The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20170304113406/http://www.blogbus.com/azizturk-logs/247205593.html

ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-03

    تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(1) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(1)

     

     

    ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 12-سان

     

    تارىخىي رومان بىر دۇنياۋى ئەدەبىيات ھادىسىسى بولۇپ، باشقا ئەللەردە تارىخىي رومان ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى ئىزدىنىش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي رومان قىزغىنلىقى كىشىلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر ھادىسىدۇر. ھازىرغىچە بىزدە كۆپلىگەن تارىخىي رومانلار نەشر قىلىندى، ئەمما تارىخىي رومان بىر يېڭى ھادىسە بولغانلىقتىن، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتمۇ ھازىر باشلانغۇچ ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. باشقا ئەللەر ۋە خەلقلەر ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلاردا بۇ ھادىسە بالدۇر بارلىققا كەلگەن، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىمۇ بۇرۇن باشلانغان. شۇڭا ئۇلار تارىخىي رومانچىلىقتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ۋە يېتىشكە تېگىشلىك ئۆلچەملەر ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات تەجرىبىسى بىلەن تونۇشۇش، ئۇلار دۇچ كەلگەن ۋە ساقلىنىشقا تىرىشقان مەسىلىلەردىن خەۋەردار بولۇش بىزنىڭ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات   تەجرىبىلىرىمىزنى بېيىتىدۇ.تارىخىي ئەسەرلەردىكى بەدىئىيلىك بىلەن تارىخىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش تارىخىي رومان تەتقىقاتىدىكى ئاساسلىق مەسىلىدۇر. چۈنكى، تارىخىي روماننى تارىخنىڭ ئۆزى دەپ قارىۋېلىش ۋە تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنىڭ مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەرگە بولغان ساداقەتمەنلىكى نۇقتىسىدىن ئۆلچەش ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخىي ئەسەرلەرگە بولغان تەلىپى ۋە زوقلىنىش دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىسىدىن خەۋەردار بولۇش يازغۇچى ۋە تەنقىدچىلەرلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوقۇرمەنلەر نۇقتىسىدىنمۇ مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
    ئوكسفورد ئەدەبىي تېرمىنلار قىسقىچە لۇغىتى“ (99 - بەت)دە تارىخىي رومانغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: "روماندىكى پائالىيەت مەلۇم تارىخىي دەۋردە ھەم ئەسەر يېزىلىۋاتقان ۋاقىتتىن خېلى بۇرۇن (ئادەتتە بىر ياكى ئىككى دەۋر، بەزىدە بىر قانچە ئەسىر بۇرۇن) يۈز بەرگەن ھەم شۇ دەۋرنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن روماننى كۆرسىتىدۇ." بۇ تەبىردە ئىخچام ۋە ئېنىق ھالدا تارىخىي روماندا ئەكس ئەتكەن دەۋرنىڭ ۋاقىت چېگراسى نۇقتىسىدىن تارىخىي رومان ئۇقۇمى ئىزاھلانغان. ئەمما، بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي روماندا ئەكس ئەتكەن رېئاللىققا ئېنىق ۋاقىت چېگراسى بەلگىلەپ بېرىشنىڭ قىيىنلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن: دان ئۇنگرىيانو ئۆزىنىڭ "تارىخنى پىلانلاش −− ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى رۇس تارىخىي رومانلىرى" ناملىق مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرىدە ئاشۇ خىل قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دېگەن: "تارىخىي رومانلارنى ھازىرقى تۇرمۇش ھەققىدىكى رومانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خىرونولوگىيەلىك يۇقىرى چېگراغا (ۋاقىت چېگراسىغا) تەبىر بېرىش قىيىن. يەنە بىر تەرەپتىن، بىر روماننى ئوڭايلا"تارىخىي رومان" دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويىدىغان، تەسۋىرلەنگەن پائالىيەت يۈز بەرگەن پەيت ۋە شۇ پەيتنىڭ ۋاقىت دائىرىسىگە ئاساسلانغان دەل فورمۇلا يوق." مۇشۇ خىل قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن، دان ئۇنگرىيانو تارىخىي رومان ئەكس ئەتتۈرگەن دەۋرگە ۋاقىت نۇقتىسىدىن مۇنداق ئىزاھ بەرگەن: "شۇنىسى تېخىمۇ مۇھىمكى، روماندىكى پائالىيەت دەۋرداشلار تەرىپىدىن باشقا دەۋر دەپ قارالغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇشى كېرەك." ("تارىخنى پىلانلاش"، 11 - بەت) ئۇنىڭ تەبىرى باشتا نەقىل ئېلىنغان تەبىرگە قارىغاندا مۈجمەل تەسىر بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ تارىخىي روماندا ئەكس ئەتكەن دەۋرگە ئېنىق ۋاقىت چېگراسى بېكىتىپ بېرىشتىن ساقلانغان، مۇشۇ خىل ئېنىقسىزلىقنى كۆزدە تۇتقان ئەھۋالدا تارىخىي رومانغا مۇنداق تەبىر بېرىش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن: رومان يېزىلغان دەۋردىكى كىشىلەر تەرىپىدىن باشقا دەۋرگە تەۋە دەپ قارالغان ۋەقەلىكلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىر تارىخىي دەۋرنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن رومان تارىخىي روماندۇر.
    تارىخىي روماننىڭ تەبىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئەگەر ئادەتتىكى مەنىدىكى رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومانلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى، پىسخىكىسى ۋە ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە، تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان بىر رېئاللىقنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى، پىسخىكىسى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، تارىخىي رومانغا ئۇنى روماندىن پۈتۈنلەي ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان تەبىر بەرگىلى بولمايدۇ. "رولىج ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي تەنقىد ئېنسىكلوپېدىيەسى"دە ئامېرىكىلىق ئەدەبىي تەنقىدچى خاررى شاۋ تارىخىي روماننىڭ تەبىرىنىڭ روماننىڭ تەبىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئېنىق پەرققە ئىگە بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق سوئال قويىدۇ: "تارىخىي روماننىڭ ئومۇمىي سالاھىيىتى نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر تۇراقسىز بولىدۇ؟" ئارقىدىنلا ئۇ بۇ خىل ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ بىر سەۋەبى شۇكى، تارىخىي رومان ئۆزىگە خاس شەكىل بايلىقلىرىدىن مەھرۇم، ئۇ ھەر دائىم روماننىڭ شەكىللىرىگە تايىنىدۇ." تارىخىي روماننىڭ تەبىرى ۋە ئۇنىڭ ژانىر تەۋەلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئېنىق بولماسلىقى ھەققىدىكى قاراشلار ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇ ژانىرغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومان ئۆز دەۋرىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرسە، تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا، تارىخىي رومان ئەمەلىيەتتە رېئالىستىك روماننىڭ شەكىل ئۇسلۇبلىرىغا تايىنىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدا تارىخىي رومان توغرۇلۇق مەخسۇس ئىزدەنگەن گېئورگى لۇكاچ "تارىخىي رومان" ناملىق ئەسىرىدە، تارىخىي روماننىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق توختالغاندا تارىخىي رومان بىلەن رېئالىستىك روماننىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىگەن. لۇكاچنىڭ كۆرسىتىشىچە، شوتلاندىيەلىك يازغۇچى ۋالتىر سىكوتنىڭ تارىخىي رومانلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، ھەقىقىي تارىخىي رومانلار دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ۋالتىر سىكوتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن ئەنگلىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. دان ئۇنگرىيانونىڭ رۇس تارىخىي رومانلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋالتىر سىكوتنىڭ تارىخىي رومانلىرى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن رۇس ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومان ھادىسىسى مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن رومانلارنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ۋە بۇ ئەدەبىيات ھادىسىسىنىڭ پۇشكىننىڭ »كاپىتان قىزى«، تولستوينىڭ »ھاجى مۇراد« ۋە »ئۇرۇش ۋە تىنچلىق« قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. روشەنكى، ۋالتىر سىكوتنىڭ تارىخىي رومانلىرى پۈتكۈل ياۋروپادا تارىخىي رومانلارنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقىشىغا باشلامچى بولغان. رۇس تارىخىي رومانلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىمۇ ئۇنىڭ تارىخىي رومانلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    لۇكاچنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تارىخىي رومان رېئالىستىك ئىجتىمائىي روماندىن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ نۇقتىنى ئۇ ماركس پەلسەپىسىنىڭ تەھلىل قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بارلىق ئۇلۇغ ئەسەرلەر ئەمەلىيەتتە رېئالىستىك ئەسەرلەردۇر، ئەمما رېئالىستىك ئەسەرلەرنىڭ نامايەندىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپلىشىپ بارغان، بۇ خىل ئۆزگىرىش رېئالىزملىق ئەنئەنىگە يېڭى مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلگەن. يەنى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىش تەبىئىي ھالدا شۇ رېئاللىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىمەكچى بولغان رېئالىستىك ئۇسلۇبتىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە رېئالىستىك ئۇسلۇبمۇ بارا - بارا ۋايىغا يېتىشكە باشلىغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى رېئالىزم ئېقىمىدىكى ئاپتورلاردىن شۇ خىل مۇرەككەپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە تەلەپ قىلغان. لۇكاچنىڭ قارىشىچە، رېئالىستىك ئۇسلۇب ۋايىغا يەتكەندىن كېيىن تارىخىي رومانلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. تارىخىي رومانلار كىشىلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، تارىخىي رومانلار ئارقىلىق ئاپتورلار ئۆز دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەم يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن تارىخىي ئامىللارنى رېئالىستىك ئۇسلۇبتا ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. لۇكاچنىڭ تەتقىقاتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىخىي رومان رېئالىستىك روماندىن ئايرىلىپ چىققان، مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلار بولسا، رېئالىزمنىڭ ۋايىغا يەتكەن ئۇسلۇبلىرى ئارقىلىق تارىخقا ئايلانغان رېئاللىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەكس ئەتتۈرگەن رومانلاردۇر.
    گەرچە تارىخىي رومان رېئالىستىك ئىجتىمائىي روماندىن ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن رېئاللىق تارىخقا تەۋە بولغانلىقتىن تارىخىي رومان يەنە بەزى ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. تارىخىي رومانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئۇ ئاساسەن مەلۇم شەكىلدە ساقلانغان ۋە داۋاملاشقان تارىخ بىلىملىرىگە تايىنىدۇ. يەنى، تارىخىي رومان باشقا دەۋردىكى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكتىن، ئاغزاكى، يازما ماتېرىياللار ۋە يازغۇچى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخىي كەچمىشلەرنى مەنبە قىلىدۇ. قىسقىسى، تارىخىي ۋەقەلەر كۆپ ئەھۋاللاردا ھەر خىل شەكىلدە ئالدىنئالا تەييار ھالەتتە مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بىزنىڭ تارىخىي رومانچىلىقىمىزدىن قارىغاندا، »تارىخى رەشىدىي«، »تارىخى ئەمىنىيە«، »تارىخىي ھەمىدىيە« قاتارلىق مۇنەۋۋەر تارىخىي ئەسەرلەر ۋە ھازىر تىلىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ۋە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تارىخ تەتقىقات ئەسەرلىرى، شۇنداقلا يازغۇچىلار (مەسىلەن: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر قاتارلىق يازغۇچىلار)نىڭ تارىخقا ئايلانغان كەچۈرمىشلىرى تارىخىي رومانلار ئۈچۈن مول مەنبە بولۇپ كەلدى. ئومۇمەن بۈگۈنكى دەۋر نۇقتىسىدىن ئالغاندا، تارىخىي بىلىملەرنىڭ ئومۇملىشىشى، تارىخ تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە بۇ جەرياندا بەزى تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلىشىشى تارىخىي رومان ئاپتورلىرىنى ئىلگىرىكى ئاپتورلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخىي ۋەقەلەر كۆپىنچە قېلىپلاشقان، خۇلاسىلەنگەن ۋەقەلەر بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى زور قىزىقتۇرۇش ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. كىشىلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى، يەنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان، ئۆتكەن، تارىخقا ئايلانغان بىر دەۋرنىڭ ھەرىكىتى ۋە يۆنىلىشىگە بولغان قىزىقىشى ئۇلارنىڭ تارىخىي رومانلارنى يېزىش ۋە ئوقۇش قىزغىنلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يىغىنچاقلىغاندا، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ھەر خىل شەكىللەردە تەييار ئۇچرىشىشى، كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن ئويغانغان تارىخ تۇيغۇسى سەۋەبلىك تارىخىي بىلىملەرنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللار تارىخىي رومانلارنى ئادەتتىكى ئىجتىمائىي رومانلارغا ئوخشىمىغان ھالدا تەييار ھەم قىزىقارلىق ۋەقەلىك زاپىسىغا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان.

    分享到: