-
2011-10-21
شۋېتسىيە شائىرى توماس2011-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
شۋېتسىيە شائىرى توماس2011-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 6 - ئۆكتەبر خەۋىرى: شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شۋېتسىيە شائىرى توماس تىرانسترومېر (Tomas Transtroemer) نىڭ 2011 - يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
80 ياشلىق توماس 23 يېشىدا تۇنجى شېئىر توپلىمى "ئون يەتتە شېئىر" نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان. نام چىقارغاندىن كېيىن، " يولدىكى سىرلار"، "قاراڭغۇلۇقتا كۆزىتىش"، "ھەقىقەتكە توسالغۇ بولغۇچى"، "ئۆلۈك ۋە تىرىكلەرگە" قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىنى كەينى - كەينىدىن نەشىر قىلدۇرغان.
توماس كۆپ قېتىم نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ 1990-يىلى سەكتە بولۇپ قالغانلىقتىن سۆزلەش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغان.
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى