ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-10-21

    نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە - 1 - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-1

    ئاپتور: ئابلاجان ئۈمىديار

    مۇھىم مەزمۇنى: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 15- ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر شائىرى نەۋائى (1441-1501) ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىدە ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۆرنەك بولغىدەك يۈكسەك بەدىئىي نەمۇنە ياراتقان. نەۋائى ئەسەرلىرى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە ۋە يۈكسەك ئىستېتىك قىممەتكە، كۈچلۈك پەلسەپىۋى ئىدىيىۋى ئاساسقا، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە. بۇ ماقالىدە، نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

        ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: نەۋائى ئىجادىيىتى ئىدىيىۋى مەنبىئى

        نەۋائى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا سان جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە سۈپەت جەھەتتىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان بۈيۈك نامايەندىدۇر. خۇددى «مەھبۇبۇل قۇلۇب» ۋە باشقا ئەسەرلىرىدە دېيىلگىنىدەك، بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئىلىمگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان شائىر نەۋائى، ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدىن تارتىپ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە نۇرغۇن شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلاردا ياشاپ تۈرلۈك مەدرىسلەردە بىلىم ئېلىپ، جەمئىيەتتە خىلمۇ-خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقان ئاساستا رىئال جەمئىيەت ۋە تۈرلۈك مەنبەلەردىن بىلىم ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي ھاياتىدا قەدىمكى گرېك پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت مۇھىتى ئاستىدىكى ۋارىسلىرى بولغان فارابى، ئىبىن سىنا، ئەبۇ رەيھان بىرۇنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە باشقا ئالىملارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا باشلانغان ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ تەسىرىدە گۈللەنگەن ئۇيغۇر ۋە پارىس-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ، شۇنداقلا 15- ئەسىر مۇھىتىدا ئومۇملاشقان خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى ۋەكىللىك قىلغان سوپىزم ئىدىيىلىرىنىڭ ئىلغار ئىجتىمائىي تەسىرىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلغان، شۇ ئاساستا ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمدىن تاكى 15-ئەسىر باسقۇچىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەڭ ئىلغار پەلسەپىۋى تەپەككۇر سەمەرىلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى بىلىشنىڭ نوقۇل شېئىرى تەسەۋۋۇر ياكى بەدىئىي ئوبراز شەكلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتنى ئىپادىلەش دائىرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىلمىيلىك، گۇمانتارلىق ۋە كۆپ قىرلىق مەرىپەتپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە قىلغان. شۇڭا، نەۋائى مىراسلىرى پەلسەپە، تارىخ، سەنئەت قانۇنىيىتى، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، ئەخلاق، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىلىم تۈرلىرى ۋە تەپەككۇر شەكىللىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان غايەت زور ئىنسكىلوپىدىيىلىك تۈسكە ئىگە مەنىۋىي خەزىنىنى ياراتقان.

        نەۋائى ئىجادىيىتى يۈكسەك دەرىجىدىكى پەلسەپىۋىلىككە ئىگە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تۇتىشىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر مۇھىتىدا شېئىرنى ۋاسىتە قىلغان پەلسەپىۋى تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پۈتكۈل ئالەم ۋە جەمئىيەتنى ئۆز تەپەككۇرىغا ئالغان شائىر، ئۆز ئەسەرلىرىدە مەۋجۇدىيەت، ئىلاھىيەت، ئىنسان، ئەقىل-ئىدراك، مەرىپەت ، ئىرادە ئەركىنلىكى، ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت قاتارلىق تېمىلاردا ئۆزىنىڭ غايەت زور ئىلغار ئىدىيىۋى قاراشلىرىنى ئالغا سۈرگەن. نەۋائى پۈتكۈل ئىجادىيىتىدە ئالدى بىلەن بىر ئىسلامىيەت مۇتەپەككۇرى ۋە شائىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالەمنى ياراتقۇچى تەڭرى-ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تونۇيدۇ ۋە ئۆز ئىجادىيىتىنى مۇشۇ خىل مەركىزىي دۇنيا قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە روياپقا چىقىرىدۇ. شائىرنىڭ قارىشىچە،ئاللاھ كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئەسلى مەنبىئىدۇر. ئالەمدە ئەسلىدە پەقەت بىرلا تەڭرى يەككە ھالدا مەۋجۇت ئىدى. كېيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ قۇدرەت-ئىقتىدارىنى جارى قىلىپ، پۈتۈن كائىناتتىكى ھاياتلىق تۈرلىرىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەر خىلى بولغان ئىنساننى ياراتقان ھەم ئۇنىڭ بىلىش قابلىيىتىنىمۇ بەخىش ئەتكەن. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ «فانى» تەخەللۇسىدا يازغان «روھۇل-قۇدس» ناملىق 132 كوپلېت بېيىتتىن تەركىپ تاپقان بىر قەسىدىسىدە يەككە مەۋجۇت بولغۇچى «تەۋھەدى بارى تەئالا»(ئاللاھ) ھەققىدە توختىلىپ: «ئىنسان جىسمىنى توپىدىن ساز ئەتتىڭ، ئۇنىڭ جىسمىنى ئاسمان گۈمبىزىدىنمۇ يۇقىرى كۆتۈردىڭ. جىسمىغا رەھمەت يامغۇرى ياغدۇرۇپ، تەبىئىتىنى مۇلايىم قىلدىڭ. يەنە ئۇنىڭغا تۆت زىددىيەتلىك تەركىپ (تۇپراق، ئوت، سۇ، ھاۋا)قوشۇپ ۋۇجۇدىنى گۈزەل قىلىپ جان بېغىشلىدىڭ. ھەۋەسلىرىنى راست ئەيلەپ مېڭە قەسىرىگە ئەقىل نۇرى بەردىڭ، تەننى ئاجايىپ مەملىكەت قىلىپ، قەلىبنى سۇلتانلىق تەختىگە چىقاردىڭ، كېيىن ئۇنىڭغا ئىلىمنى رەھنەما (يېتەكچى) قىلىپ، بىرىنچى تەلىمدە ئۆزۈڭنى تۇنۇتتۇڭ. ئۇ (ئىنسان) ئىلىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن مالائىكىلەر قۇللۇق بىلدۈرۈشىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. بارلىق مەۋجۇدادلار ئىچىدە ئىنساننى ئەڭ ئۇلۇغ قىلدىڭ» دەپ خىتاپ قىلىدۇ.①نەۋائىنىڭ قارىشىچە، خىلمۇ-خىل شەكىلدە يارىتىلىپ تۈرلۈك مۆجىزىلەر بىلەن تولغان دۇنيا بىر كۆزگۈ (ئەينەك) دىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن ۋە ھاياتلىق قىممىتىگە ئىگە بولغان بارلىق شەيئى-ھادىسىلەر (جۈملىدىن ئىنسانىي تۇيغۇلارمۇ) ياراتقۇچىنىڭ مۆجىزە- كارامىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۆزىنى ھەق يولىغا بېغىشلىغۇچى ئارىف ئىنسان (ئاشىق) مۇشۇ كۆزگۈدىن ئالەمنىڭ مەنبىئىنى ،ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ،شۇنداقلا ئۆز-ئۆزىنى تونۇپ يېتەلەيتتى.

        نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى گۇمانىزملىق ئىدىيە، ئادالەتپەرۋەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر كۆز-قاراشلىرى ئەينى دەۋرگە خاس بولغان ئىسلامىيەت پەلسەپىسى جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىلاھىي مەرىپەتنى ئاساس قىلغان ئىنساننى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغاچقا ، شائىرنىڭ بۇ خىل ئىدىيىۋى قاراشلىرى ئۇنىڭ «مۇناجات»②، «ھەيراتۇل ئەبرار»، «فەرھاد-شېرىن» «سەبئەئى سەييار» «سەددى ئىسكەندەر» قاتارلىق داستانلىرىدا ئىپادىلەنگەندىن سىرت ،يەنە باشقا ئىشىق-مۇھەببەت تېمىسىدىكى داستانلار ۋە لېرىك ئەسەرلىرىدىمۇ ئىزچىل ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، «فەرھاد- شېرىن» داستانىدا شائىر ئەسەردىكى تىراگېدىيىلىك سىيۇژېتنىڭ باشلىنىشىنى باش قەھرىمان فەرھادنىڭ جاھاننامە ئەينىكىنى كۆرۈشى بىلەن ئۆز قەلبىدىكى ئىلاھىي مەرىپەتنىڭ كۈچىدە سىرلىق ئىشىق دەردىگە مۇپتىلا بولۇشتەك ۋەقەلىككە باغلايدۇ. نەۋائى «ھەيرەتۇل ئەبرار» داستانىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئىسلامىيەت تۈسىگە ئىگە بولغان دۇنيا قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازىدۇ:

        نە بولۇپ ئەۋۋەلدە بىدايەت ساڭا،

        نە كېلىپ ئاخىرىدا نىھايەت ساڭا.

        ئەۋۋەلى ئۆزۈڭ ئاخىرۇ مابەينى ئۆزۈڭ،

        بارچىگە خالىق، بارچىگە ئەين ئۆزۈڭ.③

        ئىسلامىيەتنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك پەلسەپىسى ۋە گۇمانىزملىق روھىغا ئىگە بولغان نەۋائىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك ۋە باشقا تۈرلىك ئىجتىمائىي قاراشلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە ئىپادىلىنىش بىلەن بىرگە بۇ خىل تېماتىكا ئالەمنىڭ مەنبىئى بولغان ھەقنى بىلىش ۋە مۇشۇ خىل مەرىپەت ئاساسىدا ئىنساننى تونۇش ھەم ئۇنى ئۇلۇغلاشتىن باشلىنىدۇ. نەۋائى ئىنساننى ماكرو جەھەتتىن ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ سەرخىلى ۋە ئەڭ ئالىي تۈرى ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ كۆركى دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ «ھەيراتۇل ئەبرار» داستانىدا بۇ ھەقتە مۇنداق مىسرالارنى يازىدۇ:

        مۇنچە غەرايىپكى خىيال ئەيلەدىڭ

        بارچە مىرادى جەمال ئەيلەدىڭ

        گەنجىڭ ئارا نەقد فەراۋان ئىدى

        لىك، بارىدىن غەرەرز ئىنسان ئىدى...

        ...كانىيۇ ھەيۋانى ئەگەر خۇد ئىبان

        ھەر بىرى بىر گەۋھەرى ئالى سىفات

        بارچە سىنى گەرچە لەتىف ئەيلەدىڭ

        بارچەدىن ئىنساننى شەرف ئەيلەدىڭ

        نەۋائى ئىجادىيىتىدە ئىنسان، جەمئىيەت، تىل-تەپەككۇر، ئىجتىمائىي ئەخلاق، مەجبۇرىيەت، سەنئەت، غايە قاتارلىق تېمىلاردىن سىرت يەنە ئالەم ۋە سەييارىلەر، يۇلتۇزلار ھەم تۆت پەسىل، شۇنداقلا ماددىي دۇنيانىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ھەرىكەتلىنىشى ۋە ئۇنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى ھەققىدە ئۆزىگە خاس پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن: ئۇ «فۇسۇلى ئەرجە» (تۆت پەسىل) ۋە «ھىلالىيە قەسىدىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئەسلىدىن گۈزەل قىلىپ يارىتىلغان ئالەمنىڭ زىددىيەتچان ھەرىكىتى، «سەرەتا» (ياز)، «خازان» (قىش)، «دەي»(كۈز)، «باھار» پەسىللىرى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى تەبىئەتنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئاساسىدا تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ بايان قىلىنغان. نەۋائى «ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ئەزەلدىنلا ئۇلۇغ قىلىپ يارىتىلغانلىقىدا، ئىنساننىڭ گۈزەللىكى روھىيىتىدە ياكى قەلىب گۈزەللىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. تەڭرى-ئاللا، ئالەم، ئىنسان ئوخشاشلا گۈزەل، كائىنات ۋە ئىنسان قەلبى ھەقىقەت (گۈزەللىك) تەجەللى قىلىنغان ئۇلۇغ ئوبيېكىتلاردىن ئىبارەت» دەپ تونۇيدۇ. شۇڭا، نەۋائى ئەسەرلىرىدىكى غايە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ غايىۋى تەلپۈنىشلىرىگە ۋەكىللىك قىلسا، ئۇنىڭدىكى لېرىك قەھرىمان مەڭگۈ يىمىرىلمەس سىما سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ.

    - داۋامى بار

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us