم يوق ئىكەن. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز كىچىك ۋاختىمىزدىن باشلاپ بىزدە بىرخىل غايىنىڭ بولىشىغا ناھايىتى كۈچەيدىكەن، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا دوختۇر بولىمەن، ئۇچقۇچى بولىمەن دىسە ۋاي- بالام ئۇچقۇچى بولىمەن دېدى، دوختۇر بولىمەن دېدى دەپ شۇنداق خوش بولۇپ كېتىدىكەن، لېكىن بالىسىغا دوختۇر بولۇش ئۈچۈن مۇنداق ئىش قىلىش كېرەك، ئۇچقۇچى بولۇش ئۈچۈن مۇنداق ئىش قىلىش كېرەك، مۇنداق يوللارنى بسىش كېرەك دېگەنلەرنى تەكىتلەپ،بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن مېڭىش كېرەك بولغان يوللارنى ئىزچىل ئىسىگە سېلىپ تۇرمايدىكەن، بەزى چاغدا ئىسىگە سالغاننىڭ نىمە پايدىسى دەپ ئويلايدىكەن، كىچىك بالىلارمۇ مەن ئۇچقۇچى بولىمەن، دوختۇر بولىمەن دىسەم ئاتا-ئانام خوش بولىدىكەن دەپ جەمىيەتنى ئۆزىنى خوش قىلىپ،شۇ گەپلەرنى تولا دەپ  دوختۇر بولۇش، ئۇچقۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق يوللارنى مېڭىش كېرەك مەسىلىلەرنى ئويلىمايدىكەن. شۇڭا مىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بولغان تەكلىپىم-  كىچىك بالىلاردا غايە يىتىلدۈرۈش بىلەن بىللە ئاشۇ غايىگە قانداق يىتىش ،غايىنى نىشان قىلىپ ئۇنىڭغا  قانداق يىتىشجەريانىنى ئۆگىتىش كېرەك.   كىچىك بالىلار قارىماققا مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھېس قىلالمايدىغاندەك كۈرۈنىدۇ، لېكىن بىز بۇ توغرۇلۇق بالىلارغا سۆزلەۋەرسەك، پىكىرلىشىۋەرسەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ ئاددى تىللار بىلەن نىشان بەگىلەشنىڭ ئۇسۇلۇنى  ھەر بىر ئىشىنىڭ كونكىرىت قەدەم باسقۇچلىرىنى ئۇلارغا ئۈگەتسەك ،بالا بىر قانچە يىل ئىچىدە غايە بولىشى مۇھىم  ئىش ئىكەن ،لېكىن غايە بولۇپلا قالماي يەنە نىشان بولمىسا بولمايدىكەن، نىشان بولۇپ كونكىرىت پىلان بولمىسا بولمايدىكەن، پىلان بولۇپ ئىرادە بولمىسا تېخىمۇ بولمايدىكەن دېگەندەك بىر قاتار ئۇقۇملارنى ئېگىلىۋالالايدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىش قىلمىقى، ئىرادە، نىشان تىكلىمىكى، ناھايىتى ئاسان بولىدۇ. مەسىلەن: مەن ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە يېزىقچىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن دەرس بېرىمەن، دەرس بەرگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان بالىلارغا بەزى يوللارنى كۆرسىتىمەن، بەزى بالىلار مىنىڭ بۇ ئۈگۈنۈش يوللىرىمنى  قوبۇل قىلغانلىقى، نىشان بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.  مەن ئويلايمەن، ئەينى دەۋردە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا  مىنىڭ  ئېنىق نىشانىم بولغان بولسا، نىشاننى پىلانغا ئايلاندۇرالغان بولسام، مەن ئەينى دەۋرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋەتكىلى بولاركەندۇق.  سىز بايام سۆزلەپ ئۆتكەندەك بەزى ئىشلارنى قىلدىم، مەلۇم دەرىجىدە جامائەتنىڭ ئىتراپ قىلىشىغىمۇ ئېرىشتىم، لېكىن، ئەينى دەۋردە مەن ئېنىق نىشان، ئېنىق پىلان، ئاندىن ئۇنى يۈرگۈزىدىغان ئىلمىي جەريان بولغان بولسا مىنىڭ بۇ نەتىجىلىرىم نەچچە ھەسسە قاتلانغان بولاتتىكەنتۇق. مەن بۇنى 30ياشقا كىرگەندە ھېس قىلدىم، لېكىن 60 ياشقا كىرگەندە مەن ماۋۇ ئىشلارنى قىلماپتىمەن، مانداق ئىشلار تۈپەيلى ماۋۇ ئىشلار كەم قاپتۇ دەپ كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈم ھازىردىن نىشانلىق ۋە پىلانلىق ياشاشقا باشلىدىم. 

    رىياسەتچى: لېكىن ھازىر سۆزلىرىڭىزدىن ھېس قىلدىم، ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىل ھاياتىڭىز شۇ نىشان، غايىلىرىڭىزنى ئېنىق بەلگىلىۋالمىغىنىڭىزغا ئۈكۈنىدىكەنسىز ھە؟

         بەرقى: ھەئە، شۇڭا مىنىڭ ئويۇم سىز مىنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن سىز ئاۋال مەكتەپنىڭ پىروگراممىسى نىمە، سىزنى نەگە ئاپارماقچى، بۇنى بىلىۋالغاندىن كېيىن سىز مۇشىنىڭغا ماس ھالدا ئۆزىنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ چىقىڭ، پىلاننى تۈزگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە غايىنى پىلان دەرىجىسىگە كۈتىرىۋالماي، پىلاننىڭ جەمىيەت تەرىپىدىن كارغا كەلمەيدىغانلىقى ۋە ياكى بۇ پىلاننىڭ ئىلمىي پىلان بولمىغانلىقىنى ھېس قىلساق، يەنە قايتا پىلان تۈزسەك بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز بۇ پىلاننى تۈزۈپ بولۇپتىمەن، لېكىن سىناپ باقاي دەپ قالساق، زىيان تارتىدىغىنى يەنە ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز.

     

    تاماشىبىن: مەلۇم بىر ماتېرىيالدا كۆرىشىمچە، دۇنياغا داڭلىق خارۋارت ئۇنۋېرستېتى نىشان توغرىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش، سىتاستىكا ئېلىپ بارغان، ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇقىم ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى بار ئوقۇغۇچىلار، 10پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نىشانى بولغان، خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىم نىشانى بولمىغان، 20يىلدىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا نىشانى قانچە مۇقىم ئەمەلى نىشانى ئۈچۈن تىرىشالىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى شۇنچە يوقىرى بولغان. قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولغان، دېمەك بۇ يەردە بىزگە ئىنتايىن مۇھىم بولىۋاتقان بىر نەرسە بايام ئابلەت مۇئەللىم دەپ ئۆتكەندەك ئۆزۈمىزگە ماس كېلىدىغان ئېنىق بىر نىشانىنى بەلگىلىۋېلىش، ئاندىن ئاشۇ نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەش تولىمۇ مۇھىم.

    تاماشىبىن: تىرىشچانلىق ۋە ئىرادە ئۈستىدە گەپ بولغاندا، مەن چن كۆڭلۈمدىن سۈيىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ روھىنى سېغىنىدىغان بىر ئادام بار، ئۇ بولسىمۇ 11-ئەسىردە ياشغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك تىلشۇناس مەھمۇد بوۋىمىزدۇر. نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسە دىگەندە، مەھمۇد بوۋىمىز، ئەرەب خەلقى بىلەن تۈرك خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە توسقۇنلۇق بولىۋاتقان تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر لوغەت تۈزۈشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان. ۋە دەشتى چۆللەرنى كېزىپ داۋانلار ئېشىپ، ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تۈرك خەلقى  پەخىرلەنگۈدەك «تۈركى تىللار دىۋانى» دىن ئىبارەت قامۇس خاراكتىرلىك ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. سەن نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق دەيسەن دېگەندە، مەھمۇد بوۋىمىز مۇشۇ جەرياندا بىزگە، بولۇپمۇ ياشلارغا ئىرادە دېگەن قانداق بولىدۇ، نىشاننى قانداق تىكلەش كېرەك، قانداق قىلغاندا مۇستەقىل ئىشلىيەلەيسەن، قانداق قىلساڭ جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايسەن دېگەندەك بىر چاقىرقنى يەتكۈزۈپ بەرگەن دەپ ئويلايمەن.

     مىھمان: مەسىلەن: بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن نىمە كەم دېگەندە، غايە ۋە نىشان ئىنتايىن كەم. مەن بەزىدە ئوقۇش پۈتتۈرش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپ قالىمەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نىمە ئىش قىلماقچى، نىمە ئىش قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟ دەپ سورىغان ۋاقتىمدا ئۇلار ئوقمايمىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر گەپ بولار دەيدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كېيىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭكى نىمە ئىش قىلماقچى، جەمىيەتكە زادى قانداق بىر ئادەم بولماقچى دېگەنلەر توغرىلىق ئويلىنىپ باقمىغان تۇرسا ئۇلارنىڭ كىلەچىكى نىمە بولماقچى؟ شۇڭا  بۇ بىر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك ئىش.

    رىياسەتچى: بۈگۈنكى سۆھبېتىمىزدە شۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلەلەيمىزكى، مەيلى بىز قانداق نىشاننى تۇرغۇزمايلى، بۇنىشاننى تۇرغۇزغاندىن كېيىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىشىمىز كېرەك، ھەمدە كۈچلۈك ئىرادە تىكلىگەندىلا ئاندىن ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشانىمىزغا يېتەلەيمىز.

    شۇڭا بىز بارلىق ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانغا يىتىش ئۈچۈن، ھازىرقى ھەربىر مىنۇتنى ئوبدان، چىڭ تۇتۇشنى «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماي»ھەرقانداق ۋاقتىمىزنى تىرىشچانلىق بىلەن، ئەجىر مىھنەت بىلەن ئۆتكۈزىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، جاپا چەككەندىلا ئاندىن ھالاۋىتىنى كۆرەلەيمىز، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈگەندىلا، پارلاق ئەتىگە ئېرىشەلەيمىز.

    بۈگۈنكى پىروگراممىمىز تۈگىدى 

     

    ئۈرۈمچى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى، «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر پىروگراممىسى» مەخسۇس بۆلۈمى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us