ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-23

    سەن كەچۈرگىن،مەن كەچۈرمەيمەن - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    سەن كەچۈرگىن،مەن كەچۈرمەيمەن

     

    gulbedenتۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان

     

    قارا كۆڭۈل قۇللىرىڭنى

    جانغا زامىن تۇللىرىڭنى

    ئادەم سىياق پۇللىرىڭنى

    سەن كەچۈرسەڭ مەن كەچۈرمەيمەن

     

    كۆڭلۈم ئېلىپ جېنىم ياقتى

    قېنىم كۆيۈپ تامام ئاقتى

    خۇدا، جېنىمنى ئال _ بۇ دۇئا ماڭا ياقتى

    سەن كەچۈرسەڭ مەن كەچۈرمەيمەن.

     

    يېشىم ئاقسا كۈلۈپتۇرلەر

    نە كۈلۈپمىش ئۆلۈپتۇرلەر

    جېنىمغا شۇنداق بىر سېتەم سېلىپتۇرلەر

    سەن كەچۈرسەڭ مەن كەچۈرمەيمەن

     

    دوستۇڭ بىز دەپ سىرىم ئالغان

    دىلىڭ بىز دەپ دىلىم ئالغان

    تىلىڭ بىز دەپ تىلىم ئالغان

    شەيتانلىرىڭنى كەچۈرمەيمەن

     

    بېشىمغا نى بالا بەردى

    جېنىمغا نى قازا بەردى

    نە قازا.. بىر سازا بەردى !

    سەن كەچۈرسەڭ مەن كەچۈرمەيمەن

     

    سۆيۈلۈپمۇ سۆيمىگەنلەر

    كۆيۈلۈپمۇ كۆيمىگەنلەر

    ئۆلتۈرۈپ ھەم ئۆلمىگەنلەر

    نە ئىنسان ھە؟ كەچۈرمەيمەن

     

    ئىگەم سېنىڭ رەھمىلىكىڭ ، رەھمانلىقىڭ پايانسىزدۇر

    سېنىڭ ئۆچۈن كەچۈرمەككە مىڭ گۇناھ ھەم بىر تامچىدۇر

    بېغىشلىساڭ سەن بېغىشلا ، ئايا رەببىم..گۇناھىم كەچ

    مېنى پەرمان قىلما رەببىم..،مەن شۇلارنى  كەچۈرمەيمەن

     

    ئۈمۈدۈمنى نەچچە ئۈزدى، ھاياتىم ھەم نەچچە كەچتى

    بۇ يۈرەكنى نەچچە زەھەر كەبى يەللەر تامام ئەستى

    سەن جان ! دىگەن جانانلىرىم قېنى؟ ھەممە كېتىپ كەچتى

    ئايا رەببىم، سەبرىمنى بەر،مەھشەردىمۇ كەچۈرمەيمەن




    Tanrım kötü kullarını sen affetsen benaffetmem
    Bütün zalim olanları sen affetsen ben affetmem
    Tanrım kötükullarını sen affetsen ben affetmem
    Bütün zalim olanları sen affetsen benaffetmem

    Sen Tanrısın affedersin bağışlarsın kulum dersin
    SenTanrısın affedersin bağışlarsın kulum dersin
    Neler çektim senbilirsin
    Sen affetsen ben affetmem..sen affetsen ben affetmem
    Bütün zalimolanları sen affetsen ben affetmem

    Ağlatıpta gülenleri terkediptegidenleri sevilip sevmeyenleri
    Sen affetsen ben affetmem
    Ağlatıptagülenleri terkedipte gidenleri sevilip sevmeyenleri
    Sen affetsen benaffetmem

    Ümidimi kıranları bu dünyayı yakanları
    Ümidimi kıranları budünyayı yakanları
    Dar günde bırakanları
    Sen affetsen ben affetmem..senaffetsen ben affetmem

    Bütün zalim olanları sen affetsen benaffetmem!..

    رەببىم! قارا كۆڭۈل قۇللىرىڭنى سەن كەچۈرسەڭمۇ مەن كەچۈرەلمەيمەن

    رەببىم، رەزىل قۇللىرىڭنى سەن كەچۈرسەڭمۇ مەن كەچۈرەلمەيمەن!

    پۈتۈن جانغا زۇلۇم سالغۇچىلارنى سەن كەچۈرگىن، مەن كەچۈرەلمەيمەن

    سەن رەھىمسەن، ئەپۇ قىلىسەن، گۇناھلاردىن ئۆتكۈچىسەن ، يەنە قۇلۇم دېگۈچىدۇرسەن

    نېمىلەر چەكتىم مەن ھە .. بىر ساڭا ئايان رەببىم

    سەن كەچۈرسەڭ ، مەن كەچۈرمەيمەن، سەن كەچۈرسەڭمۇ كەچۈرمەيمەن

    مېنى يىغلىتىپ كۈلگەنلەرنى، تاشلىۋېتىپ كەتكەنلەرنى، سۆيۈلۈپ تۇرۇپ سۆيمىگەنلەرنى

    سەن كەچۈرسەڭ مەن كەچۈرمەيمەن

    ئۈمۈدۈمنى ئۈزگەنلەرنى، باغرىمنى كۆيدۈرگەنلەرنى

    بېشىمغا كۈلپەت كەلگەندە مېنى كېرەك قىلمىغانلانى

    ئەي رەببىم ! سەن كەچۈرسەڭ، مەن كەچۈرمەيمەن، كەچۈرمەيمەن !

     

    分享到: