-
2012-01-23
ئابدۇقادىر جالالىدىن: ئوخشىماي قالدى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
ئوخشىماي قالدى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
شۇنچە ئاختۇرسام تۈزۈك قاپاق يوق،
باراڭ باراڭغا ئوخشىماي قالدى.
ھىچكىم لەۋزىدە ئەھدى ۋاپا يوق،
پاراڭ پاراڭغا ئوخشىماي قالدى.
تاما ئوت ياقتى كۆڭۈل كۆزىگە،
سالام سالامغا ئوخشىماي قالدى.
ئۆزگۈرۈپ تۇرار يارنىڭ قارارى،
جانان جانانغا ئوخشىماي قالدى.
مېھراپتىن چايان چىققىنى قىززىق،
پالان پالانغا ئوخشىماي قالدى.
دەلدۈش تۇرۇپمۇ بېرەر پەتىۋا،
ساراڭ ساراڭغا ئوخشىماي قالدى.
ئېشىڭنى يەپمۇ بېشىڭنى يەيدۇ،
بالاڭ بالاڭغا ئوخشىماي قالدى.ئەسكەرتىش: بۇ شېئىرنى شائىر ساداقەتجان ھاجى ئەپەندى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ئەبجەش بايانىدىن ئېلىپ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان ئىكەن. ياقتۇرۇپ ساقلىۋىلىش ئۈچۈن بىلوگىمغا يوللىدىم. ئاپتۇر ياكى تېما يوللىغۇچى ساداقەتجان ھاجى ئاكىمىز نارازى بولسا دەرھال ئۆزۈرە سوراپ بىلوگدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ.
مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى