ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-28

    سەن قەشقەرنى سېغىنمىدىڭمۇ - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     سەن قەشقەرنى سېغىنمىدىڭمۇ

     

    ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ

     (ئابدۇللا ئارىپوف ئىزىنى بويلاپ) 

      
    سەلدەك ئېقىپ تۇرماقتا ياشلار، 
    سۇندۇرماقتا قۇشلار قانتىنى.

    ئايرىلماقتا سايلاردىن تاشلار،

    ئاھ كىملەرنىڭ باردۇر ئارمىنى.
    تاغدەك ئېغىر قاتتى بۇ باشلار،

    ئەي خۇدانىڭ ئەزىز مېھمىنى
    سەن قەشقەرنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!


    چۈشلىرىڭگە كىردىمۇ ئېيىتقىن،
    ئاي بىلەن تەڭ قالغان كوچىلار  
    ئېسىڭدىمۇ بۇ نۇرلۇق زېمىن،
    كىم-كىملەرگە بولدى ئىنتىزار.

    ئۇيغۇر-ئۇيغۇرغا بېقىشقاندا جىم.

    لېۋى ئەنبار، ئەي بۇيى ئىپار
    سەن قەشقەرنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!

     

    بۇ يارا تەن كۆيەرمۇ ئەمدى،

    ئاھ مۇساپىر ئاۋازلار ئارا.
    شامال كېلىپ سۆيەرمۇ ئەمدى،
    ھېيىتگاھدا قالدى بىر بالا،  
    ئۆلۈم ئەنسىز ئۆلەرمۇ ئەمدى.  
    تارام-تارام ئەي دىلرابا-  
    سەن قەشقەرنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!   

     

    مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى

    分享到: