-
2011-10-21
رەشىد: ئانا، ئامان بول - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئانا، سەھەر گۈل تاشلاپ قويۇپ
كېتىپ قالدىڭ چۈشۈمدىن تېزلا.
بۈگۈن مەندە ئەڭ ئېسىل نەرسە
پەقەت سېنىڭ، سېنىڭ ھىدىڭلا.
ئاستا قوندۇم جەينامىزىمغا،
سېنى ئويلاپ تاڭلارغا يەتتىم.
ساڭا سۇنماق ئۈچۈن مەنمۇ گۈل
قەلبىمدىكى باغلارغا كەتتىم.
سوغ شەھەردە سېنى ئەسلىدىم،
ئوت يىقىلدى ئاھ يۈرىكىمگە.
بەلكىم مېنى قالدىڭ چاقىرىپ،
چاقىرغانسەن ئۈنسىز ئىچىڭدە.
ئامان بولغىن بەختىمىز ئۈچۈن،
چۈشىمىزگە كىرىپ تۇر پات - پات.
ئۆيىمىزدە سەن بىر تاللا گۈل،
سەن بىزدىكى ئەڭ ئېسىل ھايات.
«شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلى 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
.