ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-09

    چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىن قېسقىچە بايان (3) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    ياپۇنىيىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربى يۇرت تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مەسىلەن، پىشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملاردىن خانىدا تورۇنىڭ ‹‹ غەربى يۇرت مەدەنىيەت تارىخى››، ‹‹ غەربى يۇرت كۈلتۇر تارىخى››، ‹‹دوكتۇر  يۈتىيەنخېڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى››، كوئۇئى گاۋامىنىڭ  ‹‹ تۈرك تارىخى›› (‹‹جۇڭگۇ چېگرا رايونلار تارىخى›› غا بېسىلغان)،‹‹ قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى تەرجىمە ئېزاھاتى›› ، يامادا نوبۇنىڭ ‹‹ يايلاق ۋە بوستانلىق››، ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توختامنامىلەر توپلىمى››، خانىدا تورۇ ئاكارىنىڭ  ‹‹غەربى يۇرت ›› ‹‹مەركىزى ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتى››، مورى ماساۋنىڭ ‹‹ قەدىمكى كۆچمەن ئىمپىرىيە››،‹‹ قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتى›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.يىقىنقى يىللاردا شاۋگاتو ماساخىرو، ئۇمىمۇرا خىروشى، مورىياسۇ تاكىئو قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناسلار يىتىشىپ چىقماقتا.

    2000-يىلى خەلقئارا شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتى تەشكىللەپ نەشىر قىلدۇرغان ‹‹ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى ›› (21) ناملىق كىتابقا مېنىڭ ئۇزۇن ھەجىملىك ئىلمىي ماقالەم ‹‹قەدىمكى تۈرك يايلاق خانلىقلىرى ››(نېمىسچە)، دېنىس سىنورنىڭ ‹‹شىمالىي چۆللۈك ئۇيغۇر خانلىقى(ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى دېمەكچى تەرجىماندىن››، پروفىسسور پېتىر زىمىينىڭ ‹‹قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ›› (نېمىسچە) ۋە خامىلتوننىڭ ‹‹گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ›› (فرانسۇزچە) ناملىق  ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.

    يۇقىرىدا غەرب ئالىملىرىنىڭ يىقىنقى 200 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەھۋاللار قېسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. مېنىڭچە بىز ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدا غەربتىكى  ۋە ياپۇنىيدىكى  ئالىملارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇشىمىز يىتەرلىك بولمىدى.بۇنىڭدا كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبلەر بار. بۇنىڭ بىرى، مەملىكىتىمىز ئالىملىرىنىڭ  چەتئەل تىلى سەۋىيىسى ياخشى بولماسلىق، چەتئەلدىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماتېرياللارغا دىققەت-ئېتىبارىنى بۆلمەسلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتېرياللار شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ھەقىقەتەن موھىم، ئەمما بىردىنبىر مەنبە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز يىلدىن بىرى، شىنجاڭدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپ قېسىمى چەتئەللەرگە ئەكېتىلگەن. ئۇلار بۇ جەھەتتە سۇ بېشىدىكى يەر بالدۇر سۇ ئېچىپتۇ دېگەندەك  قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ بۇ ساھەگە ئائىت مەخسۇس، يېڭى ئەسەرلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي نەشىر قىلدۇرماقتا.مەن جۇڭگۇدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللە ئۆرلەپ،  بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كىتىپتۇ دېگەن ماقال بويىچە جۇڭگۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا تىلەكداشمەن.

    ئىزاھاتلار:

      Histoire de Gentchiscan et de toute la dinastie des Mongols, Paris, 1739.

      Memoire surl’origine des Huns et des Turcs, Paris,1748 ; Histoire general des Huns , des Turcs, des Mongols et des Tartares Occidentaux, 4 tomes,  Paris, 1756-1759.

       Histoire de la Tartarie, Paris, 1779.

      Descriptions geographique, historique ,chronologique,politique et physique de l’empire de la China et de la Tartarie chinoise, LaHaye,1736.

      Ueber die Sprache und Schrift der Uiguren, Paris, 1820.

      Opisanie Chzhungarii I Vostochnogo Turkestana … 1829; Sobraniy svedenii o narodakh obitavshikh v Sredney Azii v drevnie vremena,1951.

      Histoire des Mongols …, 1834-1835.

      Zemlevedenie K.Rittera … vyp. 1-2 , 1869-1873.

      K voprou ob uygurakh, in Radloff : Das Kudatku-bilik, 1893.

      Istoricheskiy ocherk uygurov, 1889.

      1) Ocherk istorii Semirech’ya, 2) Otchet o poezdke v Srednyuyu Aziyu, 3) Turkestan, 4) O khrestianstve v Turkestane v domongol’skiy period, 5) Kirgizy, 6) Istorriya turesko-mongol’skikh narodov.

      Opisanie puteshectviya v Zapadnyy Kitay, t.1-2, 1896,1899.

      Un traite manicheen retrouve en China,Journal Asiatique, 1911-1913.

      Historie generale dela China ,Paris, 1920-1921.  

      Historie de l’Extreme-Oient, 2 tomes, 1919; L’empire des Steppes, Paris, 1939.

      Obchshestvennyy story monggolov – Mongol’skiy kochevoy feudalism, L., 1934.

      Arabskie I persidskie istochniki ob uygursko-turfanskom kniazhestvev 9-10, Trudy otdela vostoka gosudarstvennogo Ermitazha, vyp.4,L., 1947.

     (18)بۇ ھەقتە ‹‹غەربى يۇرت تەتقىقاتى›› ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلغان ‹‹گابائىن خانىم ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى ›› ناملىق ماقالىگە قاراڭ.

     (19)مەن بۇ ماقالىنى خېلى يىللار ئىلگىرىلا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ‹‹مىللەتلەر تارىخى تەرجىمە ماقالىلىرى توپلىمى›› نىڭ 1978-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلدۇرغان ئېدىم.

    (20) Vostochnyy Turkestan v drevnenosti I rannem srendevekov’e Moskva, 1988.

     (21) History of the Turkic Peoples in the Pre-Islamic Period, Berlin, 200.

     (22) سەھىپە ئىھتىياجى بىلەن غەربتىكى بىر قېسىم ماتېرياللار ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىلىمىدى.

    (ئىزاھاتلاردىكى ئېنگىلىزچە، گىرمانچە ۋە باشقا تىلدىكى ئەسەرلەر رەت نۇمۇرى قويۇلغان سانلارنىڭ ئالدىدىكى كىتابلارنىڭ نامىدۇرـ تەرجىماندىن )

    قوشۇمچە:

    گېڭ شىمىن- مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى، جۇڭگۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە تۈركلوگىيە تەتقىقاتى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىم.

    تەرجىمان: ئىمىن تاجى تۈرگۈن- شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسفىرانتى.

    بۇ ماقالە پروفىسسور گېڭ شىمىننىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى 2007-يىلى نەشىر قىلغان ‹‹ ئۇيغۇر ۋە قازاق تىل-ئەدەبىياتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى›› ناملىق  توپلامغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.

    ئاپتۇر:  ئىمىن تاجى تۈرگۈن

    ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى يولى 102-نۇمۇر، پوچتا نۇمۇرى:

    830054

    تامام .            

    ئەسكەرتىش : مەزكۇر ماقالە تەرجىماننىڭ رۇخسىتى بىلەن بىلوگىمدا ئېلان قىلىندى. تەرجىماننىڭ مىھنىتىگە ۋە قوللىشىغا تەشەككۈر ئېيتمەن. 

    分享到: