The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20170304113608/http://www.blogbus.com/azizturk-logs/246933234.html

ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى(1) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى(1)

     

    ئاپتورى: ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

     

    مەنبە: تارىم 2010-يىل 11-سان

     

    شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزىنىڭ 55 يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئىجادىيەتخاسلىقىنى بايقاش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇكەممەللىككە ۋە ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە قىلىشئۈچۈن توختىماي ئىزدەنگەن شائىر. شائىرنىڭ 50- 60 - يىللاردا يېزىلغان قوشاقشەكلىدىكى بالىلار شېئىرلىرى ۋە كۈچلۈك رومانتىزىملىق ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەنداستانلىرى بىلەن، كېيىنكى مەزگىللەردە يېزىلغان چوڭقۇر شېئىرىي ھىسسىيات ۋەپەلسەپىۋىي پىكىرلەرنىڭ يۇغۇرىلمىسى بولغان لىرىك شېئىرلىرى، مىللى كۈلتۈر ئېڭىبىلەن سۇغىرىلغان داستانلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق ۋە ھالقىششەكىللەندى.

    شېئىر ئىجادىيىتى بىر خىل بىلىش، ھىسسىيات، مەنا بىرلەشكەن ناھايىتىمۇرەككەپ مەنئىۋىي پائالىيەت، ئۇ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىيتەجرىبىلىرى ئۆزارا بىرلىشىپ كەتكەن «چۈشىنىشكىلا بولىدىغان، سۆزلەپ ئۇقتۇرغىلىبولمايدىغان» ئوبرازلىق تەپەككۈر پائالىيىتى. شېئىرنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىشائىرنىڭ ئىندۇۋىئاللىقى ۋە ھىسسىياتنىڭ ئومۇمىلىق، ئونۋېرساللىققا ئىگە بولۇشىدىنئىبارەت. بىر پارچە ياخشى شېئىر شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپلا قالماستىن يەنەشائىرلىق مەنئىۋىي سۈپىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بىلدۈرۈش ۋە قايتا تەكرارلىماسلىقتاكۆرىلىدۇ. شائىر ئەمگىگىنىڭ قىممىتى، ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنى، ئىجتىمائىلىقتىكىئەھمىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ نۇقتىدىن ئېيتقاندا شائىرنىڭئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە ئەسەر ياراتقان ياراتمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، كانتئىندۇۋۇداللىقنى ئىجادىيەت سوبېكتىنىڭ «بىرىنچى ئالاھىدىلىكى» دەپ قارىغان. ئىندۇۋىدۇئاللىق ئىجادىيەت خاسلىقىغا تەڭ ئەمەس، بىراق بىر روشەن ئىجادىيەتخاسلىقىغا ئىگە شائىرنىڭ ئەسىرى چوقۇم ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە بولغان بولىدۇ.ئىجادىيەت خاسلىقىنى بايقاش ۋە شەكىللەندۈرۈش ئاساسلىقى شائىرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىكئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە « ئۆزلۈك»ىنى تېپىشىدىن ئىبارەت.

    شائىر بۇغدا ئابدۇللاشېئىرلىرى شائىر ئۆزلىكىنىڭ ئېچىلىشىدىن ئىبارەت. بۇغدا ئابدۇللا زامانىمىزدىكىساناقلىق لىرىك شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ لىرىك شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاسئىجادىيەت يولى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرى ئالاھىدە خاسلىققا ۋەئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

    لىرىك شېئىرلارنىڭ تېمىسى ھەمىشە شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىتەرەپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لىرىك شېئىرلار ئىچكى مايىللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەمىشەشائىرنىڭ ئىچكى مەنئىۋىي سۈپەتلىرىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. شائىرنىڭ ئەمگىگى،ئاساسلىقى تۇرمۇشنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىكى ئوبرازلارنى ئەكس ئەتتۈرۈش، مەسىلە ئۇدىققەت قىلغان مول مەزمۇنلۇق كونكىرتنى تۇرمۇشنى شائىرنىڭ قەلبى ۋە روھىغائايلاندۇرۇش، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،شائىرنىڭ ھىس تۇيغۇسى ۋە ھالىتىنىكىتاپخاننىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

    شائىر بۇغدا ئابدۇللامۇ شېئىرلىرىنىڭتېمىسىنى خۇددى باشقا شائىرلارغا ئوخشاشلا كونكېرتنى تۇرمۇش زىمىنىدىن ئالىدۇ، شۇڭابۇغدا ئابدۇللامۇ ئىجادىيىتىدە تۇرمۇشنىڭ ئوبېكتىپ كۆرۈنۈشلىرىنى قايتائىپادىلەشتىن، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سوبېكتىپلىققا، قەلبلەشكەن كورۈنۈشلەرگە ئىگە قىلىشجەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن شائىر. شائىرنىڭ 50- 60 – يىللاردا يازغان نۇرغۇنشېئىرلىرى ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلەرنى قايتا ئىپادىلەش باسقۇچىدىن ئېشىپ كېتەلمىگەنشېئىرلار بولۇپ، شائىرنىڭ يېشى ۋە شائىرلىق ئېڭىدىكى چەكلىمىلىك، شۇنداقلاشېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى مەشق باسقۇچى بۇ شېئىرلار ھەققىدە ئايرىم باھاقويۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ شائىر بۇ مەزگىللەردە ئۆسمۈر شائىر بولۇشسۈپىتى بىلەن، بالىلارچە ساددىلىق ۋە گۈزەللىككە ئىگە شېئىر- داستانلىرى ئارقىلىقبالىلار ئەدەبىياتىمىزنى بېيىتقان، جۈملىدىن « چىك – چىك » قا ئوخشاش بالىلارشېئىرلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

    بۇغدائابدۇللانى شېئىرىيەت ئېڭىدا ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھالقىش ھاسىل قىلغان شائىردىيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- 60 – يىللىرى شېئىرىيىتىمىزدە سوتسىيالىستىكئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇشقا ماس بولغان كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭ ۋە مېلودىيە تەلەپ قىلىنغان ،شېئىرلارنىڭ قېلىپى « مەدھىيە ناخشىلىرى » دىنلا ئىبارەت بولۇپ، شېئىرنىڭ ئوبېكتىپكۈرەش تېمىلىرى ۋە جەڭگىۋار تۇرمۇش كۆرۈنىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ناھايىتى تەسئىدى. بۇ مەزگىللەر شېئىرنىڭ ئېستېتىك تۈسى ۋە تەسىرىدىن كۆرە، سىياسىي تۈسى ۋەمەدەنىيەت رولى تەكىتلەنگەن يىللار ئىدى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ 1964 – يىلى يازغان « چوغ » ناملىق شېئىرى بۇغدا ئابدۇللانىڭ شائىرلىق كىملىكىنىڭ ئۆسمۈر شائىردىنئۈمۈتلىكياش شائىرغا ئايلانغانلىقى شۇنداقلا شېئىرىيەت ئېڭىدا شېئىرنىڭ مەدەنىيەترولىنى ئەمەس بەلكى ئېستېتىك قىممىتىنى قوغلىشىدىغان شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپبەردى.

    «چوغ» شېئىرى يالغۇز بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرىيەت يولىدىكى شەخسىيكىملىكىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنى دەۋر قىلىپ بارلىققا كەلگەن «گۇڭگا شېئىرىيەت» ھادىسىسىنىڭ ئېستتېتىكمەنزىلىنىڭ بىر ئۇيغۇر شائىرى ئىجادىيىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى سۈپىتىدە مەزكۇرھادىسىسىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىزچىللىقى مەسىلىسىنى كۈزىتىشتەناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. « چوغ »ناملىق بۇ شېئىرنىڭ تېمىسى مەلۇم سىياسىي ياكىئىجتىمائى تېمىنى ئەمەس بەلكى شائىرنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىنى ئاساس قىلغان،سوبېكتىپلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ماكان، زامان ئۇقۇملىرى ئېنىق ئەمەس، كىتاپخانشېئىردا يارىتىلغان «چوغ »،  «قىز » قاتارلىق ئىماگلارنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆزىگە خاسشېئىرىي مۇھىتنى يارىتىدۇ. شېئىر ئۈچ تەبىئى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قارىماققايەككە مۇستەقىللىققا ئىگىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھەر بىر بۆلەكلەر ئارىسداقالدۇرۇلغان مەنا بوشلۇقى شېئىرىي پىكىرنى يەنىلا كۈچلۈك ئىچكى ئىزچىللىققا ئىگەقىلىدۇ. شېئىرنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بۆلەكلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئاساسىداتەشكىللەنگەن، شائىرنىڭ ئىچكى سېزىمى بويىچە تىزىلغان ئۇزۇن قىسقا مىسرالار بىردەئەۋجىگە كۆتىرىلىپ، بىردە پەسىيىپ، كىتاپخان ھىسسىياتىنى شائىر ھىسسىياتىغائەگەشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى بۆلەكتە «ھە راست / كۆيگەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولماس » مىسرالىرىلىرىك ھىسسىيات ۋە پەلسەپىۋىي تەپەككۈرنىڭ جانلىق يۇغۇرىلىشى ئارقىلىق كىتاپخانقەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.

    بۇغدا ئابدۇللانىڭ «چوغ» شېئىرىدىن كېيىنكىئىجادىيەتلىرىدە بۇ شېئىردا يارىتىلغان ئېستېتىك پەللە بەزىدە ئاشكارە بەزىدەيوشۇرۇن ئىپادىلىنىپ كەلدى. 1980 – يىللىرىغىچە يېزىلغان «دېڭىز»، «تەر»، «قەبرىستان»، «ئىلى يولى»، «ئاينى ئوينىتىپ»،  «ۋەتەن قوشىقى» قاتارلىق بىرتۈركۈم شېئىرلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋىي سەۋەپ نەتىجىلىك شېئىرىيەت قېلىپى مەلۇمدەرىجىدە تەكرارلاندى. 1974 – يىلى يېزىلغان «موللاتوختىيۈزىدە» شەكىل ۋە بەدىئىيتەشكىللەش نۇقتىسىدىن «چوغ» شېئىرىغا مەلۇم دەرىجىدە يانداشتى.

    بىر شائىرنىڭئىجادىيەتتىكى "ئۆزلۈك"نى تېپىش ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس. شائىر ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتائىجادىيەت خاسلىقىنى تەرەققى قىلدۇرىشى لازىم. بەلگىلىك خاسلىقنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگەبەلگىلىك يېتەرسىزلىكى بولىدۇ، بىر شائىر دەل بىر خىل چەكلىمە. ئەگەر شائىرئىجادىيەت داۋامىدا دائىم تەڭشەش، بۆسۈش، تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆزئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، ئاسانلا ئۆز كەمچىلىكى زورىيىپ، كېڭىيىپئاخىرىدا خاسلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ئىجادىيەتتىكى يامان ئۆسمىگە ئايلىنىپقالىدۇ. بەزى شائىرلارنىڭ سوبېكتىپ ئېڭى بەك كۈچلۈك بولغاچقا بۇ خىل پىسخىكھالەتنىڭ بەلگىلەش خاراكتىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇلار مەلۇم خىل ئىجادىيەت خاسلىقىنىشەكىللەندۈرسىلا تەڭشەش، بۆسۈش، ئۆزگىرىش، تەرەققىيات ياسىشىغا يول قويمايدۇ-دە،ئىجادىيىتى قېلىپلىشىپ، ئۈزلۈكسىز بىر خىل كىملىكنى تەكرارلاۋېرىدۇ. بۇغدا ئابدۇللائالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كىرگەندە ئالدىنقى مەزگىللىك ئىجادىيەتتەجرىبىلىرى ئاساسىدا بەلگىلىك ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى ۋە ئىجادىيىتىدە يېڭىچەتېما ۋە يېڭىچە شەكىللەرنى ياراتتى، شېئىرىي پىكىردە چوڭقۇرلۇققا ۋە پەلسەپىۋىلىككەئېرىشتى. شائىرنىڭ « دېڭىز ئۈستىدىكى چۈش »،« چاشقان شۇنداق دەيدىكەن» ، « دېڭىزيوپۇرماق، جانان »شېئىرلىرى شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېمىلىرىدىنئەپسانىۋىي، رىۋايەت، چۈش تۈسىدىكى دېتاللارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق مەلۇمشېئىرىي پىكىرلەرنى ئىپادىلەشكە قاراپ بۇرۇلۇشقا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، شائىر ئىجادىيىدە بۇ يىللاردا يەنىلا تەبىئەت، ئادەم، ھاياتلىق ھەققىدەچوڭقۇر ۋە ئۆزگىچە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن «ئانىجان – ئانىجان ياشىغىن ئۇزاق»، «ئانا»،«تۇرپان قەسىدىسى»، «گۈل ۋە مۇقامچى»، «ئەقىدە»، «مۇقام» قاتارلىق ئېسىللىرىكىلارمۇ يېزىلدى. بۇ شېئىرلارغا سىڭدۈرۈلگەن ھىسسىيات جانلىق ۋە تەبىئى بولۇپ،شائىرنىڭ ئۆزلىكىنى، ھىسسىياتىنى ئىپادىلەش شەكلى ئۆزگىچە. شائىرنىڭ ئۆزلىكى ۋەخاسلىقى بۇ شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن ئوبراز ۋە سىموۋۇللارغا سىڭىپ كەتكەن، سۈنئىلىكۋە ياسالمىلىقتىن خالى بولۇپ، شېئىرىي ھىسسىيات شائىرنىڭ كەچمىشلىرىدە ئەمەس، بەلكىشېئىرنىڭ ئۆزىدە قارار تاپقان. شائىرنىڭ «ئانا» شېئىرى شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشىبولۇپ، شائىر بىلەن تونۇشلۇقى بار كىشىلەر بۇ شېئىرنى شائىرنىڭ ۋاپادارلىقى بىلەنباغلايدۇ. ئەمىلىيەتتە،بۇ شېئىرنى ئېستېتىك نۇقتىدىن تەكشۈرگەن چېغىمىزدا شائىرنىڭبۇ شېئىرنى يازغان چېغىدا شەخسىي ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتىن، ئۆزلىكىنى سىڭدۈرۈشتىنكۆرە، بايان ۋە پىكىرگە كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شائىرنىڭ لىرىكانۇقتىسى بىرىنچى شەخس «مەن» ئەمەس، ئۈچىنچى شەخس «سەن» ئارقىلىق ئانىنىكۈزىتىدۇ. بۇ خىل بايان نۇقتىسى شائىرنىڭ شەخسىي كەچمىشلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپقېلىپ، ھىسسىياتنى ئاقما ھىساۋات شەكلىدە ئىپادىلەشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ھىسسىياتئانىنىڭ ئوبرازلىق سۆز –ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تۆھپىلىرى ئارقىلىق بارغانچەقېنىقلىشىپ ئەۋجىگە چىققاندىلا «مەن» يەنە بىر لىرىك ئوبراز سۈپىتىدە ئۈچىنچىشەخسنىڭ ھىسسىياتىغا ئورتاقلىشىدۇ. بۇ شېئىردىكى ھىسسىيات پەقەت ئىككى شەخسنىڭھىسسىياتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەمەس،كىشىلىك ئالماش «سەن» ۋە «مەن» نىڭھىسسىياتى بارغانچە چوڭقۇرلىشىپ ئۆملۈك ئالماش «بىز» نى شېئىرغا ئېلىپ كىرىدۇ. شېئىر ئىجادىيىتى شائىر مەنئىۋىي سۈپىتىنىڭ يېزىق ئارقىلىق بەلگىلەشكەن مەناقاتلىمىغا ئىگە بولۇشىدۇر. مەنا سوبېكتىپ، ئابىستراكىتنى بولۇپ، ئىچكى ئىدىيىۋىيھىسسىياتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە خاسلىقىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە ئېستېتىك قۇرۇلمىدىنئىبارەت. «ئانا» شېئىرىدىكى ئېستېتىك قۇرۇلما تۇراق – ۋەزىنلەرنىڭ كونتروللىقىدىنقۇتۇلۇپ چىققان،لېكىن شائىر سىرتقى رېتىمنىڭ تەسىرىگە ئەمەس، ئىچكى قەلب رېتىمنىڭئاۋازىغا ئەگەشكەن بولغاچقا شېئىر يەنىلا ئاھاڭدارلىق ۋە مۇزىكىدارلىققا ئىگەبولغان. يەنە بىر تەرەپتىن شېئىردا تەكرارلاشتىن ئىبارت بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇلىئارقىلىق ئېستېتېكىلىق گۈزەللىك يارىتىلغان. شېئىردا سۆز، مىسرالار ئارقىمۇئارقا، ياكى بىرقانچە مىسرا، كوبلېتلار تەكرارلىنىپ كېلىپ، پارالېل شېئىرىي قۇرۇلماشەكىللەندۈرۈپ، شائىرنىڭ قەلب رېتىمىغا جۆر بولۇش بىلەن بىللە، ھىسسىياتنى تېىخىمۇياخشى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شېئىردا ئانا ئوبرازىنى تېخىمۇمۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق ئېغىز ئەدەبىايتىغا تەۋەخاسىيەتلىك سانلار ۋە ئۇدۇم چۈشەنچىلەر شېئىرنىڭ ئېستېتىك كەڭلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بۇشېئىردىكى ھىسسىياتنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشى ئىشىنەرلىك بولۇپ، بارغانسېرىكېڭىيىۋاتقان مەنا قاتلىمى ۋاقىت، يەر شارى، ئىنسانىيەت ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. «ئانا» شېئىرى پەقەت يۈكسەك مەناقاتلىمىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شېرىي شەكىل ۋە ئىپادىلەشئۇسۇللىرى نۇقتىسىدىنمۇ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

     

    分享到: