ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-29

    «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقىغان 10 رومان» نى توردا باھالاش پائالىيىتى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقىغان 10 رومان» نى توردا باھالاش پائالىيىتى

    مەمتىمىن توختايۇپ يازغان «قانلىق يەر» رومانىنىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا شىئەندە چىقىدىغان «غەربىي شىمال ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن تارتىپ ھېساپلىغاندا، ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تارىخىغا بۇ يىل 61يىل بولدى. مۇشۇ ئەگرى-توقاي مۇساپىدە  ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا كىشىنى سۈيۈندۈرگۈدەك نەتىجىلەر قولغا كىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئاز بولمىغان سەۋەنلىكلەرمۇ ساقلاندى. ھەممىمىز رومانچىلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى، تەسىرىنىڭ دۆلىتىمىزدىن ھالقىپ، دۇنيا ئەدەبىيات غەزىنىسىدىكى دۇردانىلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قۇشۇلغان ھەسسە بولۇپ قېلىشىنى تولىمۇ ئارزو قىلىمىز. ئارزونىڭ ئىشقا ئايلىنىشى ئۈچۈن قول سېلىپ ئىشلەش تولىمۇ زۈرۈر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىكى باشقۇرغۇچىلار مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان رومانلىرى ئاساسىدا، تورداشلار ئارىسىدا «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقىغان 10رومان» نى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئالدى بىلەن تورداشلار ئۆزى ئەڭ ياقتۇرغان رومانلىرىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتسە، دەسلەپكى قەدەمدە 30روماننىڭ ئىسىملىكى تاللاپ بېكىتىلىدۇ. ئاندىن بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرغان 10رومان» تاللاپ چىقىلىدۇ. بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ پائالىيىتىمىز «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرغان 10رومان»نى بېكىتىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

    تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئەدەبىياتىمىزدا ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان رومانلارنىڭ تىزىملىكى بىرىلدى. ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەتىسىگە كۆڭۈل بۈلىدىغان ھەر بىر تورداشنىڭ بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ئاۋاز قوشۇش تېما ئادرىسى :

    http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=12&TopicID=3532

     

     

    分享到:

    评论

  • قۇم باسقان شەھەر،ناتىۋانلار،ئورخۇن شەجەرىسى،ئانا يۇرت
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复bigam说:
    سىز دېگەن رومانلارنى مەنمۇ ياقتۇرىمەن. بۇ باھالاش پائالىيىتى يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. شۇ يەردىن نەتىجىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
    2011-11-10 15:10:09
  • يىگانە ئارال،ياغاچ مىدال،سەرسان روھ،ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر،ئورخۇن شەجەرىسى،كىروراندىكى ئىزچىلار....مۇشۇ رومانلارنى ئەڭ ياقتۇرىمەن
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复گۈلىستان说:
    بۇ تاللاش پىكىرىڭىزنى يازغۇچىلار تورى مۇنبىرىگە يېزىڭ سىڭلىم. بۇ يەرگە پەقەت بىلدۈرگۈ ئورنىدا يوللاپ قويۇلدى.
    2011-05-30 00:39:34