ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-09

    چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىن قېسقىچە بايان (2) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    فرانسىيلىك ئۇيغۇر تارىخى مۇتەخەسىسى خامىلتۇن (J.Hamilton) 1954  -يىلى ‹‹ بەش دەۋر ئۇيغۇر تارىخى›› ناملىق دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملىغان، 1955-يىلى بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنغان ( مەملىكېتىمىزدە بۇ ئەسەرنىڭ گېڭ شېڭ تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسى بار، 1988-يىلى تۈزىتېلگەن نۇسىخىسى فرانسىيىدە قايتا  نەشىر قىلىنغان)، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1971-يىلى ئۇ ‹‹ دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى›› ناملىق ماقالىسى بىلەن تۈرك ئەدەبىياتى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ( بۇ كىتابنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان)، 1983-يىلى ‹‹ دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان 9-10 ئەسىرلەردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يازمىلىرى ھەققىدە تەتقىقات›› (چوڭ ھەجىمدىكى ئىككى توملۇق ئەسەر) ناملىق ماقالىسى ئۇنى فرانسىيە دۆلەتلىك دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتۈرگەن. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە مەخسۇس ئەسەرلەردىن باشقا يەنە 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ موھىمى ‹‹ توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق ماقالىسىدۇر. ئۇ بۇ ماقالىسىدە : ئۇ تۈركشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئاتالمىش تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا كۆرۈلىدىغان Toquz oghuz  (توققۇز ئوغۇز) نىڭ ئەمەلىيەتتە خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدىكى九姓  دېگەن سۆز ئىكەنلىكىنى، 九姓 دېگەن سۆزنىڭ Toquz oghush (توققۇز ئۇرۇق دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا oghush (فامىلە، ئۇرۇق ) دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدىكى Toquz (توققۇز) دېگەن سۆزدىكى z تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە oghuz دېگەن سۆزگە ئۆزگەرگەنلىكىنى، بۇ نوقتا خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەرگە ماس كىلىدىغانلىقىنى (خەنزۇچە مەنبەلەردە پەقەتلا九姓 ياكى 九姓 دەپ خاتىرلەنگەن 九姓乌古斯 دېگەن سۆز ئۇچرىمايدۇ). ئاتالمىش 九姓 (قەدىمكى تۈركچىدە توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلىدۇ) دېگەن سۆزنىڭ ئەمەلىيەتتە九姓铁勒 ياكى铁勒九姓 دېگەن سۆزلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت توققۇز تېلى  九姓铁勒 نىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئون ئۇيغۇر (on uighur) دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

    1964-يىلى ئامرىكىلىق ئالىم سامولىننىڭ(W.samolin) ‹‹ 12-ئەسىردىن ئېلگىرىكى شىنجاڭ›› (بۇ كىتاب ئۇنىڭ 1961-يىلى يازغان ‹‹تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۈركلىشىشى›› ناملىق دوكتۇرلۇق ماقالىسى ئاساسىدا يېزىلغان) ناملىق ئەسىرنى ئېلان قىلغان.

    1966-يىلى سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ئالىمى تىخىنوف (D.I.Tikhonov) ‹‹ 10-14 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجدىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈمى›› ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتاب (1) ئومۇمىي بايان، (2) 6-9 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار، (3) شەرقى تەڭرىتاغدىكى ئۇيغۇر خانلىقى، (4) يېزا-ئىگىلىك، (5) شەھەر ۋە قول-سانائەت، (6) سودا ۋە جازانە قەرز، (7) ئىجارە ۋە ياللانما ئەمگەك، (8) يەرگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، (9) فېئوداللار ۋە ياللانما دىھقانلار، (10) يېزا-مەھەلىلەر، (11) مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت.⒆ (12) خاتىمە دىگەندەك باپلاردىن تۈزۈلگەن.

    1983-يىلى روس ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن ماليەۋكېننىڭ (A.G.Malyavkin)‹‹ 9-12 ئەسىرلاردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى›› ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان.

    1988-يىلى روس ئالىملىرى كوللىكتىپى) S.L.Tikhvinskiy ۋە B.A.Litvinskiy باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن كۆپ توملۇق (شۇ ۋاقىتتا تۆت تومى نەشىر قىلىنىپ بولغان) ئەسەر ‹‹ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا قەدىمكى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى شىنجاڭ تارىخى››⒇ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر غەرب ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 1-تومىنىڭ 6-بابىدا قەدىمكى يۇنان، رىم مەنبەلىرىدىكى قەدىمكى شىنجاڭغا ئائىت ماتېرياللار كەڭ تۈردە پايدىلىنىلىپ، پەقەت خەنزۇ يېزىقىدىكى تارىخى ماتېرياللارغىلا تايىندىغانلارنى يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان. بۇ تومنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: (1) ئومۇمىي بايان، (2) تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، (3) تاش قوراللار دەۋرى، (4) مىس ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرى، (5) دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرى، (6) قەدىمكى رىم ۋە يۇنان تارىخى ماتېرياللىرىدىكى شىنجاڭ، (7) مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادى 6-ئەسىرگىچە بولغان شىنجاڭ، (8) 7-10 ئەسىرلەردىكى شىنجاڭ، (9) ئۇلۇغ يىپەك يولى، 2-تومى  ئاساسلىقى قەدىمكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر، يازما مەنبەلەر ۋە دىنغا ئائىتتۇر، 3-تومى قەدىمكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، 4-تومى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كېيىم-كىچەكلىرىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان.

    1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ئالىملار كوللىكتىپى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ قېسقىچە تارىخى›› ناملىق ئىلمىي ئەسەر خېلى ياخشى يېزىلغان بولۇپ ، بۇ ئەسەر تۆۋەندىكىدەك

    يەتتە باپتىن تۈزۈلگەن: (1) ئومۇمىي بايان، (2) ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمى دەۋرىدىكى شىنجاڭ، (3) مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنجى مېڭ يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى بىرىنجى مېڭ يىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى، (4) مىلادى 5-10 ئەسىرلەردىكى دەسلەپكى فېئوداللىق دۆلەتلەر ،(5) ھەر قايسى فېئوداللىق دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى، (6) مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار، (7) 9-13 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى.

           2001-يىلى كامالوف ‹‹8-9 ئەسىرلەردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار›› ناملىق ئەسىرنى ئالمۇتادا نەشىر قىلدۇرغان.

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ مەھكىمىسى 20-ئەسىرنىڭ 80-90 يىللىرى كۆپ توملۇق ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى›› نى يېزىشقا تەشكىللەپ نەشىر قىلدۇرغان (ھازىرغىچە بۇ كىتابنىڭ 5-توم 6-بابى نەشىر قىلىندى). بۇ كىتابنىڭ 4-بابىغا پروفىسسور دېنىس سىنور     (D.Sinor)يازغان ‹‹ئۇيغۇر خانلىقى›› ۋە مەن يازغان ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى›› ناملىق ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن.

    1990-يىلى پروفىسسور دېنىس سىنور باشچىلىق قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇلغان‹‹كامبېرىج دەسلەپكى دەۋرلەردىكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى›› ناملىق ئەسەردە ئاۋېسترالىيلىك ئۇيغۇرشۇناس كولىن ماكېرراس (Colin Mackerras)يازغان ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت مەخسۇس باپلارمۇ كىرگۈزۈلگەن (بۇ ئادەم 1972-يىلى ‹‹كونا تاڭنامە›› ۋە ‹‹ يېڭى تاڭنامە›› قاتارلىق تارىخى ماتېرياللارغا ئاساسەن ‹‹ئۇيغۇر خانلىقى›› ناملىق بىر كىتابنى يازغان)

    1992-يىلى ئامرىكا ئالىمى پېتىر گولدىن(Peter Golden) ‹‹ تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىخىدىن ئومۇمىي بايان›› ناملىق مەخسۇس ئەسەرنى يازغان، بۇ ئەسەرنىڭ 6-بابى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىتتۇر.

    1992-يىلى گىرمانىيلىك ئالىم ۋ. سىكالىپ (W.Schalipp)‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادا دەسلەپكى تۈركلەر›› ناملىق ئەسەرنى يازغان. ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى، (2) ئۇيغۇر خانلىقى، (3) شىنجاڭ ۋە گەنسۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقى، (4) ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلار، ئۆرپ-ئادەتكە ئائىت كىتابلار ۋە دىنىي يادىكارلىقلار.

    داۋامى بار

    分享到: