ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-03-02

    قەشقەرگە قايتىش -1 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     

    قەشقەرگە قايتىش -1

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

     

    مۇقەددىمە

    زېمىننىڭ كۈلكىسى يىغىلغان قەشقەر

    تەڭرلەر ياش تۆكۈپ سېغىنغان قەشقەر

     

    تۆت دەرۋازا-تۆت قەلئە

     

    يېقىملىق سەھەر

    نەقىشلىك ئىشىكلەردە پەرىشتە قۇشى.

    دۇئا

    ئۇچۇپ چىقار تۈڭلۈكلەر ئارا.

    سەللىلىك

    دوپپىلىق

    تۈلكە تۇماقلىق

    تۆت قىتئەلىك ھارۋىسى بىلەن

    تۆت دەرۋازىدىن كىرەر شەھەرگە

     

    قارقى دەرۋازا

     

    تاڭ سەھەردە گۈپۈلدەر يۈرەك

    بازغان بىلەن سەندەل سۆيۈشۈپ

    ئېچىلىدۇ تۆمۈردىن چىچەك.

    ساچىئە

    خانلىق مەدرىسى

    ئاسىيادىن ياۋرۇپاغىچە

    تۇتاشتۇرار كۆزلەرنى كۆزگە

    تۇتاشتۇرار سۆزلەرنى سۆزگە.

     

    ئوردا ئالدى

    ئەركىن ئاتەشدان

    بۇغرا خاقانلار چۈش كۆرگەن ماكان

    خاقانلارغا بولغان ھەم خاقان...

    مەيدىسىنى تۈك باسقان بوۋاي

    سىنچاي ئىچەر گىردە نان بىلەن

    شاھماتچى تارتۇق

    تاۋكادا دۈم چۈشكەن قاسساپ

    زاسۇپەزگە ياندىشىپ تۇرۇپ

    غاجىلايدۇ قوي پاچىقىنى

    قېپ قالدى

    ناۋاينىڭ ئالدىدا ئۈچ نان

    نان ئەمەس بەلكى ئۇ قىپقىزىل ۋىجدان!

     

    يەر يۈزىنى ئاچقان كىلىنچەك

    قېتىقچىغا ئېيتار چۈشىنى

    پىچىرلايدۇ روماللىق چوكان:

    سېغىنغاندەك قوپال كىچىنى...

     

    پاختەك ئاۋازى

    دوغاپ ئىچكەن شاپ بۇرۇت ئۈچۈن

    شۇنچىلىك ئازاپ...

     

    سەكسەن خالتا

    سامسىپەز چوقۇر

    تالىشىدۇ ئىران، ئىراقنى

    موڭغۇلىيە، قىرغىز، قازاقنى.

    ئوغۇزخان بوۋام

    چىڭگىزخان بوۋام

    بېسىپ ئۆتكەن يەرلەر ئىدى دەپ...

     

    تۆشۈك دەرۋازا

    تاختا كۆۋرۈك، ئىپار خانىشقا

    ئۇزىتىدۇ جىنازىلارنى

    كوزىچى يار بېشى

    تاشۋاي مۇڭلىرى

    تۆكۈلىدۇ مەدداھ  قوينىدىن

    تۆكۈلگەندەك رۇمكىدىن شاراپ

    سىيىت نوچى سۇ ئىچكەن تۈمەن

    تاۋاقچىغا شەربەت بىرەر ھەم.

    تۇمشۇقلىرى ماكچايغان قوشقار

    نىقاب تاقاب گۆش يىگەن خوراز

    بۆرە كۆزلۈك تىبەت ئىتلىرى

    جەڭدە يەڭگەن لەشكەرگە ئوخشاش.

     

    قاراخانىيلار سۇلالىسىدەك

    شەمشەر ئېسىپ يۈرەر چەۋەنداز

     

    قۇم قەلئەسى بۇزۇلغان گۆدەك،

    ئېچىلىدۇ قىپقىزىل گۈلدەك.

     

    ھەر دەقىقە قاراپ ئەتراپقا

    كۈلۈپ قويار ئوماق چۇغۇندەك

    سىنىڭمۇ بىر نىسىۋەڭ باردۇر

    بۇ ئالەمدە ھامان، دىگەندەك...

     

    ناۋايلاردىن چىقار نوچىلار

    بەشكىرەمدىن، ئاۋات، ئاتۇشتىن

    سەپ تۈزىدۇ مەپىلەر قاتار

    كۈيگە كۈيلەر قاتماقتا ساتار...

    -مارالبېشى، مەكىت، قاغىلىق

    قارىقاشلىق پالۋانلار قېنى؟!

    بۇقا ماڭلاي كالا دىۋىدەك

    يىگىت بېشى

    نەرە تارتار ئۆزىگە ئۆزى

    يۇرت-يۇرتلارنىڭ تۇغى باشقىچە.

     

    ئانىسىدىن تۇغما بىر گۆدەك

    مەمەت تازنىڭ ئەۋلادىمەن دەپ

    ئاۋۇت راۋاپ چالغان پەدىگە

    جەرە سالار تۈمەنلەپ تەلپەك

    قاراپ تۇرغىن كۆرىمىز بىر كۈن

    سەن ئورۇقمۇ ياكى مەن پەتەك!


    收藏到:Del.icio.us