ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-08-25

    دىلبەرنىڭ كۈيچىسى: مەھمۇد ھىيىت مەھدى - [سەرخىللار ئارخىپى]

    دىلبەرنىڭ كۈيچىسى: مەھمۇد ھىيىت مەھدى

     

    مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەھەللىمىزدىكى دەرەخلەر بار ئىكەن . 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 13 –كۈنى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ خېلۋەت بوستانلىقلىرىدىن بىرى بولغان  مەھەللەمگە مەھمۇت ئېسىملىك بىر بالا قوشۇلدى . بۇ ئائىلىمىزگە بۆيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹تۇركىي تىللار دىۋانى›ناملىق كىتاپنىڭ ئېلىپ كىلىنىشى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كەلگەچكە،ئىسمىمنى مەھمۇت قۇيغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئائىلىمىز ۋە مەھەللىمىزدە مىنى ئەدەبىيات بىلەن باغلايدىغان بىر ئادەت باشلىنىپتىكەن.بۇ مەھەللە بوۋامنىڭ مەھەللىسى بولسىمۇ ، مىنىڭ مەھەللەم ئىدى . بالا ۋاقىتلىرىمدا مىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى مەھەللىمىزدىكى دەرەخلەر ۋە  چەكسىز كەتكەن يۇلغۇنزارلىق ئىدى. دەرەخكە چىقىش بىلەن يۇلغۇنزارلىقنىڭ چوڭلارمۇ بىرىشتىن قورقىدىغان جايلىرىغا بىرىپ بېقىشقا شۇنداق ئىنتىلەتتىم. دەرەخلەر ئۇستىگە كىچىك ئۆي ياسىۋېلىپ قۇشلار بىلەن بىرگە ئوخلاش ئەڭ زور خۇشاللىقىم بولسىمۇ، ئاتا –ئانامنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچرايتى .قوغۇنلۇق ئىتىزلىرى بويىغا ساتمىلارنى ، ئۆستەڭ بويلىرىغا لاي ئۆيلەرنى ياساپ ئوينايتۇق ، ئاكىللىرىم كۆپ بولغاچقا ،مەھەللىدىكى بالىلار مىنىڭ ساتمىللىرىم ۋە لاي ئۆيلىرىمنى بۇزىۋىتەلمەيتى ، شۇنداق ھوزۇرلىناتتىم ۋە بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمۈلەتتىم . مەھەللىمىزدىكىلەرنىڭ قوي –كاللىرى يۇلغۇنلۇققا كىرىپ كەتسە ، مىنىڭ ياردەم قىلىپ تېپىپ كىلىشىمنى ئۆتۈنەتتى بۇ چاغلاردىكى خۇشاللىققا نېمە يەتسۇن .... باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىم باشلانغاندىمۇ ،مەن مەكتەپكە بېرىشقا ئۇنچە ئېنتىلىپ كەتمىدىم ،چۇنكى ،مەن تەبئەت دۇنياسىدىكى بالىلىق ئىنتىلىشلىرىدىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى . ھېلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ مەھەللىمىزدە شۇنداق كەپچى بىر جۇۋازچى ئادەم بار ئىدى ، ئۇنىڭ جۇۋازخانىسى ۋە جۇۋازخاندا تورۇسىدىكى سەرخىل ئۆمۈچۈكلەر ، ئۇنىڭ جۇۋازخانىسى ئالدىدا ئاپتاپپەرەس  سورىغاچ  شامال چىقىرىش ئۈچۈن قوشاقلىرى ۋە ناخشىللىرى ماڭا شۇنچىلىك سىرلىق تۇيۇلاتتى .مەھەللىدىكى بالىلار ئۇنىڭدىن قورقاتتۇق.مەن ئاشۇ كىشىنىڭ ئاۋازىدىن ئىنساندىكى بىر سېھرى كۈچنى ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ بەلكى مىنىڭ شېئىرنى تۇنجى ھىس قىلىشم بولسا كېرەك . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچلىرىم تەبئەتتىن  ئايرىلىش بىلەن شەھەر موھىتىغا كۆنەلمەسلىك ئارىسىدا ئۆتۈپ كەتتى . 2001 –يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ،مەكتەپتىكى ئەدەبىيات موھىتى مىنى ئەدەبىياتنىڭ ئىللىق قوينىغا باشلاپ كىردى .كىتاپ ئوقۇش تەپەككۇرۇمنى بارغانسىرى كېڭەيتتى ئىنسان ،ھايات ، مۇھەببەت توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىشلارغا مەجبۇرلىدى .ھاياتنىڭ مەن سەبى تەپەككۇرۇم بويىچە ئويلىغىنمدەك ئاددى ئەمەسلىكىنى ، ئىنسان ئۆز ھاياتىنى پەقەت ئۆزى  يارىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم .شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرىستىتى ‹بىخ› ئىجادىيەت گرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەن ئەدەبئىي ئىجادىيەتكە كىرىشتىم ۋە تۇنجى شېئىرىم شۇ گۇرۇپپا چىقىرىۋاتقان ‹بىخ› گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىم مىنى ھاياتىدا ناھايىتى قېممەتلىك. ئالىي مەكتەپ ھويلىسىدىكى مۇھەببەت ،دوسىتلۇق ، ئېلىم ئىزدەش موھىتى ئىچىدە ، مۇھەببەت ۋە كەسىپنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىۋالدىم .ئۆزۈمنىڭ مىجەزى مىنى ئىجتىمايى ياشاشقا ئىنتىلدۈرۈپ تۇرغاچقا دوسىتلىرىم كۆپەيدى، خۇشاللىقلىرىم ۋە ئازاپلىرىم كۆپەيدى . بىلىدىغانلىرىمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىلمەيدىغانلىرىمنىڭ بىلىدىغانلىرىمدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
    ئالى مەكتەپ ھاياتى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بىر رومان ئىدى . ئونۋېرىستىتنىڭ ئايدىڭ  ئاخشاملىرى ، خىېلۋەت مەكتەپ ئويلىسىدىكى مۇھەببەتلىك ھايات، تەنتەربىيە مەيدانىدىكى سۈرەن –چوقانلار  ماڭا نۇرغۇن گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى . بۇ تۇيغۇلار تەبئىي ھالدا مىنىڭ شېئىرلىرىمغا ئايلاندى . شۇ كۈنلەرنى ئەسلىسەم ھازىرمۇ ھاياجانلىنىمەن . بۇ تۇيغۇلىرىم ‹ دىلبەرنىڭ دەرەخلىرى › نامىدا تور ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. يېقىندا بۇ شېئىرلىرىم شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى نەشىرىياتى تەرىپىندىن نەشىر قىلىنىپ ، كىتابخانلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى ...
     
    ئالىي مەكتەپ ھاياتى مەندەك تەبئەت قوينىدا ئەركىن ياشاپ چوڭ بولغان بىر شوخ بالىنى ،ئېغىر بېسىق ، ئىشلارغا ھېسيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان تەمكىن ئادەمگە ئايلاندۇردى . لىكىن ، يۈرەكتىكى شوخلۇق يوقالمايدۇ –دە ،ئەلۋەتتە !
    2007-
    يىلى ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كىيىن يۇرتۇم قەشقەرگە قايتىپ ،ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇلىغان بولساممۇ ، مېھرىدىن كەچمەك تەس بولغان ئۇرۇمچى شەھىرى مىنى ئۆز باغرىدا ئېلىپ قالدى . ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دارۋازىسىدىن كىرىپ چىقىدىغان بىر ئادەمگە ئايلاندىم . شۇكرى ، مەن تەقسىم قىلىنغان خىزمەت موھىتى مىنىڭ قىزىقىشىم ئىچىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت موھىتى .خىزمەت موھىتىدا ئەدەبىيات-سەنئەتكە يېقىنلاشقاندىن باشقا ، نۇرغۇن ئەزىزلىرىمىز ۋە قېممەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم . ھازىر ئۆزۈمنى بارابارا ئەدەبىياتقا يېقىنلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن .
    مەتبۇئاتلاردا ھازىرغىچە 120 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىپتىمەن، ئېلان قىلىنغان شۇ نەرسىلىرىم ئەسەر دەپ ئاتىلىدىغان بولسا،مەن يەنىلا  ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەتتە قانچىلىك ئىش قىلغىنىمغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن .
    ھازىرقى ھاياتىم ناھايىتى ئىجدىمايىلىقى كۈچلۈك ھايات . كۈنىگە يېڭى –يېڭى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمەن ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مىنىىڭدىن نىمىلەرنىدۇر سوراۋاتقانداك بىلىنىدۇ .بىراق ،ئەتراپىڭدىكى ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن مانا ئىزدەشمۇ ئاددى ئىش ئەمەس ئىكەن ...قىزغىنلىق ،ئالدىراشلىق ئىچىدىكى ھايات ماڭا يەنە چوڭقۇر يالغۇزلۇق ئاتا قىلدى . مەن يەنىلا تۇيغۇ دۇنياسىدا ئەركىن ياشىغۇچىدۇرمەن .‹ ئۈلگىرەلمىدىم ›،‹ بالىلار مەشرىى › ، ‹ كەل دوستلىرىم ،ئوينايلىقاتارلىق  بىر قىسىم شېئىرلىرىم رايۇنىمىز سەنئەتكارلىرى تەرىپىندىن سەنئەت سەھنىللىرىدە ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى ، سىنىڭ قەلبىڭدىكى كۈيلەرنى ،باشقىلار قەلبىدە كۈي قىلىنىشىمۇ ،كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش ئىكەن . مەن ھازىرغىچە  نىمە ئۈچۈن شېئىر يازىدىغانلىقىم ھەققىدە ئېنىق جاۋاپ بىرەلمىسەممۇ ، تۇيغۇلىرىمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ، شېئىر مەندىن كەچكەنگە قەدەر شېئىر يازىمەن.
    مەن سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دېگۈچى ئەمەسمەن، سەنئەت مىنىڭ ھاياتىمنى سەنئەتكە ئايلاندۇرسىكەن دەيمەن .چۈنكى ،مەن ھاياتنى سۆيگۈچى ...ھاياتىمنىڭ 28 باھارىنى ياشاپ بوپتىمەن ! بۇ باھارلار كىملەرنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئاتا قىلغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، قەلبىمدە بىر يۈكسەك مۇھەببەتنىڭ بارلىىقىدىن سۆيىنىمەن ... كىشىلەر مىنى ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا ،ئۆزۈم مۇھەببەت بىرىشنى، سۆيۈشنى خالىمىغان ئىشلارنى ۋە ئادەملەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنىڭ ياشاش ئىقتىدارىدىن پەخىرلىنىمەن . شۇكرى ، ھازىرغىچە بەخىتلىك ياشىماقتىمەن ....
    ھاياتنىڭ ئۆزى بىر شېئىردۇر .مەن ئاشۇ شېئىرنى يازغۇچى ۋە شۇ شېئىرنىڭ بىر ئوقۇرمىنىمەن ،خالاس !

    ___ ئاپتوردىن

    مەھمۇدنىڭ شېئىرلىرى شېئىرىي تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە ئىماگلىرىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. بىز  بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەپ ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

    __ مەسئۇل مۇھەررىردىن(شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى "ياش قەلەم" سەھىپىسىدىن)

    چىغرىق

    ئۆرگىلەي ،چۆرگىلەي ،قۇشلار ئۇچۇڭلار ،
    ئىزىشقا يول باردۇر شىرىن چۈشلەردىن .
    قوياشنىڭ ئاۋازى كۆكسۈمنى تەشتى،
    زىرىكتىم ناۋاسىز قالغان كۈنلەردىن .

     

    چىغرىقتەك ئايلاندىم چەكسىز ئاسماندا ،
    ئېگىرىپ بىر قىزنىڭ ئىشتان بېغىنى .
    بىر تاشنىڭ ئالدىدا تۇرىمەن يەنە ،
    خازان قىپ قەلبىمنىڭ گۈزەل بېغىنى .

     

    ۋاي ئاللا ،ۋاي ئاللا قۇشلار ئۇچۇڭلار ،
    ئۇچۇشنىڭ مەنىسى تاغلاردا قالسۇن .
    كۆزىنى ياشلىغان دەرەخلەر ئۆلمەس ،
    كۆز ياشلار داۋاملىق تۇپراققا قانسۇن .

     

    ئۇ كەتتى كەلمىدى ئېچىلغان گۈللەر ،
    ئۇ كەتتى كەلمىدى دەريادىكى سۇ .
    بوينۇمغا باغلانغان قىلدىن كىلىمەن ،
    چەكسىز بىر ئورمانغا ئوخشايدىكەن ئۇ .

     

    ئۆرگىلەي ،چۆرگىلەي ،قۇشلار ئۇچۇڭلار،
    بۇ ئېغىر تېنىقلار سىلەردە ناخشا .
    بارماقتا كۆزلىرىم نۇردىن يىراقلاپ ،
    غازاڭمەن ئولتۇرغان سۇنغان بىر شاختا .


    ئايرىلىش ئالدىدا بىر سۆيۈپ قوياي
     
    ئايرىلىش ئالدىدا بىر سۆيۈپ قوياي،

    تىترىمە بۇ قېتىم تەلۋە تۇرقۇمغا.
    گۈللەرمۇ ئېچىلدى ،يېشىل چىغىر يول،
    ئەمدى تەن چىدىماس سىنىڭ خۇلقىڭغا
     
    سۆيگۈڭدىن ئوت ئېلىپ ئۆسكەن دەرەخلەر،
    يىرتىلغان بەتلەرگە تاشلايدۇ غازاڭ.
    سارغايغان ئالبۇمدىن يۇلۇپ ئال مىنى ،
    چىچەكلىك باھاردا قانار دىل ياراڭ.
     
    توت تامغا تاپشۇردۇم تەلۋە تۇرقۇمنى،
    شىلتىيمەن يۈرەكنى خىيالغا قاراپ.
    مەن چەككەن ئازاپنى بىلەلەيدۇ كىم؟
    ئاي چىقماس كىچىدە يۇلتۇزنى ساناپ.
     
    بىلمىدىم تاغلاردەك قانداق چىداشنى،
    بىلىمەن تىلەكتەك ئۇنسىز قاناشنى.
    نىمىلەر دەسسەركىن دەيمەن ئۇستۈمگە،
    يوللاردىن ئۈگەنسەم سەنسىز ياشاشنى.
     
    تاڭ سۆيۈپ ئېچىلغان گۈلسەن ،ئەزىزىم،
    بۇ قەددىڭ ياراشماش يامغۇر پەسلىگە.
    نەچچە تال ئۆمۈچۈك ئىكەن ئەسلىمە ،
    بىز ھازىر ئايلىنىپ قالدۇق ئۇپۇققا .
     
    توت تامغا تاپشۇردۇم تەلۋە تۇرقۇمنى،
    ئەمدى مەن چىچەكسىز  بىر دەرەخ بولاي.
    ئالقانلار ئوت ئالدى،كۆز ياشتىن ئاۋۋال،
    ئايرىلىش ئالدىدا بىر سۆيۈپ قوياي.

    ئەسىلى تېما ئادىرىسى: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=60&TopicID=3741


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • شېئىرىيەت ئاشىنالىرىنىڭ قەلب تارىنى چېكىدىغان ئېسىل كۈيلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
    بىر ئۆمۈر كۈيلەشكە ئەرزىگۈدەك دىلبەرنىڭ يارى بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
    رەشىدنىڭ خالس مېھنەت-ئەجرىگە رەھمەت!
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复ئۆزقان说:
    سىزنىڭ ئىزچىل بلوگىمغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزدىن خۇشالمەن. خ▲شۋاق بولۇڭ!
    2011-09-09 01:46:22