ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-28

    جاڭگال غەزەللىرى -1 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    جاڭگال غەزەللىرى -1

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

     

    1

    ئول كۆڭۈلدىن باشىمە چۈشكەن زالالەتنى كۆرۈڭ.

    ۋادەئى باغرىم ئارا كۆيگەن جاراھەتنى كۆرۈڭ.

     

    كۈيلىسەم قۇمۇش نېيىمدىن چىققىنى ھىجران كۈيى،

    مايسىرەڭ ھەر غۇنچىدىن ئاچچىق شاپائەتنى كۆرۈڭ.

     

    چايقىلۇر ۋۇجۇد كۆلۈمدە سۈلكەتى قولۋاقسىمان،

    شەرمىساز بوپ لېيىغان ئەدلى-ئادالەتنى كۆرۈڭ.

     

    ناتونۇش بولسۇن بۈگۈندىن قۇرغۇيۇم جانان ئەمەس،

    قىزىغان ۋەيلۇن كەبىي كۈلرەڭ ئاھانەتنى كۆرۈڭ.

     

    چۆلدىكى ئازغان ساياقتەك قالدى مېھرىم سارغىيىپ،

    ئەمدى بۇ غەمكىن نىگاھ پۈتكەن بىشارەتنى كۆرۈڭ.

     

    2

    «يار» ئەمەس «ئەغيار» ئىكەن سانسىز جاپاسىنى كۆرۈڭ،

    چۆرگىلەپ ئالۋۇن سىياق سالغان ساماسىنى كۆرۈڭ.

     

    ئالقىنى ئازغانسىمان قۇشلار ناۋاسى ياڭرىماس،

    قۇترىدى ياۋۇزلۇقى، قايتقان ۋاپاسىنى كۆرۈڭ.

     

    تامغىنى زۇلمەت ئېرۇر، تامدۇرغىنى ھەم مىڭ زەھەر،

    چېرىگەن قانرەڭ كەبىي ئىشرەت بالاسىنى كۆرۈڭ.

     

    نە كېرەك ئىنسانغا قۇللۇق، نە كېرەك خانزادىلىك،

    مۇزلىغان باغرى ئارا چىققان ساداسىنى كۆرۈڭ.

     

    ئول كۆڭۈل سەيناسىدا غەمكىنگە يانغىن بەك يىراق،

    چاقنىغان مەردانىلەر ۋۇجۇد ياراسىنى كۆرۈڭ.

     

    3

    كەل، يۈرەكنى ئىللىتىپ چېھرىڭنى كۆرسۇن بۇ جاھان،

    غەمسىراپ كەتتى ئەجەپ مېھرىڭنى كۆرسۇن بۇ جاھان.

     

    نا ئۈمىدكە تولمىسۇن باغرىڭنى يارغىن مىڭ تارام،

    زاھىرىڭ بولسا نېسى شەرتىڭنى كۆرسۇن بۇ جاھان.

     

    چاچلىرىڭدا تۈنىگەن تاڭلارنى ھېچكىم سەزمىدى،

    لەۋلىرىڭنى چوقۇلاي، دەردىڭنى كۆرسۇن بۇ جاھان.

     

    سەن - زىباسەن، سەن – ناۋاسەن، ۋەئدە بەر بىمارىگە،

    قىينىلىپ تاپسام ۋىسال قەدرىڭنى كۆرسۇن بۇ جاھان.

     

    ئېرىمەس تۈنلەردە بار جەۋرۇ-جاپانىڭ سايىسى،

    كۆكتىكى چولپان كەبىي شەمئىڭنى كۆرسۇن بۇ جاھان.

     

    4

    يۈرىكىم  تىلسىز شۇ دەم مېھرىڭنى بەرگىن، يۇلتۇزۇم،

    چىرمىلىپ قالدىم ساڭا چېھرىڭنى بەرگىن، يۇلتۇزۇم.

     

    ھەر كېچە سانىڭنى ئالدىم بارمىقىمنى سانىغاچ،

    يانمىغان تۈنلەرگە مىڭ سېھرىڭنى بەرگىن، يۇلتۇزۇم.

     

    يەتمىسەم قەدرىڭگە بۇ رەت، بولدى بەس سالما نەزەر،

    بىر ئۆمۈر سەرسان بولاي، ھىجرىڭنى بەرگىن، يۇلتۇزۇم.

     

    پارلىساڭ كۆكتە نىگاردەك يەردە مەن ئۇچقۇن بولاي،

    نازلىنىپ تۇرسام ئەگەر، قەھرىڭنى بەرگىن، يۇلتۇزۇم.

     

    ئۇنتۇلۇپ كەتمەكنى مەڭگۈ ئىستىسەك پۈتمەس جاھان،

    مەيلىمۇ بولسا توپان شەرھىڭنى بەرگىن، يۇلتۇزۇم.

     

     

    مەنبە: ئاپتۇر

    (ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەزىزتۈرك بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى)



    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ياخشى غەزەللەركەن. رەھمەت ئابدۇرېشىت.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复ئوۋچى说:
    ئەرزىمەيدۇ. يوقلاپ تۇرۇڭ! ئامان بولۇڭ!
    2012-01-30 23:54:22