-
2011-04-23
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت _1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت
قوشاقچى بالا ، دۇئاگوي ئانا
دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك دراماتۇرگ ، ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتئىلى زۇنۇن ئەپەندى بىر قېتىملىق قاتتىق ئاغرىق تۈپەيلى ئاۋازى پەسىيىپ ، جاراڭلىق ھالىتىىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ ، سۆزى راۋان ھەم مەنتىقىلىق ئىدى . ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ يېرىمىنىلا ئاڭلاپ ئولتۇرساممۇ ، تەكرار سوئال قويۇۋىرىشنى بىئەپ كۆرۈپ ، دىققىتىمنى يىغىپ ، زەن قويۇپ تېڭشاشقا تىرىشاتتىم .
–مۇھەممەتئىلى ئەپەندى ، ـ دېدىم سۆھبەتنى باشلىغاچ ، ـ سىزنى شائىر دەپ ئاتايمۇ ، دراماتۇرگ دەپ ئاتايمۇ؟
– ئۇنۋاننى دراماتۇرگىيەدىن ئالغان بولساممۇ ، شائىرلىق تارىخىم ئۇزۇن ، ـ دېدى مۇھەممەتئىلى ئەپەندى يەڭگىلگىنە كۈلۈپ ، ـ كىچىكىمدىلا قەشقەردە نەشر قىلىنغان «شىرىن» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن شېئىر يادلاپ، قوشاق قېتىشقا باشلىغانىدىم. كېيىنچە دراما بىلەن شۇغۇللاندىم . شۇڭا ، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئاتىغىنىڭىز تۈزۈكىرەك.
– خوش ئەمىسە ، شائىر ئەپەندى ، شائىرلىقىڭىز قانچە يېشىڭىزدا باشلاندى ؟
– مەن توققۇز ـ ئون يېشىمدا تۇنجى قېتىم قوشاق توقۇدۇم . 1940 ـ يىللارنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك . بىر كۈنى ، مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ، بىزنىڭ ئامباردا ئولتۇرىدىغان ئىمىناخۇن دېگەن قوشنىمىزنىڭ خوتۇنى ئانامغا تاياقتىن كۆكەرگەن جايلىرىنى كۆرسىتىپ يىغلاۋىتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ، ئىشچان ، ياۋاش تۇخان ئانىمىزغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى . ئۇنى شۇ ھالغا كەلتۈرگەن ئىمىناخۇن ئاكىغا قەھرى ـ غەزەپلىرىم قايناپ تاشتى ، قوشاق توقۇدۇم . كەچقۇرۇن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر تۇخۇم كۆتىرىپ كىرىپ ، يازغان قوشىقىمنى ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلدىم ؛
ھەي ، ئىمىن قوتا ، قىلغىنىڭ خاتا ،
بۇ تۇخۇمنى ئال ، دەم تارتمىسۇن گال .
ۋاقتى ـ ۋاقتىدا ، تېڭىپ شاقىدا !..
مۇشلىساڭ ، تەپسەڭ ، تاك ئېتىپ چەكسەڭ ،
دادامغا دەيمەن ، ئۆيدىن ھەيدەيمەن !
شۇ چاغدا رەھمەتلىك تۇخان ئانىمىز ھەيرانلىق ئىچىدە ؛ « ۋاي ، شائىر خوجام ، شائىرلىق مۇقامىغا يىتەرلا ، خوجام ! » دەپ دۇئا قىلىپ كەتكەنىدى .
تۇخان ئانىمىز توخۇيلىرىغا تۇخۇم باسۇرغاندا ماڭا ئاتاپ ھېلىقى تۇخۇمنى سېلىپ قويۇپتىكەن ، ئۇنىڭدىن چىققان چۈجە غوراز پۈتۈن مەھەللىمىزگە داڭلىق نوچى خورازغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى . خورازبازلار دەرۋازىمىز ئالدىغا قۇيرۇقى لىغىرلاپ تۇرىدىغان قوينى يېتىلەپ كېلىپ ، ئاشۇ غوراز بىلەن باشمۇ ـ باش تېگىشىشنى تەلەپ قىلغانىدى .
– شائىر ئەپەندى ، كىچىكىڭىزدە قوشاقچى بالا بوپتىكەنسىز . سىزگە ئاتاپ باسۇرغان تۇخۇمدىنمۇ نوچى خوراز چىقىىپتىكەن . دېمەك ، قوشاقچىلىقتىن شائىرلىققا تېزلا ئۆسكەن ئوخشىمامسىىز؟
– راس دەيسىز. ئۇزۇن ئۆتمەيلا قوشاقچىلىقتىن شائىرلىققا قەدەم قويۇپ ، باشلانغۇچ ـ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدىلا «جەنۇبى تىيانشان گېزىتى » (ھازىرقى «قەشقەر گېزىتى» ) دە كەينى ـ كەينىدىن بىر خەۋەر ، ئىككى ماقالە ، ئىككى شېئىرىمنى ئېلان قىلغانىدىم .
ئەركىلەتمە ئىسىم ، خىسلەتلىك جىسىم
ئاز سۆزلىسىمۇ ، يۇمور قېتىپ ساز سۆزلەيدىغان دراماتۇرگ ئەپەندى بىر ۋەقەلىكنى ھېكايە قىلغاندا ھامان دىئالوگلار بىلەن داۋاملاشتۇراتتى . تەپەككۈر تىزىقىدىن ، سۇژېت سىزىقىدىن چىقىپ كەتمەيىتتى . سۆز تېمىسى بالىلىق چاغلىرىغا يۆتكەلگەندە ، مەن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەركىلەتمە ئىسىمى بىلەن ھازىرقى قوللىنىۋاتقان ئەدەبىي تەخەللۇسى ھەققىدە گەپ ئاچتىم .
– شائىر ئەپەندى ، ياش ۋاقتىڭىزدىكى ئەركىلەتمە ئىسىمىڭىز بىلەن ياشانغان چېغىڭىزدىكى ئەدەبىي تەخەللۇسىڭىز ھەققىدە بىرەر نەرسە دەپ بەرگۈڭىز يوقمۇ ؟
– ئەلۋەتتە ، دەپ بەرگۇم بار . بالىلىق چېغىمدىكى ئەركىلەتمە ئىسىمىم ـ « قازى » . ھازىرمۇ قىرىنداشلىرىم « قازى ئاكا» ، جىيەنلىرىم« قازى دادا » دېيىشىدۇ . شەرىئەت مەھكىمە ھۆكۈمدارىنىڭ ئەمەل ئۇنۋانىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆزنىڭ قانداقلارچە ماڭا قويۇلۇپ قالغىنىنى سورىغىنىمدا ، رەھمەتلىك ئانام ؛ « سەن تولىمۇ خىسلەتلىك توغۇلغانىدىڭ . ئۆزۈڭ سېمىز ، يۈزۈڭ ئاپئاق ، كۆزۈڭ نۇرلۇق ئىدى ... ئولىما تاغىلىرىڭ سېنى كۆرۈپلا ؛ ۋاھ ، بۇ بالىنىڭ كۆزى نىمانچە نۇرلۇق ، ئالىم بولىدۇ بۇ بالا ، قازى بولىدۇ ، دېېىشكەن . بۇ ئات شۇنىڭدىن قالغان » دېگەنىدى .
– شائىر ئەپەندى ، سىز ئۆلىمالار تىلەك قىلغان كونا دەۋر مەھكىمىسىنىڭ قازىسى بولمىسىڭىزمۇ ، يېڭى دەۋر دراما تىياتىرىنىڭ تاجىسى بولۇپسىز ، ـ دېدىم ھەزىلكەشلىكىم تۇتۇپ كېتىپ ، ـ خەلقىڭىزگە چوڭ خىزمەت كۆرسىتىپ ، « ئاپئاق يۈز »ىڭىزگە داغ چۈشۈرمەپسىز . ئەمدى ، « نۇرلۇق كۆز » ىڭىز توغرىلىق نىمە دەيسىز ؟
– بۇنىڭغىمۇ دەيدىغان گەپ بار ، ـ دەپ ، ئەدىب ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ، ـ مۇشۇ كەمگىچە ئاجىزلىمىغان ، كۆزەينەك تاقاپ باقمىغان كۆزۈمگە قاراپ ، دورا شىشىلىرىدىكى ئۇششاق خەتلەرنى غۇۋا يورۇقتا ئېنىق ئوقۇپ بېرىپ ، دوست ـ بۇرادەرلىرىمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆزۈمگە قاراپ ھەمدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قەلەم سەۋدالىقىمغا قاراپ ، ئۆلىما تاغىلىرىمنىڭ تەقدىرىم ھەققىدىكى قىياسلىرىغا ، رەھمەتلىك تۇخان ئانىمىزنىڭ تىلاۋەتلىرىگە قايىل بولغۇم كېلىدۇ . توغما تالانت ئۆندۈرمىلىرى بىلەن توغۇلغانمىدىمكىن ـ تاڭ ، دېگۈم كېلىدۇ .
– شائىر ئەپەندى ، ئەركىلەتمە ئىسىمىڭىز ، خىسلەتلىك جىسىمىڭىز ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە بەردىڭىز . ئەمدى ئەدەبىي تەخەللۇسىڭىز ـ « تەشنائى» غا ئاز ھايال قىلىپ ئۆتسىڭىز، قانداق ؟
– ئوبدان . مەن ئەدىب بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل ژانىرىنى مالتىلاپ ، خېلى جىق ئەسەر ئىجاد قىلدىم . شۇغىنىسى مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە تەشنالىقىم قانمىدى ، ئىنتىزارلىقىم بېسىلمىدى . شۇڭلاشقا ، ئۇزاقتىن بۇيان نەزمىلىرىمگە قېتىپ كېلىۋاتقان ، ئەمما ئاشكارە ئېلان قىلمىغان بۇ تەخەللۇسنى ياشانغان چېغىمدا ياخشى تىلەكلىرىم بىلەن قوللىنىشقا باشلىدىم .
– تەشنائى ئەپەندى ،ئوبدان قىپسىز . « تەر بىلەن كەلگەن تەشنالىققا داۋا » دەپتىكەن ، سىزنىڭ تەر بىلەن كەلگەن ئەجرىڭىزنىڭ تەشنالىقىڭىزنى قاندۇرىشىغا ئىشىنىمەن !
收藏到:Del.icio.us