ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-12-31

    ئەسەرلىرىم:مېنىڭ رېئاللىقىم - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    مېنىڭ رېئاللىقىم

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

     

    ئاققان تاشلارنىڭ ھەسرىتى چوڭقۇر.

    كۆيگەن سۇلارنىڭ كۆزىدە لىق ياش.

    تارىختىن كەلگەن ئېقىن بويىدا،

    يۇيۇنۇپ تۇرار مەندىكى قۇياش.

     

    ھايات – رېئاللىق رەڭلىرى قېنىق،

    كىتابلار گويا سەرخۇش ئەسلىمە.

    توزۇپ تۇرغىنى ئېھ، مېنىڭ ئەركىم!!

    قەلەم كۈيلىگەن بەلكى ھېچنىمە.

     

    ھەقىقەت گۈلدەك ئەمەس رومانتىك،

    لېۋىنى چىلشەپ تۇرار قانسىراپ.

    ئەتە ۋە ئۆتمۈش كۆڭۈلگە تولۇپ،

    بۈگۈنۈم پىيالىسىن تۇرىدۇ لىقلاپ.

     

    ئەڭ پىنھان يايلاقتا سۇتۇقنىڭ ئېتى،

    قەلبىمنىڭ ئۆيىدە يالتىرار قىلىچ.

    يارنىڭ بېغىغا بېرىپ چۈشلەردە،

    يېتىپ باقمىدىم ۋىسالىغا ھېچ.

     

    مېنى ئۇنۇتتى بەلكى ئاسمانلار،

    دىلبەرنى ئويلاپ بولىمەن يۇلتۇز.

    كېچىدە كۆيۈپ تۇرغىنى ھىجران،

    گۈللىرى سولۇپ تۇرغىنى كۈندۈز.

     

    2011.12.31

    分享到: