The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20170304123239/http://www.blogbus.com/azizturk-logs/246932911.html

ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    تاغ بار يەردە چوققا بار(6) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تاغ بار يەردە چوققا بار(6)

     

    (ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقتويى خاتىرىسى)

     

    ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

     مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان

    (ئەدەبىي خاتىرە)

    ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەبۇ رەيھان بىرونى نامىدىكى مەشھۇر شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان قول يازمىلار ئاساسىدا )1952- 1975( يىللاردا ئون توملۇق كىتابلار كاتولوگى ئىشلەنگەن بولۇپ، 1980- يىلى 31- دېكابىرغىچە بولغان مەلۇماتلارغا كۆرە، بۇلار ئىچىدە نەۋايى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن 175جىلد قول يازمىنىڭ بارلىقى ۋە بۇنىڭ تەركىبىدە شائىر 24پارچە ئەسىرىنىڭ 254نۇسخىسى كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان )يۇقىرىقى كىتاب، 4 - بەت(. دېمەك، ئابدۇرېھىم مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي كۈللىياتى مەزكۇر فوند )يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا »قۇتادغۇبىلىك« نىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرچە كۆچۈرۈلگەن ئەسلىي بىر نۇسخىسىمۇ بۇ ئىنستىتۇتنىڭ نادىر كىتابلار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋېتىپتۇ(قا جەمئىيلەنگەن نەچچە ئون مىڭ پارچە قول يازمىنىڭ، جۈملىدىن، مەن شۇ تاپتا ئۈستىدە ھەيران بولۇپ تۇرغان »دىۋان نەۋايى« نىڭمۇ سەرخىلى ئىدى. بۇ تەۋەررۈك بايلىقنى ئالدىنقى ئەسىرلەردە جەنۇبىي شىنجاڭدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان رۇسىيەلىكلەر ئېلىپ كەتكەن ياكى ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوف ئېيتقاندەك 1958- يىلى ئابدۇرېھىم فازىل كاشغەرىينىڭ ئەۋلادلىرى سوۋېتلىققا سېتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنى كىتابەت ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولاتتى. شۇل دەقىقىلەردە تەسەۋۋۇرۇم قاناتلانماقتا، ھاياجانلانماقتا ئىدىم. ئەگەر سېھىرگەرلەردەك كارامەت كۆرسىتىپ، ھازىر ئىككى كىتابنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويالىغان بولسام ياكى بۇ ئادەملەر ھازىر شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى - ھە! ساغلام ھېسسىياتقا ئىگە ئادەم سۈپىتىدە شۇ تاپتا ئەجدادىمدىن خىيالەن پەخىرلىنىپ، لەۋلىرىم »مەن قەشقەردىن كەلگەن« دېگەن سۆزنى ئەتراپتىكىلەر ئۇقۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە پىچىرلىماقتا، بۇ سادا كۆڭۈل قەپىسىمدە ياڭرىماقتا ئىدى...

    تاشكەنتتە ئۆتكەن گۈزەل ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈنۈم ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى. لېكىن كېچىچە بۈگۈنكى كۆرگەنلىرىمگە ئۆتكەن بىر ئەسىردە رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە قىلىنغان ئىشلار توغرىسىدىكى خىياللىرىم ئۇلىنىپ، گويا ياتىقىم دېرىزىسىگە ئېسىلىپ تۇرغان ئاي بىلەن ئۇيقۇدىن بىدار ئۈنسىز مونولوگلاشماقتا ئىدىم...

    دۇنيادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى، كېلەچىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشى بۇرۇنراق باشلانغان، ئۇلار تەجرىبە ۋە ئەقىلغە تايانغان. جۈملىدىن رۇسلارمۇ شۇنداق. رۇسلارنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى باشقا ياۋروپا ئالىملىرىغا ئوخشاش 19- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قولغا ئېلىغان. I.N. بېريازىننىڭ »تۈرك خىرىستوماتىيەسى« ناملىق نوپۇزلۇق ئەمگىكى رۇسىيەدە تۇنجى قېتىم نەۋايى مىراسىدىن نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار نەۋايىنى ئىلمىي ساھەدە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. رۇس ئالىمى M. نىكىتسكىي 1856- يىلى تۇنجى بولۇپ »ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر، ئۇنىڭ دۆلەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەھمىيىتى« ماۋزۇسىدىكى چوڭ ھەجىمىلىك ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى يېزىپ، شائىرنىڭ سىياسىي پائالىيىتى، مەدەنىيەت تۆھپىلىرى، شۇنداقلا تۈركىي تىل تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىغان. 1868- يىلىغا كەلگەندە رۇس شەرقشۇناسى V. ۋىليامىنوف. زېرنوف سانت − پېتىربورگدا 16- ئەسىردىكى ئالايى بىننى مۇھىبىي تۈزگەن »ئەل لۇغەت ئۇن - نەۋايى يات ۋەل - ئىستىشھادەت ئول - چىغاتائىيات« ناملىق لۇغەتنىڭ رۇسچە نەشرىنى روياپقا چىقارغان. ئارقىدىنلا I.N. ئىلمىنسكىي شائىرنىڭ »مۇھاكەمەت ئۇل - لۇغەتەين«ئەسىرىنى تېرەن ئىلمىي تەھلىل بىلەن رۇسچە نەشر قىلدۇرغان. گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شورالار ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا نەۋايى ئەدەبىي مىراسىغا نىسبەتەن بەزى ئىنكارچىلىق قاراشلار ساقلىنىشتىن قەتئىينەزەر، نەۋايىنىڭ بىيوگرافىيەسى، بەدىئىي ۋە ئىلمىي مىراسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلىنىپ تۇرغان. 1926- يىلى ھىجرىيە ھېسابىدا شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500يىللىقى )845- 1345( مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا »نەۋايى« ماۋزۇسىدا ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. B.B. بارتولد مەزكۇر كىتابتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ۋە تولۇقلاپ، 1928- يىلى »مىر ئەلىشىر« توپلىمىنى رۇس كىتابخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. مەزكۇر توپلامدىكى بارتولدنىڭ »مىرئەلىشىر ۋە سىياسىي ھايات«، B.B. بېرتېلسنىڭ »نەۋايى ۋە ئەتتار« ناملىق ماقالىلەر نوپۇزلۇق ئەسەرلەر بولۇپ، ئاۋۋالقىسىدا شائىرنىڭ ھاياتى ۋە دەۋرىگە ئائىت يېڭى مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، كېيىنكىسىدە بېرتېلس بارتولدتىنمۇ ساغلام پوزىتسىيە بىلەن شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە سوپىزم بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، نەۋايى دۇنيا قارىشى ھەم ئىجادىيىتىنى ئۆز دەۋرىگە قويۇپ تەتقىق قىلىشتەك ئىلمىي كەيپىياتقا يول ئاچقان.

    سابىق سوۋېت ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ 1938- يىلى ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 500يىللىقىنى 1941- يىلى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىشى نەۋايىشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ۋە ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشىغا سەۋەب بولغان. گەرچە 1941- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2 - جاھان ئۇرۇشى جەڭگاھلىرىغا ئايلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىش كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن ئۇرۇش مەزگىلىدە چىقىرىلغان بۇ مەردانە قارار ئۆزبېك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن. نەۋايى تەتقىقاتى بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى قامال−دىكى سانكت - پېتربورگدا 1.A. ئوربېلى، 1.Y.كراچوۋسكىي، A.K. باراۋكوف، A.E. ياك−ۇب−وۋسكىي، A.A. سېمېنوف، A.N. بولدىرېف، A.N. كونونوف، B.B. پىئوتروۋسكىي، B.1. رۇدېنكو قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى ۋە بۇ ئالىملارنىڭ »ئەلىشىر نەۋايى« ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1946- يىلى لېنىنگىراتتا نەشردىن چىقتى. 1948- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا ئۇرۇش تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ 500يىللىق تويى پۈتۈن ئىتتىپاق مىقياسىدا نەۋايىشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىش مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. بۇ ۋاقىتقا ۋەكىل قىلىپ بېرتېلسنىڭ شائىرنىڭ »سەددى ئىسكەندەرىي« داستانى ئاساسىدىكى »ئالېكساندىرنىڭ مۇھەببىتى«، »نەۋايى« ناملىق مەخسۇس ئەسەرلىرىنى؛ M.Eماسساننىڭ »ھېراتنىڭ 15- ئەسىردىكى تارىخىي توپوگرافىيەسىگە دائىر« ناملىق رۇس تىلىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. 1968- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە تاشكەنت شەھىرىدە نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 527يىللىقى نىشانلاندى. دۇنيا تىنچلىق كېڭىشى مەزكۇر ئالەمشۇمۇل خاتىرىگە يوللىغان بېغىشلىمىسىدا »نەۋايىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلىتى، ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە ئىلھامبەخش ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ« دەپ بېغىشلىما ئەۋەتتى. بۇنداق تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شائىر بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا ئون توملۇق قىلىپ نەشر قىلىنىشى ۋە رۇس تىلىدىكى 200توملۇق مەشھۇر »جاھان ئەدەبىياتى« مەجمۇئەسىنىڭ بىر جىلدىنىڭ مەخسۇس نەۋايى مىراسىغا بېغىشلىنىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەۋايىشۇناسلىقنى دۇنياۋى ئىلىمگە ئايلاندۇرغانلىقى ۋە بۇ پەننىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكىنى نامايان قىلغان. ئۆزبېكىستاندا نەۋايىنى ئىلمىي ۋە ئاممىباب يوسۇندا ئۆگىنىش ئىشلىرى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىن ۋاقىتلىرىدا جانلانغان. بۇ دەۋردە شائىرنىڭ دەۋرى، ھاياتى، ئىجادىنىڭ بىر پۈتۈن ۋە ئايرىم تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم ئاممىبابلاشتۇرۇشتا ئالىم شەرەپىدىنوف، مەقسۇت شەيخزادە، خەمىت ئالىمجان، غاپۇر غۇلام، توختاسىن جەلىلوف قاتارلىق ئالىملار جان پىدالىق كۆرسەتكەن بولسا سەدىردىن ئەينى، مۇسا تاشمۇھەممەد ئوغلى ئايبېك، ئۇيغۇن، ئابدۇراھمان سەئىددى ۋە ئىززەت سۇلتانلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ گەۋدىلىك بولغان. يەنە غۇلام كەرىموف ۋە ۋاھىد ئابدۇللايېف كەبى ياش تالانتلار يېتىشكەن.

    بۇ باسقۇچقا ۋەكىل قىلىپ خەمىت ئالىمجاننىڭ »ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە«، »پەرھاد - شېرىن«، »نەۋايى ۋە خەلق«، »نەۋايى ۋە زامانىمىز«، »نەۋايى ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ ياراتقۇچىسى« قاتارلىق ماقالىلەرنى؛ ئايبېكنىڭ شائىرنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرىنى تۇنجى شەرھلەپ يازغان »نەۋايىنىڭ دۇنيا قارىشىغا دائىر« ناملىق ئەمگىكىنى، شەرىپىدىنوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايى«، شەيخزادىنىڭ »گېنىئال شائىر« لارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار نەۋايىشۇناسلىق بويىچە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىزدەنگەن. تىلشۇناس ۋە يېزىقشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن پەرساخان شەمسىيېف، سەلھ مۇتەللىپوفلار تېكستولوگىيە پېنى پىرىنسىپلىرى بويىچە شائىرنىڭ بىر قانچە ئەسىرىنىڭ لاتىنچە نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نەۋايىشۇناسلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغان. زامانىۋى ئۆزبېك پېنىنىڭ پېشۋالىرىدىن بولغان بۇ ئالىملار ھەممىنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن شائىر ئەسەرلىرىنىڭ لۇغىتىنى ئىشلەپ تارقاتقان. نەۋايىنىڭ 1948- يىلىدىكى 500يىللىق تۇغۇم تويىغا ئاتاپ نەشر قىلىنغان »ئۇلۇغ ئۆزبېك شائىرى« ناملىق ئۆزبېكچە، رۇسچە توپلام سەۋىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلىدۇ. توپلامدىكى يەھيا غۇلامنىڭ »نەۋايىنىڭ دەۋرىنى ئۆگىنىش ھەققىدە« ۋە »15- ئەسىردىكى ئاسىيا شەھەرلىرىدە بىنالار تۈركۈمى ئەنئەنىسى«؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماسساننىڭ ئەسىرى، نەبىيېفنىڭ »15- ئەسىردىكى ماۋارەئۇننەھرنىڭ سىياسىي - ئىقتىسادىي ھاياتىدىن«، ئايبېك ۋە دېچنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئىدىيەلەر دۇنياسى«، باھىد زاھىدوفنىڭ »نەۋايىنىڭ بەزىبىر ئىجتىمائىي - سىياسىي قاراشلىرى« ۋە »لىسانۇت تەير پەلسەپىسى ھەققىدە«، ھادىزارىفنىڭ »لۇتفى ۋە نەۋايى«، شەيخزادىنىڭ »نەۋايىنىڭ لىرىك قەھرىمانى ھەققىدە«، شۇنداقلا تاجىك مۇتەپەككۇرى ئەينىنىڭ »نەۋايى ۋە تاجىك ئەدەبىياتى« قاتارلىق ئەسەرلەر چاغاتاي دەۋرى تارىخى ۋە تۆمۈرىيلەر زامانى ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخىنى ئۆگىنىشكە قوشۇلغان زور تۆھپە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نەۋايىشۇناسلىقتىكى نامايەندە خاراكتېرلىك تەتقىقاتلار سانىلىدۇ.

     

    分享到: