ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    تاغ بار يەردە چوققا بار(5) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تاغ بار يەردە چوققا بار(5)

     

    (ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقتويى خاتىرىسى)

     

    ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

     مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان

    (ئەدەبىي خاتىرە)

    كېيىن ئەنجان، پەرغانە، سەمەرقەند، بۇخارا ۋە خارەزمدىن كەلگەن ئالىملار نەۋايىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە پەزىلىتىگە دائىر مەنىلىك، كونكرېت تەرەپلەر ھەققىدە بىر شىڭگىلدىن ئاغزاكى نۇتۇق بايان قىلىشتى. ئۇلار ئىلمىي مەجلىسلەردە ماقالە ئوقۇماي كۆپرەك شۇ ئىنساننىڭ پېئىل - پەزىلىتى ۋە ئومۇمىيەتچىلىكى ھەققىدە ئەركىن سۆزلىشىدىكەن. مەن ئەنجۈمەننىڭ تەنەپپۇس ۋاقتىدا باشقىلاردىن نەجمىدىن كامىلوف بىلەن پىرىمقۇل قادىروفنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغانلىقىمنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. نەجمىدىن ئاكا ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق ئىجتىمائىي پەن ئالىمى بولۇپ، دوكتورلۇق ئىشىم جەريانىدا ئۇنىڭ »تەسەۋۋۇپ« ۋە نەۋايى ھەققىدىكى »خىزىر چەشمىسى« ئەسەرلىرىنى كۆرگەنىدىم. بۇ كىشىنى ئىلمىي رەھبەر قىلىپ تاللىغان ماگىستىرلارنىڭ ئېغىزىدىن: »نەجمىدىن داملا پەزىلەتتە پەرىشتە، ئىلىمدا ئىسمى جىسمىغا لايىق >كامىل< ئىنسان« دېگەن تەرىپلەشلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان. ئۇ سۆز نۆۋىتى كەلگەندە بۈيۈك نەۋايى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى: »رۇس ئالىملىرىدىن ژىرمۇنسكىي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا >نەۋايى ۋە ئەدەبىي ئويغىنىش< دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ خۇددى ياۋروپادىكىگە ئوخشاش ئويغىنىش دەۋرىنىڭ بولغانلىق تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، كۆنراد پەرھاتنى >ئىنسانىيەتنىڭ ئىدېئالى< سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. دېمەك، تۈركىي خەلقلەر گىرېك، ئەنئەنىۋى شەرق ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات ئۆركىشى قوشۇلۇپ ۋە جەۋھەرلىنىپ ئەلىشىر نەۋايىنى، شۇنداقلا نەۋايىنى بايراق قىلغان شەرق ئويغىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىز تېخى شائىر ياراتقان ئۇلۇغ بىر دەريانىڭ ساھىلىدا ئايلىنىپ يۈراۋاتىمىز« دەپ خۇلاسىلىدى. نەجمىدىن كامىلوف مۇھەممەد سىددىق زەلىلى ھەققىدىكى دىسسېرتاتسىيەمنىڭ سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسى بولغاچقا، كېيىن مەن پىرېزدېنت نامىدىكى دۆلەت ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ ئالىم بىلەن نەچچە مەرتە دىدارى مالاقەتتە بولدۇم. سۆھبەت قىزغىن داۋام قىلىۋاتاتتى. يىغىندىن خاتىرە قالدۇرۇش مەقسىتىدە قارىماققا سۆزلىگۈچىلەرگە دىققەت قىلىۋاتقاندەك قىلساممۇ ئەمەلىيەتتە ئوتلۇق بىر خىيال مېنى باغرىغا باسماقتا ئىدى... قول كۆتۈرۈپ: »مەن جۇڭگودىن، يەنى نەۋايىنىڭ ئۆزلۈكى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىگەن غايىۋى قەھرىمانى پەرھاتنىڭ ۋەتىنىدىن كەلگەن ئۇيغۇرمەن« دېگۈم كەلدى. بىراق بۇ پىكىر ئىلھامى قانداق شىددەتلىنىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك تېزلىكتە يالتايدىم. چەپ تەرىپىمدە ئولتۇرغان يازغۇچى پىرىمقۇل قادىر ئاكىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن:

    −− ئۇستاز، مەن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن، ھازىر ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسىمەن. ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق سۆيۈملۈك يازغۇچىسىز. رومانلىرىڭىزنى ئوقۇپ، دىدارىڭىزنى كۆرۈشنى خىيالىي ئارزۇ قىلغانمەن، شۇ تاپتا بېشىم ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بولۇۋاتىدۇ، −− دېدىم.

    پاكار بويىغا ئېغىر كېلىدىغاندەك يوغان بېشى، ئۆسكىلەڭ، توم قارا قاشلىرى ئاستىدىكى مۈشۈكياپىلاقنىڭكىدەك چوڭقۇر ۋە ئۆتكۈر كۆكۈچ كۆزلىرى 80ياشلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بۇ كىشىنى قەتئىي ۋە سەل سۈرلۈك كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن تېز پەسلەۋاتقان ئۆمۈر قۇياشى ئۇنىڭ چىرايىدا باغرى يۇمشاقلىق ۋە تولىمۇ رايىشلىقنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

    −− ئۇيغۇر تىلىدا قايسى ئەسەرلىرىم نەشر قىلىنغان؟

    −− »يۇلتۇزلۇق تۈنلەر«، »ھۇمەييۇن«، »ئەكبەر«. سىزنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆز يازغۇچىسىدەك ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ بابۇر ھەققىدىكى رومانىڭىز بىزدە كۆپ قېتىم نەشر قىلىنغان. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئېسىل ئەسەرلەر بار، ھالبۇكى بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە ئەسەرنىڭ ئۆزبېكچە نەشر قىلىنمىغانلىقىدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم. ۋەتىنىمگە قايتقاندا دوستلىرىمغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. دېمەك، بىز سىلەرگە قېرىنداشلىق ۋە دۇنياۋى نۇقتىدىن قاراپ كەلدۇق.

    كېيىن پىرىمقۇل قادىر ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا بولىدىغان ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىمدىن ئۈمىدۋار بولغاندەك »زور، جۈدە زور، ئوغلۇم« )ناھايىتى ياخشى!( دەپ دوپپىلىق يوغان باشلىرىنى لىڭشىتقىنىچە كۈلۈمسىرىدى. كېيىن بىر ئۆسمۈرنىڭ مۇزىكانتلارنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا ئابدۇللا ئارىپوفنىڭ »ئەلىشىرنىڭ ئانىسى« شېئىرىنى ياڭراق ۋە تەسىرلىك ئاۋازدا ئوقۇشى بىلەن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلدى. دېكلاماتسىيە شېئىرنىڭ:

     

    مەيلىغۇ ئۇ كىم بولسۇن،

    يالغۇز بىر سۆز مەناسى.

    ئەلىشىرنىڭ ئانىسى ئۇ،

    نەۋايىنىڭ ئانىسى...

     

    دېگەن بېيىتلىرىغا كەلگەندە، بالىنىڭ ئۈنى ئانىنىڭ باغرىغا بۆلەنگەندەك ئاستا - ئاستا پەسلەشكە باشلىدى. مۇزىكىنىڭ ئەۋجى لەرزانلاشماقتا ئىدى. مىكروفوندىن ياڭرىغان ئۇرغۇلۇق، مەنتىقلىق ۋە مەنىدار بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ زالدىكى ھاياجانلىق ۋاراڭ - چۇرۇڭ پەسەيدى.

    −− ئۆزبېكنىڭ يۈرىكى نەۋايىنىڭ كۆكسىدە سوققان، ئۇلۇغ شائىرنىڭ روھى بىز تۈركىي خەلقلەرنى يۆلىگەن، −− دېگەن جۈملىلەر بىلەن تەڭ ھەممىنىڭ دىققىتى بىر نۇقتىغا تىكلەندى. مۇنبەردە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى ئەزىز قەييۇموف سۆزلىمەكتە ئىدى. بادام گۈللۈك قارا دۇخاۋا دوپپىسىنى ئوڭغا قىيسايتىپراق كىيىۋالىدىغان، باشقىلارنىڭ ئۇتۇقىدىن ھەمىشە ئىككى كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالغۇچە ھۇزۇرلىنىپ كۈلىدىغان بۇ مەردانە نەۋايىشۇناس قوقانلىق مەشھۇر ئالىم پولاتجان داموللامنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەزىز قەييۇم »خەمسە«دىكى ھەر بىر داستاننىڭ يېزىلىش جەريانى ئاممىبابلاشتۇرۇلۇپ ھېكايە قىلىنغان ئەدەبىي كىتابلىرى، جۈملىدىن نەۋايىنىڭ ئىجادىي بىيوگرافىيەسىگە بېغىشلانغان »ئاجايىپ كىشىلەر ھاياتى« ئەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇش. ئۇ يەنە »نادىر سەھىپىلەر«، »قەدىمىيەت ئابىدىلىرى« قاتارلىق كۆپلىگەن بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزبېكىستاندىكى بىردىنبىر ئاتا - بالا زەلىلىشۇناس ئالىملار ئىكەن. مەلۇمكى، زەلىلى 18- ئەسىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ نادىر ۋەكىلى بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدىن ئېتىبارەن پەرغانە ۋادىسىغا كەڭ تارقالغان. ئەزىز ئاكا نەشرگە تەييارلىغان ئاتىسى پولاتجان داموللىنىڭ »قوقان تارىخى ۋە قوقان ئەدەبىي مۇھىتى«، »تەزكىرەئىي قەييۇمى« قاتارلىق ئەسەرلەردە، ئۆزبېكىستاندا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد سىددىق زەلىلى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزىلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. مېنىڭ زەلىلى تېمىسىدىكى تەتقىقاتىم تاماملىنىپ، دىسسېرتاتسىيە ياقلاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان 2008- يىلى ئىيۇن ئايلىرىنىڭ بېشىدىكى دائىملىق ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرسىدە، ئىلمىي رەھبىرىم نۇرباي جاببارنىڭ: »تۇرسۇن ئاغا، ئامەتلىك ئىكەنسىز، ئەزىز پولاتوۋىچ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى، ياشىنىپ قالغاچقا ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلمىغان. زەلىلى ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاتا مىرا س مۇئەمما بولغاچقا سىزنىڭ ئىشىڭىز ئۈچۈن ئىلمىي ھىمايىچى بولۇشقا قوشۇلدى«، دېگىنىدە دوپپامنى ئاسمانغا ئاتقۇدەك بولغانىدىم. كېيىن ئالىم ئۆيى ۋە ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيىدىكى ئىشخانىسىدا دىسسېرتاتسىيەمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرۈپ قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى. ئاخىرىدا »شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى«دا ئېلان قىلىنغان »>تەزكىرە ئىي قەييۇمىي<دا زەلىلى تەلقىنى« ناملىق ماقالەمنى ژۇرنال بىلەن قوشۇپ سوۋغا قىلغىنىمدا، ژۇرنالنى دادىسىنىڭ قوقاندىكى »ئۆي مۇزېي«ىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قەۋەتلا خۇشال بولغانىدى. كېيىن مەن ئۇنىڭ »يىراق چىندىن بىر مۇساپىر ئىلىم ئىزدەپ ۋەتىنىمىزگە كەلسە، ئۇنىڭ تەرىپىدە بىر نەچچە ئېغىز ھەققانىي پىكىر ئېيتىش مەسئۇلىيىتىمىز بار« دېگەن مەقسەتتە ماڭا ھىمايىچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. قىسقىسى، ئەزىز قەييۇم كۆڭۈل نۇرەپشانلىقى يۈز - كۆزىدە نامايان، ئاسمان باغىر، ئومۇمىيەتچىل بولۇشتەك پەزىلەتلىرى بىلەن مەندە ئۆچمەس تەسىرات قالدۇردى.

    −− مەھمۇد كاشغەرىي، −− دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئالىم، −− »دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك«نى يېزىپ، ئانا تۈركىي تىلىمىزنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن »بەيگىگە چۈشكەن ئاتتەك« رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان مەقامىنى نامايان قىلغان بولسا، ئەلىشىر نەۋايى مەشھۇر »خەمسە«سى ئارقىلىق قۇياشى پەسلەۋاتقان ئۆزبېك تىلىنى جاھان مىقياسىغا ئېلىپ چىقتى. تىل ۋە ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھى ھەم دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەينىكىدۇر، دەيدۇ بەھبۇدىي ① ھەزرەتلىرى. شائىرنىڭ »تىلغا ئېتىبارسىزلىق، ئەلگە ئېتىبارسىزلىق« دېگىنى شۇنداقلا:

     

    نەۋاسىز ئۇلۇسنىڭ ناۋا بەخشى بول،

    نەۋايى يامان بولسا، سەن ياخشى بول...

    پەرىم بولسا ئۇچۇپ قاچسام ئۇلۇسدىن تا ئاياغىم بار،

    قاناتىم كۆيسە ئۇچماقدىن، يۈگۈرسەم تا ھاياتىم بار....

     

    دەپ شام پەرۋانىسى بولۇپ ئۆرتىنىشلىرى ئەمەلىيەتتە زامان زۇلمىغا، ئۆز ئۇلۇسىغا ۋە ئۇنىڭ جاھانساز زىيالىيلىرىغا قىلغان مۇراجىئەتى ئىدى. شۇڭا سەمەرقەندتە »نەۋايىغىچە نەۋايى بولمىغان، نەۋايى دەۋرىدە نەۋايى نەۋايىنىڭ ئۆزى، نەۋايىدىن كېيىن نەۋايى چىقامدۇ - چىقمامدۇ، بۇ دەرگۇمان« دېگەن مەنىلىك ھېكمەتنىڭ تارقىلىشى تاسادىپىي ئەمەس!

    شۇنداق قىلىپ ئىلمىي مەجلىس ئۆتكۈر نەزەرلىك ئەدەبىياتشۇناس ئىبراھىم ھەققۇل نۇتقىنىڭ »... ئەمدى نەۋايىغا قايتىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى...« دېگەن سۆزلىرى بىلەن تۈگەللەندى. يىغىن رەئىسى نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممە دەۋرنىڭ زۆرۈرىي مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرەلىشىدەك مەڭگۈلۈك قىممىتىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى ئەنجۈمەننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئۇنىۋېرسىتېت مۇزېيىنى زىيارەت قىلىشىمىزنى ئۇقتۇردى. گەرچە يىغىن نارەسمىيرەك ئېچىلغىنى بىلەن ئۇنىڭدا شائىر ھەققىدىكى ئەڭ سەمىمىي پىكىرلەر ئېيتىلدى. نەۋايىنىڭ بۇ يىللىق خاتىرىسىگە ئاتاپ شائىر ئىجادىدىكى »بوزلۇق« لارغا بېغىشلانغان بىر نەچچە پارچە ئىلمىي ئەسەر نەشر قىلىش قارارلاشتۇرۇلدى. بەزى نەشرىياتلار بۇنداق ئەسەرلەرنى ئەڭ تۆۋەن تەننەرختە چىقىرىشقا ۋەدە بەردى. مەن ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ نەۋايى ھەققىدە گەپلىشىۋالسا گويا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نېمەتتىن بەھرىلەنگەندەك راھەتلىنىپ ۋە ئەركىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

    مۇزېي مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنىڭ 2 - قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنچە چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك ئەمەسلىكىگە قارىماي ئۇنىڭغا قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلار ئىلمىي ۋە كۆڭۈل قويۇپ تىزىلغانىدى. تاملارغا قاراخانىيلار قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ خەرىتىسى چاپلانغان، مۇزېينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلىم - پەن قۇياشىنىڭ پارلاۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىپ، ئۇلۇغبېك )1394- 1449( نىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيكىلى قويۇلغانىدى. بۇ چاغدا سائەت چۈشتىن كېيىن بەشتىن ئاشقان بولغاچقا، مەن بۇ كىچىك ھېكمەتخانىدىكى ھەممە يىغىلمىلارنى تەپسىلىي كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەي، ئىچكىرى بۆلۈمچىدىكى كىشىلەر توپلىشىۋالغان ئەينەك جازىنىڭ ئالدىغا سىغدىلىپ كىردىم. كۆز ئالدىمدا باشقا ھۆججەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك بىر قول يازما تۇراتتى. خېلى كۆپ يىغىن ئەھلىنىڭ مەزكۇر قول يازمىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى بولسا كېرەك. رۇس ۋە ئىنگلىزلار ھەيرانلىق چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى ۋە كۆك نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ئارقىلىق قول يازمىنى ئىما - ئىشارە قىلىپ ئاللىنېمىلەرنى دېيىشسە، ئۆزبېك ئالىملىرى »جۈدە زور« دېيىشەتتى. مەن ئۇنىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىش نىيىتىدە رۇسچە ۋە ئۆزبېكچە يېزىلغان چۈشەندۈرۈشكە نەزەر ئاغدۇردۇم. قول يازما 19- ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن »دىۋان نەۋايى« بولۇپ، چوڭ، قېلىنلىقى، نەپىس ۋە قىممەتلىكلىكى بىلەن ئادەمنى تاڭ قالدۇراتتى. كىتابقا قارىغانسېرى ئۇ سۇ يۈزىدىكى مەيىن چەمبىرەكتەك يوغىناپ، ئۇنىڭ مەن يېقىندا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قول يازمىلار فوندىدا كۆرگەن تېخىمۇ بەھەيۋەت بىر قول يازما بىلەن روشەن سېلىشتۇرمىسى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭغا 1983- يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان »نەۋايى ئەسەرلىرى قول يازمىلىرىنىڭ تەۋسىفى« دېگەن كىتابنىڭ 17- ، 28- ، 29- ۋە 30- بەتلىرىدە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش تۆۋەندىكىچە:

    »ئۇشبۇ قول يازما ئەلىشىر نەۋايى كۈللىياتلىرىنىڭ 19- ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن مۆتىۋەر نۇسخىلىرىنىڭ بىرىدۇر... كۈللىيات نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى جەملىگەنلىكى ۋە ھەجىم جەھەتتىن چوڭلۇقى بىلەن شائىرنىڭ باشقا قول يازمىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ... كۈللىيات: 692بەت، تېكىست ئۆلچىمى: 18×28، قول يازما ئۆلچىمى: 30×44 بولۇپ... كۈللىيات 19- ئەسىر كاشغەرىي ئۇسلۇبىغا خاس نەپىس نەستەئىلىق خېتى بىلەن كۆچۈرۈلگەن... ھەر بىر ئەسەر باشلىنىشتىن بۇرۇن زەر ۋاراق قالدۇرۇلغان... بولۇپمۇ >ئەربەئن< دىكى ھەدىسلەرنىڭ دائىرىسى ئالتۇن سۈيى بىلەن ھەللەنگەن. قول يازما قاتتىق مۇقاۋىلىق، قاتتىق مۇقاۋا يۈزىگە تامغا ۋە تامغىسىمان نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن. نۇسخىنى بەش يىل جەريانىدا يەنى ھىجرىيە 1240- 1245)مىلادى 2824- 1830( يىللاردا كاشغەرىي شەھىرىدە ئابدۇرېھىم ئىبن مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي كۆچۈرگەن... بۇ ھەقتە قول يازمىنىڭ بەش جايىدا تارىخ بېرىلگەن بولۇپ، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى تارىخ كىتابنىڭ 680- ، 692- بېتىگە مۇنداق پۈتۈلگەن:

    )... ئۇشبۇ مۇبارەك شەرق نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى 1245- يىلىدا تۈگىدى...

    ھەر كىم بۇ كىتابقا قارىسا

    ئابدۇرېھىم كاشغەرىينىڭ خېتىنى كۆرىدۇ(«

     

    分享到: