ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-03

    تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(3) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(3)

     

    ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 12-سان

    تارىخچىلىقنىڭ مېتودىدىن قارىغاندا، تارىخچىلىق بەدىئىي توقۇلما ۋە پاكىتسىز تەسەۋۋۇرغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئامىللار تارىخچىلىقنىڭ رېئاللىققا سادىق بولۇش ئاساسىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. تارىخچى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلمىدىن ساقلىنىدۇ. خۇددى موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخچىلىق تەجرىبىسىدىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدىكى تارىخىي پاكىتلار ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىزچىللىقى ئەمەس، بەلكى تارىخچىلىقنىڭ ئىمكانىيىتى ئىچىدە قانات يايغان. شۇڭا بۇ تەپسىلارنىڭ بەدىئىيلىكى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشتىن قەتئىينەزەر، موللا مۇسانىڭ تارىخقا سادىق بولۇش مەقسىتى ئالدىدا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشكەن. شۇنىسى روشەنكى، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك تارىخچى بىلەن تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخقا سادىق بولۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. گەرچە تارىخىي رومانلار تارىخچىلىقنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئوزۇقلانسىمۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ تارىخچىلىق ياكى تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. بىر تارىخچى تارىخىي خاتىرىلەر ۋە يازمىلار ئۈستىدە سوغۇققان تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، ئۇلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقىيلىرىنى ئېلىپ قېلىپ ساختىلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇ ئۇسۇلدا ئۇ مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەر ۋە بىرپۈتۈن تارىخىي دەۋرنىڭ پاكىت ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەسلىي ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي بىلىمىنى موللا مۇسا سايرامىدەك بەدىئىي تىلدا بايان قىلىشى تامامەن مۇمكىن. ئەمما بىز ئېيتقاندەك، تارىخچىنىڭ بەدىئىي ئىقتىدارى يەنىلا تارىخ بايانچىلىقىنىڭ مېتودى ۋە قۇرۇلمىسىغا بويسۇنىدۇ.
    بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما تارىخچىنىڭ تارىخنى ئەينەن تەسۋىرلەش مېتودىغا زىت كېلىدۇ، ئەمما بۇ ئامىللار تارىخىي روماننىڭ بەدىئىي ئەسەر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ دېگەنلىك يازغۇچى تارىخقا سادىق بولۇشتىن خالىغانچە ۋاز كېچەلەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان، خۇلاسىلەنگەن ۋە قېلىپلاشقان رېئاللىق ھەققىدىكى ئەسەر بولغانلىقتىن، يازغۇچى تارىخىي دەۋرگە بولغان مەلۇم ساداقەتمەنلىكتىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكى روماننىڭ شەكىل ۋە ئىمكانىيەتلىرى يول قويغان دائىرىدە بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تارىخقا بولغان ساداقەتمەنلىكى تارىخچىنىڭ تارىخقا بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن پەرقلىنىدۇ. گېئورگى لۇكاچ "تارىخىي رومان" ناملىق ئەسىرىدە تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېگەن: "روماندا مەلۇم دەۋر ھاياتىنىڭ ماددىي ئاساسىنى قايتا بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ساداقەتمەنلىك مۇھىمدۇر. كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، رومان دىرامىغا قارىغاندا مەلۇم باسقۇچنىڭ ئالاھىدە تارىخى ۋە ئىندىۋىدۇئال پەيتلىرىگە تېخىمۇ بەكرەك باغلانغان بولىدۇ. ئەمما، بۇ تارىخىي رومان ھەرقانداق تارىخىي پاكىتلارغا باغلانغان دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە بۆلۈنگەن ئومۇملۇقنى ھەم تارىخنى ساداقەتمەنلىك بىلەن تەسۋىرلەش ئۈچۈن يازغۇچى ئاشۇ تارىخىي پاكىتلارنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك." ("تارىخىي رومان"، 942 - بەت)
    تارىخىي رومان يازغۇچىسى مەلۇم تارىخىي دەۋردىكى ۋەقەلەرگە توقۇلما پېرسوناژلارنى كىرگۈزىدۇ ھەم تارىختا ئۆتكەن پېرسوناژلارنىڭ دىيالوگلىرى ۋە پىسخىك تەسۋىرلىرى ئۈستىدە ئەركىن تەسەۋۋۇر يۈرگۈزىدۇ ۋە توقۇلما قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىر تارىخ تەتقىقاتچىسى تارىخىي رومان يازغۇچىسى بەھرىمەن بولغان ئەركىنلىككە ئىگە بولالمايدۇ. تارىخ تەتقىقاتچىسى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرسە، تارىخىي رومان يازغۇچىسى بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى، ھالىتى ۋە ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئەركىن تاللايدۇ ۋە توقۇلما قىلىدۇ، تارىخنىڭ ئومۇمىي ھەرىكىتىگە توقۇلما پېرسوناژلارنى قاتناشتۇرىدۇ. يازغۇچى تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، روماننىڭ بەدىئىي ئىزچىللىقى ئىچىدە تارىخنىڭ ھەرىكىتىنى ھەر خىل توقۇلما ۋە چىن پېرسوناژلارنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ ياكى تارىخىي روماندا بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە تارىخنىڭ ھەرىكىتى پېرسوناژلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت ھەم پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: قاراخانىيلار تارىخىنى يېزىۋاتقان بىر تارىخچى تارىخىي قول يازمىلار ۋە تەتقىقاتلار ئاساسىدا ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش، گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر تەپسىلاتلىرى پاكىت ۋە پاكىتلار ئاساسىدىكى مەنتىقلىق قىياسلارغا تايىنىدۇ. ئەمما، بىر رومان يازغۇچىسى بولسا ئەركىن تەسەۋۋۇر، ھەرخىل توقۇلما ۋە چىن پېرسوناژلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پائالىيەتلىرى ئاساسىدا شۇ خانلىق بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىدۇ. بۇ جەرياندىكى تەپسىلاتلار چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلمىنىڭ مەلۇم بىرىكىشى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن شۇ تارىخىي روماندا قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
    يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، يازغۇچى روماننىڭ ئىمكانىيەتلىرى ۋە شەكىللىرى ئىچىدە چىن ۋە توقۇلما پېرسوناژلار ھەم تەپسىلاتلارغا تايانغان ھالدا، تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى سادىقلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇنەۋۋەر تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئەمەلىيەتتە تارىخىي پاكىتلارنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە تايىنىپ خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخىي تەپسىلاتلارغا قاتمال ھالەتتە سادىق بولۇشى ھاجەت ئەمەس. تارىخىي تەپسىلاتلارغا بولغان قاتمال سادىقلىق يازغۇچىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنىڭ جارى بولۇشىغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدە يازغۇچىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر تارىخىي بىلىمى يازغۇچىنى تارىخقا بولغان كۈچلۈك ۋە مېخانىك ساداقەتمەنلىككە يېتەكلىمەيدۇ. خۇددى لۇكاچ ئېيتقاندەك: »بىر يازغۇچىنىڭ مەلۇم بىر دەۋر ھەققىدىكى بىلىمى قانچە چوڭقۇر ھەم تارىخىي بولىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ تېما دائىرىسى ئىچىدە شۇنچە ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ ھەم ئايرىم تارىخىي پاكىتلارغا تېخىمۇ ئاز باغلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ." ("تارىخىي رومان"، 942 - بەت) شۇڭا يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخىي بىلىمى ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە ئوخشاشلا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر. ئەمما، يازغۇچى ئۆز تارىخىي بىلىمىنىڭ مول بولۇشى سەۋەبىدىن ئايرىم تارىخىي پاكىتلارغا باغلىنىپ قالماستىن، بەلكى تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى، تارىخنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدىكى چوڭقۇر تونۇشى ۋە مول بىلىمىگە تايىنىپ پېرسوناژلار ۋە تەپسىلارنى ئەركىن تاللايدۇ ۋە توقۇلما قىلىدۇ، مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋرنىڭ قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ. بىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك، تارىخچى مۇئەييەن پاكىتلارغا تايىنىپ سىزىپ چىققان بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ماھارىتى ئارقىلىق قايتا نامايان قىلىدۇ.
    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ توقۇلما قىلىش ۋە تەسەۋۋۇر ئەركىنلىكى ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ پېرسوناژلار ۋە تەپسىلاتلار ئۈستىدە توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئەركىنلىكى بولغاچقا، بەدىئىي ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شارائىتىغا ئىگىدۇر. ئايرىم تارىخىي پاكىتلارغا باغلىنىپ قالماسلىق، بەلكى پېرسوناژلار ۋە تەپسىلاتلار ئۈستىدە خالىغانچە تاللاش، بەدىئىيلەشتۈرۈش ۋە توقۇلما قىلىش ئۇنىڭ ئەسىرىنى تارىخ ھەققىدىكى بەدىئىي ئەسەر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. توقۇلما تەپسىلاتلار ۋە پېرسوناژلار ئۇنىڭ تارىخ ھەققىدىكى ئەسىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ ئاشۇ ئەركىنلىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئەسىرىنى بەدىئىيلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكۈزۈشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. گېئورگى لۇكاچنىڭ تەتقىقاتىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، تارىخىي روماننىڭ مۇنەۋۋەر بەدىئىي ئەسەر سۈپىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئۈچۈن يازغۇچى تارىخىي پاكىتلارغا مېخانىك ھالدا باغلىنىپ قالماسلىقى، بەلكى تەپسىلات ۋە پېرسوناژلار ئۈستىدە ئەركىن توقۇلما ھەم بەدىئىيلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، رېئالىستىك بەدىئىي ئۇسلۇبنىڭ يۇقىرى ئىمكانىيىتى ۋە ۋايىغا يەتكەن شەكلى ئارقىلىق تارىخىي دەۋرنى بەدىئىي ئۇسۇلدا ئىپادىلىشى كېرەك. تولىستوي ياكى پۇشكىننىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلارنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرى، بولۇپمۇ پىروزىچىلىقتا بارلىققا كەلتۈرگەن بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تارىخىي رېئاللىقنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
    يۇقىرىقى مۇھاكىمىلەردىن شۇنى يەكۈنلەشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومان رومانچىلىقتىن ئايرىلىپ چىققان مۇستەقىل ژانىر ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى رومانچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىرى ۋە شەكىللىرىگە باغلانغان، خۇددى گېئورگى لۇكاچ ئېيتقاندەك، "ھازىرقى زاماندىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە، تارىخىي رومان تارىخقا ساداقەتمەن بولۇش بىلەنلا ئايرىم ژانىر بولۇپ قالمايدۇ." ("تارىخىي رومان"، 152 - بەت) تارىخىي رومان ئەكس ئەتتۈرگەن رېئاللىقنىڭ ئۆتمۈش ياكى تارىخقا تەۋە بولۇشى سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي رومانلارغا قارىغاندا مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇنى رومانچىلىقتىن ئايرىم ژانىر قىلىپ قويالمايدۇ. گېئورگى لۇكاچ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: "تارىخ بىلەن ھەپىلىشىش يازغۇچىنىڭ ئالدىدا دائىم ئۆزىگە خاس ھەم ئالاھىدە خىزمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئالاھىدە مەسىلىلەرنىڭ ھېچقاندىقى تارىخىي ئەدەبىياتنىڭ مۇستەقىل ئەدەبىيات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئاساس بولالمايدۇ... تارىخىي رومان مۇمكىنچىلىكلىرى ۋە ۋاسىتىلىرى نۇقتىسىدىن روماندىن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇ ھەرقانداق ژانىر ياكى تارماق ژانىر ھاسىل قىلالمايدۇ. تارىخىي روماننىڭ ئۆتكەن تارىختىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت ئالاھىدە مەسىلىسى روماننىڭ ئومۇمىي شارائىتلىرى ئىچىدە ھەل قىلىنىشى كېرەك. خۇددى كىلاسسىك ئاپتورلارنىڭ ئەمەلىيىتى كۆرسىتىپ بەرگەندەك، روماننىڭ ئومۇمىي شارائىتلىرى مۇشۇ خىزمەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بارلىق زۆرۈر ئامىللارنى تەمىنلەيدۇ." ("تارىخىي رومان"، 132 - ، 152 - بەتلەر) لۇكاچنىڭ يۇقىرىقى تەھلىللىرى مۇھاكىمىمىزگە ماس ھالدا تارىخىي رومانچىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە رومانچىلىقنىڭ شەكىل ۋە ئىمكانىيەتلىرىگە تايانغانلىقى ھەم شۇڭا رومانچىلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، روماننىڭ شەكىل ۋە ئىمكانىيەتلىرى تارىخىي روماننى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شارائىتى ۋە ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكتىن، تارىخىي روماننىڭ ئۇتۇقلۇق چىققان ياكى چىقمىغانلىقى روماننىڭ بەدىئىي ئۆلچەملىرى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ.
    دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىن قارىغاندا، ئەدەبىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى تارىخىي رومانچىلىقنى كۆپ خىل ئۇسلۇب ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكتىن، تارىخىي رومانمۇ باشقا مۇنەۋۋەر رومانلارغا ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلار ۋايىغا يەتكەن بەدىئىي ئۇسلۇب بىلەن تارىخنىڭ ئىنتايىن مۇۋاپىق بىرىكىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىشى تارىخىي روماننىڭ يۇقىرى بەدىئىيلىككە يېتەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا رەددىيە بېرىدۇ. شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان رېئاللىق ھەققىدىكى رېئالىستىك رومان. مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلار مۇنەۋۋەر رومانچىلىقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يىلتىز تارتقان. مۇنەۋۋەر تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى رومانچىلىقنىڭ ئاللىقاچان ۋايىغا يەتكەن شەكىل ۋە بايان ئىمكانىيەتلىرى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرگەن.
    باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەدەبىياتىمىزغا تەتبىقلىساق، تارىخىي روماننى تارىخنىڭ ئۆزى دەپ قاراپ، يازغۇچىنىڭ تارىخقا مۇتلەق سادىق بولۇشىنى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۆلچىمى قىلىش، تارىخىي رومان يازغۇچىسىدىن تارىخقا خۇددى تارىخچىدەك سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىش نامۇۋاپىقتۇر. يۇقىرىدا تەھلىل قىلغىنىمىزدەك، روماننىڭ شەكىللىرى ۋە بەدىئىي ئىمكانىيەتلىرى يازغۇچىنى تارىخچى بەھرىمەن بولالمايدىغان ئەركىنلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا تارىخىي رومانغا باھا بېرىشتە يازغۇچىنىڭ ئاشۇ بەدىئىي ئىجادىيەت ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى بەدىئىي سەۋىيەسىنى ئۆلچەم قىلىش مۇۋاپىق، تارىخىي رومان بىلەن ئىجتىمائىي روماننىڭ مۇشۇ خىل مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، رومانلارنىڭ ئاللىقاچانلا بارلىققا كەلگەن بەدىئىي ئۆلچەملىرى تەبىئىي ھالدا تارىخىي رومانلارنىڭ بەدىئىيلىك ئۆلچىمى بولالايدۇ. ئەگەر ئىجتىمائىي رومان ئۆز دەۋرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە، تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان بىر دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئىجادىيەت جەريانلىرىدىكى ئوبراز يارىتىش، پېرسوناژلار ۋە ئۇلارنىڭ دىيالوگلىرىدىكى خاسلىق، بايان، تەسۋىرىدىكى جانلىقلىق قاتارلىق ئامىللار ئىجتىمائىي روماندا قانچىلىك مۇھىم بولسا، تارىخىي روماندىمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. تارىخىي روماننىڭ بەزى خاسلىقلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بەدىئىيلىك ئۆلچەملىرى تارىخىي ۋەقەلەرگە قارىغاندا تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالمايدۇ. تارىخىي رومانلاردىكى پېرسوناژلار خۇددى مۇنەۋۋەر رومانلارنىڭ پېرسوناژلىرىغا ئوخشاشلا جانلىق ۋە تىرىك بولۇشى ھەم يۇقىرى خاسلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت ۋە پائالىيەتلىرىمۇ مۇشۇ خاسلىق ئىچىدە داۋاملىشىشى، تارىخنىڭ ھەرىكىتى، تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىمۇ پېرسوناژلارنىڭ خاسلىققا ئىگە پائالىيەت ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشى كېرەك.

    تامام ! مەنبە: تارىم تورى

    分享到: