ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-12-31

    مەمتېلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    مەمتېلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز!

     

    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن بىرى مەمتېلى توختاجى تەۋپىق 1901 -يىلى ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كېيىن تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇپ كىرگەندىن كېيىن ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ دىيارىمىزدا يېڭىچە پەننى مەكتەپ ئېچىش دولقۇنى قوزغاپ قىسقىغىنە ئۈچ يىلدا ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 مەكتەپ ئېچىپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى دەسلەپكى قەدەمدە ساۋاتلىق قىلىپ مەرىپەتنىڭ دەسلەكى مەشئىلىنى تۇتاشتۇرغان. 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30كۈنى قەشقەردە شېڭشىسەي تۈرمىسىدە قاماقلىق 300 گە يېقىن مەھبۇسلار قاتارىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن.

    بۇ يىل يەنى 2011-يىلى مەمتېلى ئەپەندى تەۋپىقنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەشۇ جەڭگىۋار ھاياتىنى ئەسلىمەكچىمىز. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپ ھەركىتىنى بۇندىن 80 يىللار بۇرۇن مەرىپەت يۇرتى ئاتۇشتا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھاياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ زات 1926-يىلى ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى مۇساپىرەتتىكى ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ ئىلىم ئىزدەش يولىدا دەسلىپىدە سوۋىتنىڭ شەمەي شەھىرىگە بارغان . ئۇ يەردە بىر مەزگىل ھايات كەچۈرگەندىن كېيىن ،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم – پەن ، مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى – تاشكەنت شەھرىگە بارغان . تاشكەنىتتە ئاشخانا ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئىشلىگەن . ئاتۇش ۋە قەشقەردىن چىقىپ كەتكەن ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچىرشىپ سىرداشقان . ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك مەمتىلى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇش پۇرستىگە ئىگە بولغان . ۋەھالەنكى ، ئەينى ۋاقىتتا مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرىدە ئۆزىنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسىنىڭ بۇ يەردىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 1928-يىلى يازدا قىرىم ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. ۋە نەچچە يىل جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدە تاۋلىنىپ ۋە بىلىم ئىگەللەپ 1929 -يىلدىن 1932 -يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ . ۋە شۇ ۋاقىتلاردا خوجا نىيازھاجى باشچىلىقىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 1933-يىلى يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئۆز يۇرتىدا ئالدى بىلەن مائارىپنىڭ ئەۋزەللىكى توغرسىدا تەشۋىقات ، تەرغىبات ئىشلىرى بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ ، كۈچلۈك جامائەت پىكىرى تەييارلىدى .

    يېڭى مائارىپنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغان تەرەققىيپەرۋەر كىشلەرگە تايىنىپ، يېڭى مەكتەپ قۇرۇشنىڭ تەشكلىي ۋە مالىيە مەسلىلىرىنى ھەل قىلدى . ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەربىيلەيدىغان قىسقا مۇددەتلىك كۇرس ئاچتى . بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە يېڭى مەكتەپ قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ ، ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلنىپ ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېىچلدى . بۇ مەكتەپلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىپ ، ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ، ئاقارتىش ۋەزىيتى شەكىللەندى.

    مەمتېلى ئەپەندى 1935-يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەرئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنە  « ئىزچىلار ئەترىتى» تەشكىللەپ ، ئۆزى باش بولۇپ ، مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات ، توققۇزاق ، ئوپال ، تاشمىلىق ، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ ، يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلدى .

    1937-يىلىنىڭ باشلىرىدا ، شېڭ شىسەي شىنجاڭدا ئاق تېرورلۇق ۋەزىيتى پەيدا قىلىپ ، تەرەققىيپەرۋەر ، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنى تۈرلۈك بەتناملار بىلەن باستۇردى . شۇ يىلى ئاپېرىلدا مەمتىلى توختاجىمۇ دەرس ئۆتۈۋاتقان يېرىدا قولغا ئېلىنىپ ، قەشقەر شەھىرىدىكى ياۋاغ تېرەكلىك تۈرمىسىگە تاشلاندى . 1937-يىلى 5 -ئاينىڭ 30 -كۈنى سەھەردە ، قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ ، ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن ، بېنىزىن چېچىپ كۆيدۈرۋېتىلگەن … مەۋلانوپ بىلەن قادىر ھاجىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىجىرا قىلىنغان بۇ مىسلىسىز قىرغىنچىلىقتا ، مىللەتنىڭ ئىستقبالىغا ۋە ئۇنىڭ تارىخي تەقدىرىگە ھەقىقي يوسۇندا كۆڭۈل بۆلىدىغان ، خەلقنى نادانلىقتىن ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا شانلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت – مائارىپ جەڭچىلىرى مانا شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۋېتىلگەن.

    بۇ جەڭگىۋار ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر مائارىپچى زاتنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا خەلقىمىزنىڭ ئويغۇنىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىللىرى ۋە جان بەدىلى ھامان تارىخ بېتىدە ئەسلىنىپ تۇرىدۇ. تەۋپىق روھى مەڭگۈ جۇلالايدۇ!

     

    مەمتېلى ئەپەندى ئىجاد قىلغان «بىز مۇئەللىم» ناملىق ناخشا

     

    مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىقنىڭ ھازىرقى خاتىرە سارىيى

     

    分享到: