ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-10-21

    نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-2 - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-2

    ئاپتور: ئابلاجان ئۈمىديار

     

      

      شائىر نەۋائى يەنە ئالەمنىڭ گۈزەللىكى، ئىنسان ئارزۇ-غايىلىرىنىڭ رىئال ھەم مۇقەرەرلىكى، ئەمما پەلەكنىڭ رەھىمىسىزلىكى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. ئىنساننى پۈتكۈل ئالەم ۋە ھاياتلىق تۈرلىرىنىڭ مەركىزىدە قويۇپ تونىغان.نەۋائى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەرىپەتپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرلىك ۋە گۇمانىزم قاتارلىق ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر قاراشلىرىنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، ئۇلارنى يۈكسەك ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلالىغان. نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى بۇ خىل ئىدىيىۋى يۈكسەكلىك ئۇنىڭ ئىشىق ۋاسىتە قىلىنغان لېرىك غەزەللىرى ۋە ئىپىك ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: «لەيلى-مەجنۇن» داستانىدا قەيىس قەلبىدىكى ئىشىق ئادەتتىكى ھېس-تۇيغۇ بولماستىن، بەلكى ئىلاھىي مەرىپەت ۋە مۇقەددەس گۈزەللىك بىلەن زىچ بىر گەۋدىلەشكەن ئالاھىدە ئىستېتىك تۇيغۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنى ھەرقانداق كۈچ توسۇۋالالمايدۇ. «فەرھاد-شېرىن» داستانىدىكى فەرھاد مۇپتىلا بولغان ئىشىقمۇ ئىلاھىي مەرىپەت، ئالىيجاناپلىق، ئىجادكارلىقنىڭ مەنبىئى بولغان ئىشىق سەۋدالىقى بىلەن بىرلەشكەچكە، ئۇ ئۆز قەلبىدىكى ئەشۇ تۇيغۇ خىسلەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە كۆڭلىگە «ئالەمشۇمۇل غايىلەرنى پۈكۈپ، يۇنانىستانغا بارىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئۆز ئېلىگە قايتىپ كېلىپ ئىسكەندەر تىلسىمىنى ئاچىدۇ. گۈزەل ئىنسان شېرىننى كۆرىدۇ ۋە كېيىنكى مۇرەككەپ سەرگۈزەشتىلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ. داستاندىكى بۇ ۋەقە تەپسىلاتلار نەۋائىنىڭ بىر غەزىلىدىكى:

        مېھىر ئاڭلاپ ئاشىق ئولدۇم سۇڭرە يەتسە كۈھى غەم،

        نە ئەجەب ئىشق ئىپتىداسى ئەيىن ئېرۇر بايانى قاف

        دېگەن بېيىتى بىلەن ئورتاق ئىدىيىۋى پىكىرگە ئىگە ئىدى.

        نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى 15- ئەسىر ئىسلام دىنى مۇھىتىدىكى ئىشىق- مۇھەببەتكە مەركەزلىشىدۇ. ئىشىقنى ۋاسىتە قىلغان ئىجتىمائىي ئەخلاقىي تېمىلارغا تۇتىشىدۇ. ئىشىق- مۇھەببەت تېمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋىي تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تارىختىن بۇيان، ناھايىتى كەڭ ئىجتىمائىي مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىسلامىيەتتىن كېيىن رىئال ئىجتىمائىي مەنە ۋە ئىلاھىي مەرىپەت قارىشى بىلەن زىچ بىرلەشكەن ھالدا قوش قۇتۇپلۇق يۆنىلىشتە ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ، خارەزمنىڭ «مۇھەببەتنامە» داستانى، ئەھمەد يەسەۋىنىڭ «دىۋانى ھېكمەت» توپلىمى، رابغۇزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا»دىكى يۈسۈپ- زۇلەيخا ھېكايىلىرى، ئاتايى، سەككاكى، لوتفىلارنىڭ لېرىك شېئىر ۋە داستانلىرىدا ئالاھىدە ئىپادىلەنگەن بولسا، نەۋائى قەلىمى ئارقىلىق يارىتىلغان داستان ۋە شېئىرلاردا تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ، تىراگېدىيىلىك يۈكسەكلىكتە ئىپادىلىنىپ ، نەۋائى ئىجادىيىتىگە يۈكسەك قىممەت، مەنىۋى ئېنېرگىيە بېغىشلىغان كۈچلۈك پەلسەپىۋى ئىدىيىگە ئىگە ئاكتىۋال ئىجتىمائىي تېمىغا ئايلانغان . مەسىلەن ،«فەرھاد-شېرىن» داستانىدا، فەرھاد ھەق-ئادالەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان ئىشىققا مۇپتىلا بولۇپ، ۋىساللىق يولىدا ئىزدىنىپ ئاخىرى ئەرمەن ئېلىگە كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ يەردە ئىككى تۈرلۈك قىسمەتكە دۇچ كېلىدۇ. بىرى ،ئۆز ۋۇجۇدىدىكى گۈزەللىك ئارقىلىق شېرىننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ؛ يەنە بىرى، زامان كۈلپەتلىرى سەۋەپلىك ئادالەتنىڭ كۈشەندىسى بولغان خسراۋنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ، ئاخىرى تراگېدىيىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. «لەيلى- مەجنۇن» داستانىدىكى قەيىس ۋە لەيلىلەرمۇ ئەنە شۇ خىل تەقدىر-قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ.

        نەۋائى ئۆز ئەسەرلىرىدە بۈيۈك گۇمانىست شائىر سۈپىتىدە ئىشقنىڭ قۇدرىتى، ئۇنىڭ خاسىيىتى ۋە شىددىتى ھەققىدە كەڭ توختىلىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن داستانلىرىنى ئىشق-مۇھەببەت تراگېدىيىسى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئىشقنى ۋاسىتە قىلغان ھەقنى ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنساننى سۆيگۈچى شائىر نەۋائى ئۆز ئىجا دىيىتىدە مەردلىكنى كۈيلەپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە زاماننىڭ زۇلمى زوراۋانلىق قاباھەت ۋە نادانلىقنى ئىنكار قىلىدۇ. «فەرھاد-شېرىن» داستانىدىكى فەرھاد بىلەن خسراۋنىڭ كەسكىن بەس-مۇنازىرىسى ۋە فەرھادنىڭ ئۇنى يېڭىپ چىقىشى، بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ جانلىق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

        شائىر نەۋائى ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىگە يەنى ئۇنىڭ ئىلاھىي مەرىپەت جىلۋىلەنگەن قەلبىگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇ خىل قەلىبنىڭ پسىخىك ھالىتى ھامان ئۇنىڭ ھەرىكەت پائالىيىتى ئارقىلىق رىئاللىققا ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇ «لەيلى-مەجنۇن» داستانىدا تراگېدىيىە قەھرىمانى بولغان قەيىسنى ئۆزىدىكى ئىشىق ۋە ئەقىدە سەۋەبى بىلەن بىر گىگانت ئىنسان سۈپىتىدە ياراتسا، ئەكسىنچە بۇ داستاندىكى ئىبنى سالام «سەبئى سەييار» داستانىدا شۇ قەدەر چوڭ ۋە باي دۆلەتكە ھۆكۈمدار بولغان پادىشاھ بەھرام قاتارلىقلارنى قەلبىدە ئىشىقتىن قىلچە ئەسەر بولمىغان، شەخسىيىتىگە بېرىلىپ ئۆز دۆلىتىدىن كۆرەڭلەپ ئاخىرى ئۆز-ئۆزىنى نابۇت قىلغۇچى، زالىم ھۆكۈمران سۈپىتىدە يارىتىدۇ. شائىر نەۋائى خۇددى ئۆزىنىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇب» ناملىق ئەسىرىدە ئىنسانغا خاس ئاڭ-تۇيغۇ ھېسابلانغان ئىشىقنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاپ:«ئىشىقسىز كېسەك، دەردسىز ئېشەك» دەپ خۇلاسىلاپ، ئىشىقنى ئىنسان ماھىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنىڭ يادروسى سۈپىتىدە تونۇيدۇ. شۇڭا، «خەمسە» دىكى داستانلاردا يارىتىلغان ئىجابىي قەھرىمانلارنىڭ ھەر بىرى، ئۇلار مەيلى قانداق ئىجتىمائىي ئورۇندىكى كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ قەلبى ئىلاھىي ئىشىق بىلەن نۇرلانغان. شۇڭا، ئۇلار ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مەنىۋىي گۈزەللىكتە ھەرقاچان غالىپ ئىنسانلاردىن ئىبارەت بولسا، ئەكسىنچە ئۇنىڭدىكى سەلبىي ئوبرازلارنىڭ شۇ قەدەر رەزىل ۋە خۇنۇك ھالەتتە گەۋدىلىنىشى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىشىقنىڭ ئاجىز ۋە خۇنىكلىكىدىن بولغان ئىدى. شۇڭا، نەۋائى ئۆزىنىڭ «خەزائىنۇل مەئانى»دىكى شېئىرلىرىدا لىرىك قەھرىماننى ئىشق يولىدا پەرۋانە، مەرتلىكتە يېگانە ئوبراز سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇلار رەھىمسىز پەلەك ياكى تاشقى قىياپىتى گۈزەل «ۋاپاسىزلار» تەرىپىدىن قەلبى شېكەستىلەنگەندە ئۆز كۆڭلىدىكى رەنجىش ۋە مەنىۋى ئىسيانكارلىقنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە ھامان «ۋەھدەت شارابى» ياكى ئىلاھىي مەرىپەتتىن ئۆز كۆڭۈللىرىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ.

        ھەرقانداق بىر دەۋرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىدە مۇقەررەر ھالدا رومانتىك غايە بىلەن ئىجتىمائىي رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇش ئىپادىلىنىدۇ. بۇخىل توقۇنۇش سەنئەتتىكى ھالقىش ئېڭىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ. نەۋائى ئىجادىيىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ «ھەيراتۇل ئەبرار» ۋە باشقا ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي ھاياتنى گۈزەل باغ ياكى چىمەنزار سۈپىتىدە كۈيلىگەن بولسا، باشقا ئەسەرلىرىدە ئۇنى خاراب قىلغۇچى رەزىل كۈچلەرگە، خۇنۇكلىك، چاكىنىلىق، ۋاپاسىزلىق قاتارلىقلارغا قەتئىي قارىشى تۇرىدۇ. نەۋائى نۇرغۇن لېرىك شېئىرىلىدا پەلەكنىڭ كاجلىقى، دەۋر زۇلۇمى ۋە تۇرمۇش تەشۋىشلىرى، شۇنداقلا زامان ئەھلىنىڭ شەپقەتسىزلىكى ئىنساننىڭ بۇنىڭغا بىقادىرلىقىغا قارىتا ئۆزىنىڭ رەنجىش ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.⑥

        دېمەك، شېئىرنىڭ ئاخىرقى بېيىتىدا دېيىلگىنىدەك نەۋائىنىڭ قارىشىچە، غايىۋى دۇنيا شۇ قەدەر گۈزەل بولسىمۇ، لېكىن رىئال ھايات زىددىيەتلىك جەريانغا ئىگە. تۈرلۈك رەڭۋازلىق بىلەن تولغان رىئال دۇنيادا ئەشۇ «رەھزان»(قاراقچى ۋە دۈشمەن) لەرنىڭ ياۋۇزلىقى ۋە جاپالىرىدىن لېرىك قەھرىماننىڭ بەدەنلىرى ئۆتمە- تۆشۈك، ئۇنىڭ كاساپىتىدىن جان ئۆز ئىختىيارىدىن تەن چەتتە قېلىپ، تەن مۈلكىنى جان تەرك ئەتكەن، يەنى تەندىن جان، جاندىن تەن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان يۈيۈك ئىنسانپەرۋەر شائىر نەۋائىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىي رىئالىزملىق روھقا ئىگە بولغان بۇ غەزىلى ماھىيەتتە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت، شان-شەرەپ، ئەرك–ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىقىنىڭ لېرىك شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت ئىدى.

        ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، نەۋائى ئىجادىيىتىدە ئىپادىلەنگەن ھايات گۈزەللىكى، ئىنسانپەرۋەلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي قاراشلارنىڭ ھەممىسى شائىر ياشىغان ئەينى دەۋرنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىئولوگىيىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن تراگېدىيە ۋە تراگېدىيىلىك ئىستېتىك گۈزەللىك ماھىيەتتە 15-ئەسىر جەمئىيىتىنىڭ رىئال ھالەتلىرى ۋە شائىرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بەدىئيى ئومۇملاشتۇرۇشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتنى پەلسەپە، ئەخلاق، ئېتىقاد، غايە، سەنئەت نۇقتىسىدىن قوش يۆنىلىشلىك ئىپادىلەشتەك بۇ خىل سىترولۇق ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچە خاسلىق بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ نەۋائى مىراسلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدە ئىلمىي بولغان دىئالېكتىكىلىق تەپەككۇر ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق پوزىتسىيە قوللىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ.

        ئىزاھلار:

        ① ئا. مەمىتىمىن : «نەۋائىنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001- يىل نەشرى، 33- بەت.

        ② نەۋائى: «غەزەللەر ۋە شەرھى»، تاشكەنت ، 1991- يىل ئۆزبېكچە نەشرى، 3-، 4-، 5-، 6،-بەتلەر.

        ③ نەۋائى: «ھەيرەتۇل ئەبرار»، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرياتى، 1991- يىل نەشرى، 15 –بەت.

        ④ نەۋائى: «ھەيرەتۇل ئەبرار»، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1991- يىل نەشرى، 20-، 28- بەتلەر.

        ⑤نەۋائى: «غەزەللەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1982-يىل نەشرى، 99-بەت.

        ⑥ نەۋائى: «غەزەللەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى، 275-بەت.

        ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى

    مەنبە: ئىجتىمائىي پەنلەر تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us