ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-11

    ئىقبال مىرزا شېئىرلىرىدىن - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئىقبال مىرزا شېئىرلىرىدىن 

    ئۆزبىكىستان بۈگۈنكى دەۋىر شائىرى ئىقبال مىرزا 1967-يىلى فەرغانىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «يۈرەكنىڭ شەكلى»، «سېنى سېغىنىمەن»، «كۆڭۈل»، «مېنى ئەسلەمسەن»، «تاللانغان شېئىرلار»، «قوشاقلىرىم»، «سېنى بۈگۈن كۆرمىسەم بولماس» قاتارلىق توپلاملىرى نەشىر قىلىغان. 1999-يىلى «شۆھرەت» مىدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان.  2005-يىلى «ئۆزبىكىستان خەلق شائىرى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان. قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف ئىقبال مىرزا ھەققىدە مېغىزلىق قىلىپ :«زامانىۋىي ئۆزبەك شېئىرىيىتى ئىقبالىنى كۆرۈۋاتىدۇ...» دەپ يۇقىرى باھا بەرگەنىكەن. تۆۋەندىكى شېئىرلار ئۇنىڭ 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان «سىزنى كۈيلەيمەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن)

    يادىڭدا قالماقچى ئىدىم

     

    فۇزۇلىي لۇتف ئېتىپ كەتكەن بىر زامان،

    گۈزەللەر ۋاپاسىز، ئالدامچى دېدىم.

    يېنىڭدا قىلىشقا يوق ئىدى ئىمكان،

    مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

     

    بىلمەستىن ئىستەيتىم قىينىلىشىڭنى،

    يۈرىكىڭگە بىر ئوت سالماقچى ئىدىم.

    ئاناڭغا ئېيتالماي قالساڭ چۈشۈڭنى،

    مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

     

    دوستلار كەچكەن ئىدى مېنىڭ بەھرىمدىن،

    كىمدىندۇر قىساس ئالماقچى ئىدىم.

    ھەيدەپ چىقاردىڭ سەن ھاياتىڭدىن،

    مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

     

    ئەلىمىم، ھەسىتىم، گىنەم* تۈپەيلى     *گىنە - ئاداۋەت

    ئېھتىمال ئۈستىڭدىن كۈلمەكچى ئىدىم.

    سېغىنساڭ، ئۆرتەنسەڭ، يىغلىساڭ مەيلى،

    مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

     

    كۆزۈڭنى كۆزۈمگە بەرمىدىڭ سىرە،

    ئىشەندىڭمۇ، يوقمۇ، بىلمەكچى ئىدىم.

    سېنى كۆپ ئويلىدىم، شېئىر يازدىم قارا،

    مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

     

    سېنى سېغىنىپ

     

    قارا كۆز قارلىغاچىمسەن ئۆزۈڭ،

    كۆكسىم ئايۋان بولدى سېنى سېغىنىپ.

    كۆزۈمدىن بىر لەھزە كەتمىدى كۆزۈڭ،

    كۆزۈم گىريان* بولدى سېنى سېغىنىپ.        گىريان – قان ياشلىق

     

    كوچاڭدىن كېچىلەر ئۆتكىنىم پىنھان،

    كەلمەسلىكىڭ بىلىپ كۈتكىنىم پىنھان،

    ئايۇ يۇلتۇزلاردىن تۇتقىنىم پىنھان،

    ئىشقىم داستان بولدى سېنى سېغىنىپ.

     

    جىنىمغا تىغ ئۇرۇپ قىينايدۇ سېغىنچ،

    كېيىن تىغ سۇغۇرۇپ قىينايدۇ سېغىنچ،

    خەيىرلەشمەي تۇرۇپ قىينايدۇ سېغىنچ،

    يۈرىگىم قان بولدى سېنى سېغىنىپ.

     

    بەلگىسىز خىلۋەتتە كونا مازارنى،

    مازاركى، قاراقسىز خارابىزارنى،

    ئاڭلىغىنىڭ بارمۇ؟ كۆرگىنىڭ بارمۇ؟

    دىلىم ۋەيران بولدى سېنى سېغىنىپ.

     

    سەرگەردانلىق مەجنۇنۇ – لەيلىگە ئىدى،

    بىزنىڭكى پەقەت گۈل سەيلىگە ئىدى،

    چۈشلەردە بولساڭ ھەم مەيلىگە ئىدى،

    بېغىم خازان بولدى سېنى سېغىنىپ.

     

    نە قىلاي، پىشانەمدە شۇ دەرت بار بولسا،

    قېنىدى بۇ دەرتگە خىرىدار بولسا،

    سېنى تاللارمىدىم، ئىختىيار بولسا،

    ھالىم يامان بولدى سېنى سېغىنىپ.


    历史上的今天:

    خوشلىشىش 2011-03-11
    سوۋغات 2011-03-11

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • تاتلىق يېزىلغان شېئىرلار ئىكەن.ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلىشىمۇ ناھايىتى راۋان،مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ. ئابدۇرېشىتنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرلاردىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغايسىز!
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复خۇشخۇي说:
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا! ئىقبال مىرزىنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن بەك ياخشى.
    2011-11-10 15:06:42