ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-23

    «يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    «يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!!

     

    شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ 22-ئاپرىل شىئەن خەۋىرى:  بۈگۈنكى كۈندە خەت – چەكنىڭ ئورنىنى ئېلخەت، كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئورنىنى بلوگ، قەلەمنىڭ ئورنىنى كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىلىرى ئىگەللىمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر خەنزۇچە خەت يېزىشنى ئۇنتۇپ قېلۋاتىدۇ. بەزىلەر خەنزۇ تىل – يېزىق مەدەنىيىتى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلىماقتا.

    بۇ خىل «يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»نىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنى خەت تونۇماسلىق بولماستىن، خەنزۇچە خەتنىڭ يېزىلىشىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 80 پىرسەنت كىشىنىڭ قەلەمدە خەنزۇچە خەت يازغاندا خەتنى دەماللىق ئەسلىيەلمەيدىغانلىقى، 70 پىرسەنت كىشىنىڭ ئاساسەن قەلەم ئىشلەتمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

    مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى :«ھازىر جوڭگۇدا چەتئەل تىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئانا تىلغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئومۇمىي خاھىشقا ئايلىنىپ قالدى. يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئىمىتھان ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش دولقۇنى بار. خەنزۇ يېزىق مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى. شۇڭا چوقۇم ‹خەنزۇ يېزىق بايرىمى› تەسىس قىلىش كېرەك» - دەپ قارىدى.

    بۇ خىل قاراشنى شەنشى زىشۈي ناھىيىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ پىكىرنى ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كىچىك ناھىيەدىكى بۇ بۈيۈك ئىشنى پۈتۈن جۇڭگودا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويماقچىكەن. (خەنزۇچە خەۋەر ئادرىسى: http://www.chinanews.com/cul/2011/04-23/2993144.shtml)

    ئويلىنىش ۋە سۇئاللار

    جۇڭگو خەنزۇ جەمئىيىتىدىكى بۇ سادالار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قېرىنداشلارنىمۇ ئويغا سېلىشى مۇمكىن. ئانا تىلنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان خەنزۇلار ئۆزىنىڭ تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان يەردە، سىز بىزنىڭمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ قويىشىمىز كېرەكتۇ بەلكىم؟!!

    ئانا تىل – يېزىققا بولغان ھۆرمەتمۇ بىر خىل مىللەتنى سۆيۈشتۇر! قېنى ئانا تىلىمىزنى سىز قانچىلىك قەدىرلەيسىز؟ مەن قانچىلىك قەدىرلىيەلەيمەن؟

    بىر قانچە ئاددى سۇئال:

    1.   سىز خەت چەك يوللىغاندا كونۋېرتقا ئادرىسنى ئۇيغۇرچە يازامسىز؟ (ئەمەلىيەتتە، ئاپتونۇم رايۇن تەۋەسىدە پوچتا يوللانمىلىرى ئۇيغۇرچە يوللانسا تامامەن بولىدۇ. بۇ ھەم قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. سىزنىڭ، مېنىڭ ئۇيغۇرچە يازماسلىقىم بىلەن شۇ ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار جۈملىدىن ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر كۈنسېرى ئازايماقتا.)

    2.   سىز بانكا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى ئىشلەتكەندە ئۇيغۇرچە مەشغۇلات قىلامسىز؟ (ھازىر ھەر قايسى بانكىلار ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايلاشقان رايۇنلاردىكى مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ ئاپتۇماتىك ماشىنىلىرىغا ئۇيغۇرچە يېزىق سىستېمىسى قاچىلىغان. لېكىن مەن كۆپ ھاللاردا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئۇنى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى بايقايمەن. بۇنىڭ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئورنىغا بولىدىغان تەسىرنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟)

    3.   سىز ئادەتتە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، خەنزۇچە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەمسىز؟ (بۇ ئەھۋال بىزدە خېلى ئېغىرغۇ؟ مەنمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. بېراق مەن ئانا تىلىمنى بۇنداق بۇزۇشنى، ئۇنىڭغا «ئاسىيلىق» قىلىشنى ھەرگىز خالىمايمەن. سىزچۇ؟ ئەمسە قانداق قىلايلى؟)

    4.   سىز تورغا چىقىپ تېما يوللىغاندا، ئىنكاس يازغاندا ئىملايىڭىزغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىسىز؟ (يوللىغان تېمىلىرىڭىزنىڭ، ئىملايىڭىزنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنەمسىز؟)

    5.    سىز ئانا تىلدىكى يۇمشاق دىتاللارنى جۈملىدىن، ئىلىكترونلۇق لۇغەتلەرنى ئىشلىتەمسىز؟ ئوخشاش شارائىتتا خەنزۇچە ماركىلىق ياكى چەتئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالامسىز ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ؟ (ئىرپان، مۇئەللىم، ئەلكاتىپ، ئۇيغۇرسوفىت .... دېگەندەك ماركىلارنى بىلەمسىز؟)

    6.   سىز بەلكىم ئىقتىسادىي ئەھۋالى نورمال بىر ئادەم بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى ۋە ياكى باشقا ساھەدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋالامسىز؟ سىز قايسى ژۇرنالغا مۇشتىرى بولدىڭىز؟ قايسى گېزىتنى سېتىۋالىسىز؟ ئاشۇ ئۇيغۇرچە ژورناللارنىڭ ھۆكۈمەت بەرگەن ئازغىنە تەمىنات بىلەن بېسىلىپ چىقىپ، تۈزۈك تىراژ، مۇشتىرى توپلىيالماي يېتىپ قالاي، توختاپ قالاي دەۋاتقانلىقىنى(بولۇپمۇ يەرلىك ژورناللارنىڭ ئەھۋالى خېلى تۆۋەن) ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟  بۇ بىر ژورنال توختىسا، كەلگۈسىدىكى بالىڭىز، نەۋرىلىرىڭىزگە بىر مەكتەپنىڭ ئىشكى تاقالدى دېگەن گەپ. بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

    7.   ئۆيىڭىزدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى ھېسابلىنىدىغان كىتابلاردىن قايسىلار بار؟ ئەۋلاتلىرىڭىزغا قانداق كىتابلارنى قالدۇرماقچىسىز؟ ( ‹قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى›، ‹قۇتادغۇبىلىك›، ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، ‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى›، ‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى›، ‹ئۇيغۇر ئەنئەنۋىي ئۆرپ - ئادەتلىرى›، ‹ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›، ‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى›، ‹نەۋائىي ئەسەرلىرى›، ‹ياخشىلار باغچىسى› .... دېگەن كىتابلارنىڭ قايسىلىرى ئۆيىڭىزدە بار؟ خەنزۇچە قامۇسلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟)

    8.   ئائىلىڭىزدە ئادەتتە ئۇيغۇرچە تېلېۋىزۇر كۆرەمسىز؟ ئۇيغۇرچە ياخشى پىلاستىنكىلارنى سېتىۋالامسىز؟(‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›، ‹ئۇيغۇر مەشرەبلىرى› دېگەن پىلاستىنكىلار ئۆيىڭىزدە بارمۇ؟) بالىلىرىڭىزچۇ؟ بالىلىرىڭىز بىلەن قايسى تىلدا سۆزلىشىسىز؟ (مەن بەزى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىتىش ئۈچۈن خەنزۇچە سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمەن. بىلىپ قىلىڭ، ئانا تىلنى بىلمەي تۇرۇپ يەنە بىر تىلنى ياخشى ئۆگەنگىلى، ئۆگەنگەندىمۇ ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. خەنزۇچە بىلگەنلىك ياخشى. لېكىن دۇنيادا ھازىر ئىككى مىليارد ئادەم خەنزۇتىلىنى بىلىدۇ. ئۇلاردىن سەل پەرىقلىنىدىغان يەنە بىر تىلنى يەنى ئانا تىلىنى بىلگەن ئادەمنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بولماسمۇ؟! بۇنى ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟)

    9.    بۇ سۇئال ئۆزىڭىزگە قالدى. قېنى ئويلىنىپ بېقىڭ. سىزنىڭ ئانا تىلىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز قانداق؟!!

     

    分享到: