The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20160811191324/http://www.blogbus.com/azizturk-logs/246932965.html

ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    تاغ بار يەردە چوققا بار(7) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تاغ بار يەردە چوققا بار(7)

     

    (ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقتويى خاتىرىسى)

    ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

     مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان

    (ئەدەبىي خاتىرە)

    بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلانغان ئۇلۇغ ئەدىبنىڭ 525يىللىق تويىغا بېغىشلانغان ئىزدىنىشلەر بۇرۇنقى تەتقىقاتلارنىڭ ئۇسۇل، مەزمۇن ۋە كۆلەم جەھەتتىكى بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇپ، نەۋايىشۇناسلىقنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى ئومۇمىي ساھەگە ئېلىپ كىرىپ، قوللانمىلىق مەخسۇس ئەسەرلەرنى يارىتىش بويىچە كۆزنى قاماشتۇرغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان. شائىر مىراسىنىڭ تولۇق بىبلوگرافىيەسىنى تۈزۈش، ئەسەرلىرىنىڭ نادىر نۇسخىلىرىنى ئېنىقلاش بويىچە ئىلمىي تەكشۈرۈش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان. مۇھىمى، نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئىلگىرىكىدەك پارچە - پۇرات ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى ياقلاش بۇ دەۋر نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇلار ئىچىدە ئاكادېمىك V. زاھىدوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ پىكىر ۋە ئوبرازلار دۇنياسى«، M. شەيخزادىنىڭ »ئۇستازنىڭ سەنئەتخانىسىدا«، مەشھۇر مەتىنشۇناس ئالىم ھەمىد سۇلايماننىڭ »ئەلىشىر نەۋايى لىرىكىسىنىڭ تېكستولوگىيەلىك تەتقىقاتلىرى«، ياقۇپجان ئىسھاقوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئىلك دىۋانى«، پېشۋا ۋە تۆھپىكار نەۋايىشۇناس ئالىم ئابدۇقادىر ھېيتمەتوفنىڭ »نەۋايى لىرىكىسى« ھەم »نەۋايىنىڭ ئىجادىي مېتودى« ئەسەرلىرى ئەدەبىي ۋە تارىخىي پاكىتلىرىنىڭ بايلىقى، ئەقلەن ئومۇملاشتۇرۇشلىرىنىڭ مەنتىق قۇۋۋىتى ۋە يۈكسەك ئىلمىي سۈپىتى جەھەتتىن پەقەت ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىلولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ياخشى سەۋىيەسىنى نامايان قىلغان دىسسېرتاتسىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە ھازىرقى مۇستەقىل دۆلەتلەردە نۆۋەتتە كاندىدات دوكتور ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرىنىڭ ماۋزۇلىرى توردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئوخشاش ياكى تەكرار تېمىلار قوبۇل قىلىنمايدۇ، بىر دىسسېرتاتسىيە نەچچە ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرىدىكى ئونلىغان مۇتەخەسسىسنىڭ باھالىشىدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇن كىتابى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنئەنىسى بويىچە 150ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت، كۇتۇپخانا ۋە تەتقىقات يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. دىسسېرتاتسىيەلەر مەزكۇر پەن ساھەسىدىكى تۈگەللەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەر قاتارىدا نوپۇزلۇق كۇتۇپخانىلارغا قويۇلۇپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا قوللانمىلىق رول ئوينايدۇ، ئوچۇق نەشر قىلىنىپ، ئۇنى جەمئىيەتتىكى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ. قىسقىسى، دىسسېرتاتسىيە دەپ ئاتالغان يۇقىرىقى ئەمگەكلەر قىلنى قىرىققا يېرىپ يېزىلغان مۇكەممەل ئىلمىي ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلارسىز نەۋايىشۇناسلىقنىڭ ئۆتمۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس!

    20- ئەسىرنىڭ 70- ، 80- يىللىرىدا ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسى يەنىمۇ ئۆسۈپ بارغان. شائىر ئەسەرلىرى ژانىرشۇناسلىق ۋە فولكلورشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىپ، بۇ ھەقتە يىرىك ھەم مەخسۇس ئەسەرلەر يېزىلغان. مەسىلەن، V. زاھىدوفنىڭ »ئۇلۇغ شائىر ئىجادىينىڭ قەلبى«، S. ئەركىنوفنىڭ »نەۋايى >پەرھات ۋە شېرىن<ى ۋە ئۇنىڭ سېلىشتۇرما تەھلىلى«، N. مەللەيېفنىڭ »نەۋايى ئىجادىينىڭ خەلقچىل نېگىزى«، »نەۋايى >خەمسە<سى« قاتارلىقلار پىكرىمىزنىڭ جانلىق دەلىلى. جۈملىدىن، »يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى −− ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدۇر« دېگەن قەدىمىي ھېكمەتكە ئاساسلىنىپ، دادىل ۋە ئەمەلىيەتچىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىززەت سۇلتان ئۆز كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە: »بۇ كىتاب ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە شۇ ۋاقىتقىچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئۆزگىچە... سۆزلەش نۆۋىتىنى بىز بۇ قېتىم نەۋايىنىڭ ئۆزىگە بەردۇق. راستتىنلا نەۋايى بۈگۈن بىز بىلەن ئۆزى ھەققىدە ئۆزى سۆھبەت قىلىشى مۇمكىن« ② دەپ كۆرسەتكەن بولسا، 28- سەھىپىسىدە مىرزا ھەيدەر ۋە نەۋايىنىڭ »بەدايىئۇل بىدايە« نىڭ دېباچەسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازغان:»ئۇنىڭ )نەۋايىنىڭ(ئەسلىي ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى كىچىككىنە باخشى دەپ ئاتىلاتتى، ئاددىي كىشىلەردىن ئىدى«، »بۇ ئۇيغۇر ئىبارىتىنىڭ فۇسەھەسىدىن ۋە تۈرك ئەلفازىنىڭ بۇلەغەسىدىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفى... كىم بىرىنىڭ شېرىن ئەبياتى ئىشتىھارى تۈركىستانغا بەغايەت ۋە بىرىنىڭ لەتىف غەزەلياتى ئىنتىشارى ئىراق ۋە خۇراساندا بىنىھايەتدۇر ھەم دىۋانلىرى مەۋجۇد ئىدى.« كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى »نەۋايىنىڭ قەلب دەپتىرى« ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ »يارىسى« ۋە »ئېھتىيات پەردىسى« نى ئېچىپ تاشلاپ، ئەسلىي ئەسەرچىلىك ياكى مەنبەشۇناسلىق تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەردۇر. بۇ يىللاردا نەۋايىشۇناسلىق ئۆزبېكىستاندا يۇقىرى كەسپىي ساپا ۋە زور ئىجادىيەت قوشۇنىغا ئىگە مول ھوسۇللۇق، مۇكەممەل پەنگە ئايلانغان. بىر ئىجادىي كوللېكتىپ ئىشلەيدىغان ئىشلار شەخسلەرنىڭ جاسارىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ئالىدىغان بولساق، مەتىنشۇناس ۋە مەنبەشۇناس ئالىملاردىن پەرساخان شەمسىيېف بىلەن ھەمىد سۇلايماننىڭ قۇم دۆۋىسىدىن كېپەك ئالتۇن تاسقىغاندەك، ئونلىغان ۋارىيانتلارنى سۆزمۇ سۆز سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى بېغىشلاپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە »خەمسە« نىڭ مۇكەممەل نەشرى بىلەن »خەزەيىن ئۇل - مەئانى« نىڭ ئاكادېمىك نۇسخىسى يورۇقلۇققا چىققان. بولۇپمۇ بۇ يىللاردا يورۇقلۇققا چىققان نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ 15توملۇقى )16كىتاب( ئۆزبېك مىللىتىنىڭ مەدەنىي ھاياتىي تارىخىدىكى ئاجايىپ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجتىمائىي، مەنىۋى ۋەقەلەر سۈپىتىدە دۇنيادا ئالقىشلانغان.

    ئومۇمەن، يۇقىرىقىدەك تەتقىقات سەمەرىسىدىن باشقا ئۆزبېك خەلقى ئەلىشىر نەۋايى ئەنئەنىلىرىنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول ۋە ئەندىزە بىلەن ئۆز ئەدەبىياتىدا داۋاملاشتۇرغان، ئۆزلەشتۈرگەن.

    بىرىنچى، سەنئەتكارلار نەۋايى داستانلىرىدىكى مەلۇم پوئېتىك ھېكايىلەر ۋە جانلىق ئېپىزوتلارنى ئۈزۈۋېلىپ، بۇنىڭدىن مۇستەقىل ۋە ئىجادىي ئەسەرلەرنى قايتا ياراتقان. بۇنىڭ نەمۇنىلىرى ھېسابىغا شائىر داستانلىرى ئاساسىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن خۇرشىدنىڭ »پەرھات ۋە شېرىن«، »لەيلى ۋە مەجنۇن«؛ كامىل ياشىننىڭ »مېھىر ۋە سۇھەيل«، »دىلئارام« كەبى مۇزىكىلىق دىرامىلارنى مىسال كۆرسىتىش مۇمكىن. شائىر ۋە دىراماتورگ خۇرشىد 1922- يىلى نەۋايى داستانلىرىدىن »پەرھات ۋە شېرىن« نى، 1925- يىلى »لەيلى ۋە مەجنۇن« نى سەھنىلەشتۈرگەن. ئاۋۋالقى داستان ئۈستىدە ئىشلىگەندە مېھىنبانۇ بىلەن شېرىننىڭ پائالىيەت سەھنىسىنى ئۆزبېكىستان دائىرىسىگە كۆچۈرگەن. شېرىننىڭ پەرھاتقا قويغان مۇھەببەت شەرتىنى ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ چوڭ جەزىرە −− مىرزا چۆلگە سۇ باشلاش مۇتىفىغا ئۆزگەرتىپ، ئەسەرنىڭ تۈپ تېماتىك غايىسىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۆزبېك مىللىي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قاراتقان. كېيىنكىسىدە ئەسلىي داستان سۇژىتىنىڭ مۇھەببەت تارمىقىنى كېسىۋېلىپ، لەيلى - مەجنۇننىڭ قەدىمىي ئەرەب روھىيىتىگە خاس سۆيگۈ ماجىرالىرىدىن كېلىپ چىققان غەمكىن ۋە مەيۈس كونا پاجىئەسى ئارقىلىق، ئىنسان شەخسىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىشى كېرەك، دېگەن زامانىۋى يېڭى پىكىر يۈكسەكلىكىنى ياراتقان. كامىل ياشىننىڭ »مېھ−ىر ۋە سۇھ−ەيل« مۇزىكىلىق دىرام−ىسى )1940- يىلى(، جۈملىدىن ھەمئاپتورلۇقتا ي−ازغان »دىلئارام« ئوپېراسى )1958- يىلى( نەۋايىنىڭ )سەبئەئى سەييار( داستانىغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق سەھنىلەشتۈرۈلگەن. »مېھىر ۋە سۇھەيل« نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى »سەبئەئى سەييار« ىدىكى بەشىنچى ئىقلىمدىن كەلگەن مۇساپىرنىڭ ھېكايىسى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولسا، كېيىنكى ئوپېرامۇ مەزكۇر داستاننىڭ سۇژىت ئۈزۈندىلىرىگە ئاساسلانغان. K. ياشىن ئەسەردە بەدىئىي فانتازىيەدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ناخشىچى دىلئارام بىلەن مېمار - رەسسام مانىنى سۆيۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم دىراماتىك تىرەنلىك ھاسىل قىلىپ، ئىلغار ئىجتىمائىي كۈچلەر زالىملار بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشى لازىم، دېگەن ئاكتۇئال بەدىئىي غايىۋى پىكىرنى ئالغا سۈرگەن، ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ غەلىبىسىگە مەدھىيە ئوقۇغان. ئومۇمەن دىراماتورگلار تارىخىي كونا تېمىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن زامانىسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىجادىي پايدىلانغان. نەۋايى دەۋرىگە خاس كونا مۇتىفلارنى يېڭى زامان روھىغا ماس ھاياتىيلاشتۇرغان.

    ئىككىنچى، نەۋايى ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدا شائىرنىڭ كۆپ قىرلىق ئوبرازىنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ مەلۇم مۇھىم تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرۈش. بۇ ئۇسۇلدا يارىتىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەرلەر ئايبېكنىڭ »نەۋايى« رومانى، بادېتسىكىينىڭ »ئاددىي ئىنسان« رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمى، ئۇيغۇن ۋە ئىززەت سۇلتانلارنىڭ مەشھۇر »ن−ەۋايى« دىرامىسى ۋە شۇ ئاساستىكى »نەۋايى« كىنو سېنارىيەسى، L. باتنىڭ »ھايات بوستانى« پوۋېستى، مىركەرەم ئ−اسىمنىڭ »زۇلمەت ئىچىدە نۇر« پوۋېستى، »شائىرنىڭ ياشلىقى«، »سۈرگۈن«، »دەرۋىش ئەلىنىڭ پىتنىسى« ھېكايىلىرى؛ غاپۇر غۇلام، خەمىت ئالىمجان، مەقسۇت شەيخزادە، مىرتۆمۈر ۋە باشقىلارنىڭ داستان ۋە شېئىرلىرىدىن ئىبارەت. ئومۇمەن ئۆزبېك زىيالىيلىرى ئىچىدە نەۋايى ھەققىدە يازمىغانلىرى ئاز. رەسسام چىڭغىز ئەھمەر ۋە قەيدەلوفلار نەۋايىنىڭ ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ئۆلچەملىك گويا ھاياتتەك ئويچان رەسىمىنى سىزىپ، شائىرنى جەمئىيەتتە ھەممە ئادەمگە تونۇش سېماغا ئايلاندۇردى. ئومۇمەن، سەنئەتكارلار نەۋايى خاراكتېرىدىكى پەزىلەت ۋە بەلگىلەرنى بەدىئىي غايىسىگە ئاساسەن تاللىغان. ئۇلار شائىرنىڭ خەلقچىللىقى ياكى ئىجادىي ئىلھامىنىڭ ئۆز دەۋرىگە خاس تەرەپلىرىنى، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن، ئايبېك »نەۋايى« رومانىدا شائىر ئوبرازىنى ياراتقاندا نەۋايىنىڭ خەلق تەقدىرى يولىدىكى تەپەككۇر دۇردانىلىرىنى زامانىۋىلىق پىرىنسىپىدا تۇرۇپ راۋاجلاندۇرغان. شۇڭا ئەسەردە بىر تەرەپتىن، شائىرنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيەلەر ساھىبى ئىكەنلىكى، ئىككىنچى ياقتىن خەلق تەقدىرى يولىدا بۇ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىش خاھىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن. نەۋايى دۇنيا قارىشىدىكى كونا زامانغا خاس ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

    ئۈچىنچى، ئەدىبلەر شائىر داستانلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلانمىغان، شائىرنىڭ ياكى زامانداشلىرىنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلىمىگەن. بىراق نەۋايى گۇمانىزمى ۋە ماھارىتىنىڭ جەۋھىرىنى، مىللىي خەلقچىل ساداسىنى يېڭى رېئالىستىك مېتودنىڭ ئەنئەنىۋىلىك پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىجادىيەتلەردە جاراڭلاتقان. بۇ نۇقتىدا ئابدۇللا قادىرىنىڭ »ئۆتكەن كۈنلەر« رومانى ۋە خەمىت ئالىمجاننىڭ »زەينەپ ۋە ئامان« داستانى ھەققىدە گەپ قىستۇرۇش ئارتۇق ئەمەس!

    مىسال ئۈچۈن »ئۆتكەن كۈنلەر« نىڭ »يازغۇچىدىن« دەپ بېرىلگەن كىرىش سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: »ئېنىقكى، بىز يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدۇق. بەس، بىز ھەر بىر يوسۇندا ھەم شۇ يېڭى دەۋرنىڭ يېڭىلىقلىرى ئارقىسىدىن ئەگىشىشىمىز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش داستانچىلىق، رومانچىلىق ۋە ھېكايىچىلىقلاردىمۇ يېڭى ئەسەرلەر يارىتىشقا، خەلقىمىزنى شۇ زاماننىڭ >تاھىر ۋە زۆھرە< لىرى، >چاھار دەرۋىشلىرى<، >پەرھات ۋە شېرىن< لىرى شۇنداقلا >بەھرام گور< لىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشقا ئۆزىمىزدە مەجبۇرىيەت ھېس قىلىمىز.« ئا. قادىرى مەزكۇر بايانلىرى ئارقىلىق رومانىنىڭ تامامەن يېڭى تىپتىكى ئەسەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيلىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن روماندا خەلق كىتابلىرى، چۆچەكلەر ۋە نەۋايى داستانلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگەنلىكىدىنمۇ بېشارەت بەرگەن. گەرچە خەمىت ئالىمجان »زەينەپ ۋە ئامان«دا ئاشىق - مەشۇقلار تەقدىرىنى زامانغا لايىق ۋىسال تېپىشقان قىلىپ، نەۋايىدىكى پاجىئەنىڭ ئەكسىنچە يول تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرنىڭ مەسنەۋى فورمىسى، جاراڭدار قاپىيەسى ۋە سۆزلەرنىڭ ئىكچى مەنىدارلىقىدا نەۋايى ماھارىتىنىڭ بەدىئىي ساداسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

     

    分享到: