-
2012-01-23
غەزەللەر - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
غەزەللەر
ئابدۇلئەھەد قادىرى (ئەھەدى)
(1)
بىرسۇئال غەليان قىلۇر: سەن نېمە، ئەشئار نېمە ؟
سەن ياراتتىڭمۇ ئۇنى، ياكى ئەزەلدىن بار نېمە ؟
كىملىكىڭدىن بىخەۋەر كەلگەي قاياندىن ئۆزلۈكۈڭ ؟
سەن ئوغۇزنىڭ پۇشتىدۇرسەن، بۇ ھامان ئاشكار نېمە .
چىڭقىلىپ يازساڭ نەزىم چايقايدۇ باش قەۋمىڭ نېچۇن ؟
يازمىشىڭ - يارالمىشىڭغا بەلكى زىت، ئىنكار نېمە .
نەزمە - گۈلكىم، ئۆزى ئۆسكەن باغقا مەنسۇپ بولمىسا ،
ئەرزىمەس توزغاق ئېرۇر، بولغان بىلەن رەڭدار نېمە .
سەن شېئىرنى ھەرنېمە دەپ كەلسە -كەلمەس جۆيلىمە ،
ئۇ ساڭا جانۇ- جاھاندۇر، گاھ ئۆزۇڭگە دار نېمە .
يازمىشىڭ ئەجداتنى شاد، پۇشتۇڭنى خۇرسەن ئەتمىسە،
بول ئاگاھ، «مەن شائىرى ئەلنىڭ ...» دېيىش دىشۋار نېمە .
ئەي ئەھەدى ، سەن ئۆزۈڭگە ئاسما لەۋھە ئالدىراپ ،
كىملىگىڭ قەبرە تېشىڭدا بولغۇسى ئىزھار نېمە!
(2)
يىغلىسا ئەل ياش تۆكۇپ تەڭ، كۈلسە كۈلمەك ياخشىدۇر،
ئىزدىسەڭ كۆيمەك ئاۋال ئول جانغا كۆيمەك ياخشىدۇر .
بۇ جاھانغا بىر كېلىپ كەتمەك ئەمەستۇر مۇددىئا،
نە ئۈچۈن كەلدىڭ، نېچۇن كەتمەكنى بىلمەك ياخشىدۇر .
جاننى ئوۋلايدۇ ئەجەل، توختايدۇ بىر كۈن تىنىقىڭ ،
ھەر تىنىقنىڭ بەھرىدىن بىسيار سۆيۇنمەك ياخشىدۇر .
بۇ ئىشىق بازارىنىڭ تەلۋە خىرىدارى تولا،
مىڭنى سۆيگەندىن كۆرە بىرگە سۆيۈلمەك ياخشىدۇر .
مەيلى شاھ بول يا گاداي، تۇتقىن ئۆزۇڭگە ھەقنى يار،
ئەغيارىلەرگە سانجىلىپ دوستقا يۈكۈنمەك ياخشىدۇر .
پانىي دۇنيا مىسلى بىر تۈپ بۈك باراقسان ئۈجمىدۇر ،
يىگىلەپ يوق بولغىچە شاختىن تۆكۈلمەك ياخشىدۇر .
ئەي ئەھەدى، بىئەمەل كۆپ ئىشقى - پەريات ئەيلىمە،
ۋەھكى، ئۆلمەستىن بۇرۇن مىڭ بارە ئۆلمەك ياخشىدۇر ...
(3)
بىلىپ ئوتقا ئۆزىن ئۇرغان گويا پەرۋانىدۇر كۆڭلۈم ،
ساماۋى بىر گۈزەل قىسسىسە ۋەيا ئەپسانىدۇر كۆڭلۈم .
توسۇن ئاتتەك تۇتۇق بەرمەي چېپىپ ھەريانە - ھەريانە ،
ئۆزى تاپقان بالالارغا ھامان ھەيرانىدۇر كۆڭلۈم .
قولۇلە قارنىدا پىنھان ياتارمىش ئۈنچە - مەرۋايىت ،
دېمەڭكىم ، سىرتىدىن داشقال ، ئىچى دۇردانىدۇر كۆڭلۈم .
كىيىپ جەندە كۇلاھ، چالسام ساپايى كۆپ ئەيىپ ئەتمەڭ ،
جۇدالىق دەشتىدە سەرسان ، غېرىپ دىۋانىدۇر كۆڭلۈم .
پايانسىز كەڭرى بىر ئالەم ، سىغار ئالەمگە مىڭ ئالەم ،
بىراق ، ئارتۇق ئازار سىغماس كىچىك بىر خانەدۇر كۆڭلۈم .
ئىكەنمەن ئاقكۆڭۈل ، ساددا نېتەي قالسام يامان ئاتقا ،
ئۆزۇمدەك ئۆزگىنى چاغلاپ ئەجەپ ۋەيرانىدۇر كۆڭلۈم .
ئاۋايلاڭ ، تەلۋە نىمجاننىڭ جانان پىيالەسى نازۇك ،
ئۇنى چۇل - چۇل قېلىۋەرمەڭ ، ئاران بىر دانەدۇر كۆڭلۈم !
(4)
مېنى يەتكۈز مۇھەببەتنىڭ ۋىسال بوستانىغا يا رەب ،
ۋەيا قوشقىن يەنە بىر باب ئىشىق داستانىغا يا رەب .
ۋاپادار ئەھلى ۋىجدانغا رىزامەن مۇپتىلا قىلساڭ ،
دۇچار قىلما بىراق ئارسىز پالان - پۇستانىغا يارەب .
قوياش، ئاي قىلمىساڭ مەيلى ئۆچەي ھېچ بولمىسا چاقناپ ،
ھۈكەر قىل نۇر تۆكەي يارنىڭ كۆڭۈل ئاسمانىغا يارەب .
ياراتتىڭ كەڭرى ئالەمنى بېرىپ بەندەڭگە دىت- پەمنى ،
قويۇپ چەك بەك ئەجەپ قىلدىڭ ئۆمۇر پەيمانىغا يارەب .
باھارىم كەتتى ، كۈز كەلدى يېتەلمەي ۋەسلى ئىمكانغا ،
نە بولغاي بىر چۈمۈلدۈرسەڭ مىھىر پونتانىغا يارەب .
ۋاپاسىز ناجىنىسلارنىڭ بېشىغا قىلغىچە زەر تاج ،
بۇسۇق ساقلايدىغان ئىت قىل ئىشىق سۇلتانىغا يارەب .
مۇھەببەت دەشتىدە جاننى تەسەددۇق ئەيلىدى نىمجان ،
ئىنايەت ئەيلىبان يەتكۈز ئۇنى ئارمانىغا يارەب.
(5)
ھاياتلىق قەۋمىدە بولغان ئۇچۇن سەن ، مەنمۇ ھەم بار مەن ،
مىگەر يوقسەن ، شۇئان جاننى نىسار ئەتمەككە تەييارمەن .
ياشاشتىن مۇددىئايىم شۇ - سېنىڭ ۋەسلىڭنى قۇچماغلىق ،
بۇ يولدا كەچمىسەم جاندىن نىچۇك ئاشىققا ئوخشارمەن ؟
مۇرادىم سەن بىلەن مەڭگۈ ھايات - ماماتتا بىر بولماق ،
كويۇڭدا نە بالا كۆردۇم ، يەنە كۆرمەككە خۇشتارمەن.
كۈلەرمەن سەن ئەگەر كۈلسەڭ ،سېنىڭ كۈلكەڭ مېنىڭ بەختىم ،
مىگەر كۆرسەم كۆزۇڭدە نەم ، رەقىبنىڭ بوينىغا دارمەن .
نىگارا ، سەن مېنىڭ سۆيگۈ - ئەقىدەم تەختىگە شاھسەن ،
ۋەلەيكىن بىلمىدىم شۇنداق تۇرۇپمۇ مەن نېچۇك خارمەن ؟ !
(6)
جىمى ئىقلىمنى ئاقتۇرساڭ مېنىڭدەك ناتىۋان يوقتۇر،
ئۈزۈلگەن بەرگىدىن گۈلدەك چىرايى زەپىران يوقتۇر .
جۇدالىق دەشتىدە يالغۇز يېپىنچام بولدىلەر قار- مۇز،
سامادىن ساقىدى يۇلتۇز، نىگاردىن ھېچ زۇۋان يوقتۇر .
گويا چوغدەك ئىچى - تاشىم ، كۆزۇمدىن قۇرۇماس ياشىم ،
يېنىمدا يارۇ- مۇڭداشىم ، بېشىمدا پاسىبان يوقتۇر .
قاناتسىز بىناۋا قۇشمەن ،گاھى ئوڭ گاھى بىھۇشمەن ،
جۇنۇن روھىم بىلەن خۇشمەن ،لېكىن جىسمىمدا جان يوقتۇر .
ئەھەدى بولدى ياش تۆكمە، ئازاپ دەرياسىغا چۆكمە ،
شىجائەت بولسىلا سەندە ۋىسالدىن ھېچ گۈمان يوقتۇر .
(7)
نە قىلاي بۇ جانغا بىر لەھزە ئاراملىق بولمىسا ،
يا مۇھەببەت ئەھلىدە ۋاپا ، ھالاللىق بولمىسا .
تۇتمىسا تىكسەم كۆچەت،گۈل تېرىسام ئۈنسە تىكەن ،
نە ئۈچۈن ھەيرانىمەن ، ھويلام باراڭلىق بولمىسا .
بۇ جاھان سەيناسىدا ھەركىم ئۆزىگە پادىشا،
چۆرە ئۇ ياكى مالاي، روھى ياراملىق بولمىسا .
ياخشى چۈشنى تولا كۆردۇم ، تارتمىدى ئوڭغا بىرى ،
ياخشىلىق نە، شۇكرى قىلدىم گەر يامانلىق بولمىسا .
كىم جاپا قىلسا ۋاپاغا ، ئۇنى ھايۋان دېگۈلۈك ،
ياكى ئازغۇن تەلۋە ئۇ ، قەستەن ساراڭلىق بولمىسا .
قىلمىسۇن ھېچكىم تەمەننا ئۆزىنى ئاشىق ساناپ ،
مەن كەبى جايى گۆلەخ ياكى سامانلىق بولمىسا .
بولدى بەس، نىمجان ئۆزۇڭگە ، ئۆزگىگە تەۋپىق تىلە ،
بولمىغاي كۆڭلۈڭ تىنىچ، ئەلدە ئامانلىق بولمىسا .
مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: غەزەللەرنىڭ مەنسۇبىيىتى يەنىلا شائىرنىڭ ئۆزىگە تەۋە. مەن بۇ شېئىرلارنى ئالاھىدە ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن بىلوگىمدا ساقلىۋالدىم. شائىر ئەگەر نارازى بولسا دەرھال ئۆزۈرىلەر بىلەن بىلوگىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن.