ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-28

    جاڭگال غەزەللىرى -2 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     جاڭگال غەزەللىرى -2

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    5

    لەختە - لەختە يۈرىكىم كۆيدۈرسە كاشكى يار سېنى،

    قانسىراپ كەتكەن لەبىم سۆيدۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    ئەھدۇ-پەيمان، پەزلى ئالەم قايداكەن دەپ يىغلىدىم،

    ياش يۇقى كىرپىكلىرىم مۆكتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    تاشبورانلار ئەۋجىگە يۇلتۇزلىرىم نىشانلىنار،

    دەردلىرىم توپان بولۇپ چۆكتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    سەزگىنىم جەڭگاھ ماڭا ئاتەش ئاتار تىنىقلىرىم،

    چۆلدە ياتقان جەسىتىم كۆمدۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    سانچىلىپ كۆڭلۈمنى بۈنچە بولدى بەس، كۆپ قىينىما،

    ماگمىدەك لەئنەتلىرىم ئۆلتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    6

    سەبزەزار باغرىڭ تىتىلسا يارلىقىڭ كەلسۇن ماڭا،

    سۇرگۈنىڭ بولسام بولايكى، بارلىقىڭ كەلسۇن ماڭا.

     

    قالمىسۇن قىرىق كۇكۇلاڭ تۈندە ئەغيار قولىدا،

    كىرپىكىڭ نەمدەلسە ياشتا خارلىقىڭ كەلسۇن ماڭا.

     

    خالىنى باسسا زىمىستان تۇغۇلۇش ئەييامىدا،

    سەن ئۈچۈن كۆيسۇن يۈرەكىم پاكلىقىڭ كەلسۇن ماڭا.

     

    بارمىقىڭ ئالقانلىرىمدا ئېرىسە دەيمەن، لېكىن

    قانمىساڭ ئەركىڭگە بىر رەت ياتلىقىڭ كەلسۇن ماڭا.

     

    بىلىمەن، مەھكۇملۇقۇم غەمكىنلىكىمنىڭ تەبىرى،

    چىقمىسۇن ئاھۇ-پىغانىڭ شادلىقىڭ كەلسۇن ماڭا.

     

    7

    كىرپىكىڭ نەمدەلسە بىر خالىڭ ئارا ئاققانمۇ مەن،

    چاچلىرىڭ بوستانلىرىغا يەتمەيىن ياتقانمۇ مەن.

     

    كەلمىدىڭ تاقلاپ كىيىكتەك يۈرىكىم ھىجران يۇقى،

    تىلسىمىڭ سۇنغان ئاھانەت كۈيىگە پاتقانمۇ مەن.

     

    يۇلتۇزۇم بولساڭ كۆرۈنگىن، بارمىقىڭنى سوز بۇيان،

    تۈنلىرىڭ چاقناشلىرىغا چاقمىقىن چاققانمۇ مەن.

     

    تەنلىرىم بولدى كۇكۇم، يىراقلىقىڭنىڭ رىشتىگە،

    قىسمىتىم زەنجىرىنى شۈبھىلىك چاتقانمۇ مەن.

     

    لالىزار باغرىڭنى ئاچقىن يوقىسۇن غەمكىنلىكىم،

    سۈبھىرەڭ لاۋالىرىڭدا روھىنى تاپقانمۇ مەن.

     

    8

    سۈبھىزار باغرىمغا تۇنجى چاچرىغان ئوت سەن ئىدىڭ،

    ھۈركىمەس روھىمنى تاتلىق ئوتلىغان قۇت سەن ئىدىڭ.

     

    ھىدلىساڭ ئوغالىرىمنى تىترىگەن ياپراقسىياق،

    مېھرىمە يالقۇنلىرىدا تاقلىغان جۇت سەن ئىدىڭ.

     

    توزىسا كاككۇك گۈلى پەسلى زىمىستاندا سولۇپ،

    ئايرىلىش گىردابىدا سۇنغان سۈكۈت ھەم سەن ئىدىڭ.

     

    پارلىغان ياشلىق قەدەھتە مەنزىلىمنىڭ چېقىنى

    كۆكلىگەن ھىجرانلىرىمغا ئۇچقانكى بۈركۈت سەن ئىدىڭ.

     

    قىسمىتىم چۇلۋۇرىنى رىشتىڭگە چاتسام، سەن قېنى؟

    بىسەۋەب غەمكىنلىكىمنى سوتلىغان سوت سەن ئىدىڭ.

     

    مەنبە: ئاپتۇر

    (ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەزىزتۈرك بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى)

    分享到: