-
2011-03-11
سوۋغات - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
جۇلىيانا خورىتا ئېۋىڭ (1841~1885)
(جۇلىيانا ئەنگىلىيەنىڭ ئىنگىلىزتىلى بالىلار يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ «جاپا»، «شامال تۈگمىنىدىكى جىن(ئادەم ئىسمى)»، «قىسقىغىنە ھاياتتىكى ھېكايە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.)
سوۋغات
ئايرىلىش پەيتىدە سورىدىڭ دىلبەر،
نېمىلەر سوۋغاتقا ئىپ كىلەرسەن؟ دەپ.
ئۈمىدىم شۇ پاكىز يۈرىكىڭ، قەلبىڭ
ۋە يەنە سەمىمىي كۆڭلۈڭنى تەلەپ.
نە كېرەك چەتئەلنىڭ ياقۇت، جەۋھىرى،
ۋە ياكى قىممەتلىك مارجىنى ئەسلا.
ئەزىزىم، كۈتمەيمەن ئۆزگىنى پەقەت،
كۆزۈڭگە تەلمۈرۈپ ئۆتسەم كۇپايە.
Gifts
Juliana Horatia Ewing 1841~1885
You ask me what – since we must part
You shall bring back to me
Bring back a pure and faithful heart
As true mine to thee
You talk of gems from foreign lands
of treasure, spoil, and prize
Ah love! I shall not search your hands
But look into your eyes
评论