-
2011-04-23
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت _2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت -2
قەلەم سەۋدالىقىدىكى « ساراڭلىقلار»
ئارامغا چىققۇچە تۆت شېئىرلار توپلىمى ، ئىككى ھېكايە ـ پوۋېستلار توپلىمى ، ئۈچ سەھنە ئەسەرلىرى توپلىمى قاتارلىق توققۇز توپلام چىقىرىپ ، ئوندىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە سەنئەت تىياتىرى ، تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرى ، نەچچە يۈزلىگەن ناخشا ـ لەپەرلەر يازغان تەشنائى ئەپەندى ئارامغا چىقىپ ، يەنە بىر چوڭ ئەدىبىي ئەسلىمە ، ئۈچ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ، ئۈچ ئوپېرا، نۇرغۇنلىغان سەنئەت فىلىملىرى ۋە كۈي نەزمىلىرى ئىجاد قىلىپتۇ .
– تەشنائى ئەپەندى ، ـ دېدىم مەن ھەيرانلىقتا شائىرغا تىكىلىپ ، ـ شۇنچە كۆپ ئەسەر ئىجاد قىلىپسىز . سىز قايسى ۋاقىتتا ، قانداق ئىلھام بىلەن يازىدىغانسىز ؟
– مەن چىن ئېتقاد ، جان ـ دىلىم بىلەن ، ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتىم بىلەن يازىمەن . كۆپۈنچە كېچىسى يېزىپ ، كۈندۈزى ئارام ئالىمەن . ئەسەر قەھرىمانلىرىم ياشاۋاتقان مۇھىتقا سىڭىپ كېتىمەن . ئۇلار بىلەن تەڭ كۈلىمەن ، تەڭ قايغۇرىمەن ، تەڭ يىغلايمەن . بىر ئەسەرگە تۇتۇش قىلسام ، ئۇنى ئۇيقۇ ـ ئارامسىز يېزىپ تۈگىتىمەن . كۆڭلۈمگە يارىغىدەكلا بولسا ، جىمى ھارغىنلىقىم نە ـ نەلەرگە توزۇپ ، ھوزۇرلىنىپ كېتىمەن .
مەن ئاچقۇچلىق پەيىتلەردە بىر مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە ئۇخلىۋالالىساملا كۇپايە . يېزىۋاتقان مەزگىللىرىمدە تېچلىقنى ، تەنھالىقنى ئارزۇ قىلىمەن ، مېھمان خالىمايمەن . بولۇپمۇ قۇرۇق گەپ سېتىپ ئولتۇرىدىغان ئەزمە مېھمان ، قونىدىغان مېھمان كېلىپ قالمىسىدى ، دەپ تىلەيمەن .
– تەشنائى ئەپەندى ، سىز ئەدىبىي تەنقىدلەرگە قانداق قارايسىز ؟
–غىلاجىدىن ئەپەندى ،مەن ھەقلىق تەنقىد ـ مەسلىھەتلەردىن خۇش بولىمەن ، ئۇنى شەرتسىز قوبۇل قىلمەن . ئىلگىرى « قەشقەر ئەدەبىياتى » دا تۇيۇق قائىدىلىرى ھەققىدە بىر ماقالە بېسىلغاندا ، مەن بەكلا خۇش بولغانىدىم . ماقالە روھى بويىچە تەكشۈرۈپ ، ئۆزۈم يازغان يۈزدەك تۇيۇقنى سەپتىن چىقىرىۋەتكەنىدىم . لېكىن ، كۆرەلمەسلىك ياكى نادانلىق بىلەن يېزىلغان " تەنقىد " لەرنى چىۋىقىمغىمۇ ئالمايمەن ، رەددىيە يازىمەن دەپ ۋاقىتىمنى زايە قىلىپمۇ يۈرمەيمەن .
– دراماتۇرگ ئەپەندى ، سىزنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىڭىزدە نەزمىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بارمۇ ؟
– بار . موللاقچىسى يوق كەپتەر توپى ماڭا ئانچە جەلب قىلارلىق كۆرۈنمەيدۇ . نەسرىي ئەسەرلىرىمنى كەپتەر توپىغا ئوخشاتسام ، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن ياخشى نەزمىلەرنى موللاقچى كەپتەرگە ئوخشاتقۇم كېلىدۇ . شۇڭا نەسرىي ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپچىلىكىگە ، بولۇپمۇ دراما ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە نەزمە قاتىمەن .
– سىزنىڭ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلىرىڭىز قايسى ؟
– مەن ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرىمەن . بولۇپمۇ 1980 ـ يىللاردىن بۇيان يازغان ئەسەرلىرىم بىلەن پەخىرلىنىمەن . مېنىڭ ئەسەرلىرىم ـ تەشنائى دەرىخىنىڭ مىۋىلىرى . ئۇنىڭ ئاپتاپتا تاۋلىنىپ پىشقانلىرىمۇ ، سايىدا چالا قىزارغانلىرىمۇ بار . مېنىڭچە ، ھېچقانداق ئاتا ـ ئانا ئەيىپناق تۇغۇلۇپ قالغان پەرزەنىتلىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ . مەن ئەسەرلىرىمنىڭ ئەيىبناق تۇغۇلۇپ قالغانلىرىنى بار ئىمكانىيەت بىلەن داۋالايمەن . ھېچقانداق ئۈمىد بولمىغاندا چىرايلىقچە ئۇزىتىپ قويىمەن . بەزى ئەسەرلىرىم يېزىلغاندىن كېيىنلا ئېلان قىلىنىپ كېتىدۇ ، بەزىلىرى توڭلىتىلغان تىرىك مىيىتتەك نەچچە يىللار ، ھەتتا نەچچە ئون يىللار مىدىرلىماي ياتىدۇ . لېكىن ئۇلار يەنىلا تەشنائى ئەسەرلىرى .
– تەشنائى ئەپەندى ، شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە رەپىقسى قانداق رول ئوينايدۇ ؟
– شائىرلار ـ تاغلىق رايوننىڭ ھاۋا رايىدەك ئۆزگۈرۈشچان خاراكتېرگە ئىگە غەلىتە مىجەزلىك كىشىلەر . ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى گۈزەل ، نازاكەتلىك بولۇپلا قالماستىن ، ئېغىر ـ بېسىق ، چىدام ـ بەرداشلىق ، كەڭ كۆڭۈل بولۇشى كېرەك . شائىرنىڭ ھاياجانلىق پەيىتلرىدىكى ھەررەڭ ـ سەررەڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى سەۋىرچانلىق بىلەن سىڭدۈرۈپ كېتەلىشى ، بېشىغا كەلگەن قىسمەتلىرنى تەڭ كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالىشى لازىم .
مەن ئەينى چاغدا « تارىم » ، « شىنجاڭ گېزىتى » سەھىپىلىرىدىن تاڭنۇرى ئىسىملىك بىر قىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ، شېئىرىدىن كۆرە ئىسىمىغا بەكرەك قىزىققانىدىم . بىر كۆرۈشۈش ئىشتىياقىدا يۈرگەن چاغلىرىمدا ، ئۇ قىز بالىمۇ مېنىڭ بەزى شېئىر ـ غەزەللىرىمنى يادلاپ ، مېنى بىركۆرۈش ئىشتىياقىدا يۈرگەن ئىكەن ...
تاڭنۇرى ئىككىمىز توي قىلىپ بىر ئايدىن كېيىنلا ئاپەتلىك يىللار باشلىنىپ كەتتى . ھەممە كەلگۈلۈكنى بىللە تارتتۇق ، بىللە سۈرگۈن قىلىندۇق ، بىللە ئەركىنلىككە چىقتۇق ، بىللە ھۆرمەت ـ مۇھەببەتكە ئېرىشتۇق . مانا 42 يىلمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بىزنىڭ مۇھەببەتلىك ئائىلىمىزنىڭ تەۋرىمەي تۇرۇشىدا تاڭنۇرى چىدام ـ بەرداشلىقىنىڭ رولى چوڭ . مەن بىر قېتىم بالنېسىتتا ياتقان چېغىمدا تاڭنۇرىغا ئاتاپ « رازى بول » دېگەن تېمىدا بىر مۇۋەششەھ يازغانىدىم . شۇنىڭدىن بىرقانچە مىسرا كەلتۈرەي ؛
تەلىيىم ، تەقدىردىشىم ، يىگانە يارىم ، رازى بول ،
شادلىقىم ـ قايغۇم ، ئايازىم ، ياز ـ باھارىم، رازى بول .
ئۇنتۇلۇر قانداقمۇ ئۇ سەھرا ـ قىيامەت كۈنلىرى
ئوت ماڭا بەخش ئەيلىگەن ئاتەش نىگارىم ، رازى بول .
مەن قەلەم سەۋدالىقىدا يۈرگەن « ساراڭ » بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئاياللىق قەلئەسىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ساقلىغان ھەر قانداق ئايالنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن !
ھەممىدىن ئاۋۋال ئىنسان بول
تەشنائى ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈش ـ كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ ، ئۆكۈنۈش ، پۇشايمانلىرىنى ۋە بەخىتلىك مىنۇتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى ، تەلەپ ـ تەۋسىيەلىرىنىمۇ بايان قىلدى .
– شائىر ئەپەندى ، ئۆمرىڭىزدە ئۆكۈنگەن ، ئەپسۇسلانغان ئىشلار بولغانمۇ؟
–غىلاجىدىن ئەپەندى ، ھەركىشىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئۆكۈنۈش ، پۇشايمانلىرى بولىدىكەن ، ـ دېدى شائىر ئولۇغ ـ كىچىك تىنىپ ، ـ ئاشۇ ئاپەتلىك يىللاردا ، شەخسىي تىجارەتكە يول قويۇلمايدىغان چاغلاردا ، بىر كۈنى تاسادىپەن قەشقەر «خەلق باغچىسى » ئالمىزارىدىن كىچىكىرەك بىر سومكا ئالما سېتىۋىلىش بەختىگە ئېرىشىپ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ ئۆيۈمدىن ھال سورىماقچى ، يېڭىشەردە قالغان تۇنجى ئوغلۇمنى خۇش قىلماقچى بولدۇم .
چوڭ ئۆيگە كېلىپ ، ئاغزىنى ئېچىپ ، سومكامنى ئاتا ـ ئانا ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئالدىغا قويدۇم . قائىدە بويىچە، دادامنىڭ ئالدى بىلەن باشلاپ بېرىشى شەرت ئىدى ، ھېلىمۇ شۇنداق بولدى. دادامنىڭ ئەڭ چېرايلىق بىر قىزىل ئالمىنى تاللاپ ئېلىشى بىلەن تەڭ مەندە ھەيرانلىق، ئەندىكىش ھالىتى يۈز بېرىپ :
– بالامغا بېرەي دېسەم ... ـ دەپ ساپتىمەن .
– ھە ، شۇنداقمۇ ؟ ـ دېدى يېيىشكە تەمشىلىپ تۇرغان دادام ، ـ مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر بالىسىغا ... ئال ، بالام ، ئال . ئال ، بالاڭغا بەر ، بالام . بالاڭغا بەر ، – دېدى–دە ،–ئالمىنى قەيەردىن قانداق ئالغان بولسا ، شۇ يەرگە شۇنداق سېلىپ قويۇپ ، ئاستاغىنا قوزغالدى . مانا ، توپتوغرا 35 يىل ئۆتۈپتۇ . ھازىرغىچە قەيەردە شۇنداق ئالما كۆرسەم ، شۇ ۋەقە كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ ، شۇ سۆز تەكرارلىنىدۇ . خىجىل بولىمەن ، ئەپسۇسلىنىمەن .
– بەخىتلىك مىنۇتلىرىڭىزمۇ بولغاندۇ ؟
– بولغان ، ئەڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرىم بولغان ، ـ دېدى شائىر خۇش چىراي بىلەن ، ـ بىرىنچىسى ، توي كېچىسى .
ئىككى يۈرەك تەڭ ئېرىدى شام بولۇپ ،
ئىككى بەدەن بولدى گويا بىر ۋۇجۇد .
ئۇنتۇلسۇنمۇ ، جان ئامرىقىم ، ئېيىتقىنا ،
شۇ بەختىيار شېرىن كېچە ، شۇ مىنۇت ؟
ئىككىنچىسى ، مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنىم ئۆتكۈزۈلگەن سائەت ـ مىنۇتلار .
ئەزىز خەلقىم نىسىپ ئەيلەپ ماڭا شاھانە تون ، زەر تاج ،
كۆتۈردى ئالقىنىدا ، نە دېگەيمەن بۇ ئۇلۇغ ئىشقا ؟
ھاياجان تەپتىدىن تەرلەپ ـ پىشىپ ئېيىتقاندۇرمەن مىڭ رەت ؛
ئەجەپ سوزماپتىكەنمەن قول ، تىلىمنى غەيرى قىلمىشقا !
– تەشنائى ئەپەندى ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇندۇرىدىغان ئەرمىكىڭىز نېمە ؟
– كەپتەر . مەن كەپتەرگە ، دەمدارغا ئامراق . يېڭىشەر ناھىيىسىدە ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتىمدا بىر جۇپ خوتەن دەمدارى باققان ئىدىم . ئاۋازى تولىمۇ ساز ئىدى . بىرى ئۆلۈپ قالغاندا ئىنتايىن قايغۇرۇپ :
ئاھ ، دەمدارىم ، دەمدارىم ، مۇڭلۇق ناۋا دىلدارىم .
خورازنىمۇ ئويغۇتار مېنىڭ سۈبھى خۇمارىم .
دەپ مەرسىيەمۇ يازغانىدىم . مەن كەپتەرلەرنىڭ ئۈنلىشىگە ئامراقمەن ، موللاقچى كەپتەرلەرنىڭ كارامىتىگىمۇ زوق ـ ھەۋەس بىلەن قاراپ ، كۆز ئۈزەلمەي قالىمەن . لاچىنلار كۆپىنچە ھاللاردا موللاقچى كەپتەرنى سوقۇپ كېتىدۇ . مەن ئۇستا موللاقچىلىرىمنى لاچىن سوقۇپ كەتكەندە:
كەپتەر دېگەن بۇلۇتتەك قاپلاپ تۇرسا پەلەكنى ،
سەن نىمىشقا سوقمايسەن موللاقچىدىن بۆلەكنى ؟
دەپ يېزىپ ، ئىچ ئاغرىقىمغا ئاز ـ تولا تەسەللى بەرگەنىدىم .
– رەھمەت تەشنائى ئەپەندى ، ـ دېدىم مەن ئورنىمدىن قوزغىلىپ ، ـ ئاخىرىدا ياش ئوقۇرمەن ـ تاماشىبىنلارغا قانداق تەلەپ ـ تەۋسىيەلىرىڭىز بار؟
– مېنىڭ تەۋسىيەم شۇكى :
شىجائەت بەلبىغىنى باغلا ، ئۈگەن ، ئىزدەن ، بىلىمدان بول ،
كۆزى كۆرمەسكە نۇرلۇق كۆز ، زەئىپ ـ نىمجانغا دەرمان بول .
ۋە يا ئالقانىدا تاغدەك زەر ـ گۆھەر ئويناتقىدەك باي بول ،
نە بولساڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ئادەم ئەۋلادى ـ ئىنسان بول!
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن .
سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە خاتىرلىگۈچى: غىلاجىدىن ئوسمان(ئىدىل)
مەنبە: يازغۇچىلار تورى
收藏到:Del.icio.us
评论