ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-09

    ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىغا 571 يىل بولدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىغا 571 يىل بولدى

     

       تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنىۋىي ئۇستازى، تىل مەملىكىتىنىڭ ساھىبقىرانى، ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك پۇشتى، مۇتەپپەككۇر، شائىر، دۆلەت ئەربابى ئەمىر ئەلشىر نەۋايى تەۋەللۇتىغا بۈگۈن 571 يىل بولدى. بىز بۇ بۈيۈك ئۇستازنىڭ مەنىۋىيەت پايانىمىزغا قالدۇرغان سەرخۇش قەدەملىرىنى، خۇش ئىپار گۈلدەستىلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ئىلكىدە ئىھتىرام بىلەن ياد ئېتىمىز.

    ئەل ئوغلانلىرى ھامان خەلق قەلبىدە ئۇنتۇلمايدۇ. ئەرنىڭ يىلتىزى ئەلدە! ئۇلۇغ ئاللاھ، ئارىمىزدىن ئۇنىڭدەك ئەل غۇرۇرىنى ساقلىغان، ئەل غۇرۇرىغا مەنىۋىي يۆلەك بولغان ئۇستازلارنى كەم قىلمىسۇن! ئۇنىڭ روھىناتىغا ئەمىنلىك تىلەيمىز!

    بۈيۈك ئۇستاز ئەلشىر نەۋايى مىلادىيە 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى خۇراسان دۆلىتىنىڭ پايىتەختى، ۋۇ شۇ ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ھىراتتا ئۇيغۇر باخشى(ئۇستاز)لىرىدىن غىياسىددىن باھادىر كىچىكنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇستاز ئۆز ھاياتىدا دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسى ئەربابلىرىدىن بىر بولۇپ، ئەمىرلىك مەرتىۋىسىدە خەلقنىڭ ئەمىنلىكى، دۆلەتنىڭ پارانۋانلىقى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپە قوشقان. ھاياتىدا تۈركىي تىللىق ئەسەرلىرىدە «نەۋا»، پارىسچە ئەسەرلىرىدە «فانى» تەخەللۇسى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىلمىي دىۋانلارنى، ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، بىزگە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن «بەدايىئۇل بىدايە»، «نەۋادىرۇن نىھايە»، «خەمىسە»، «ۋەقفىيە»، «تارىخىي ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما»، «تارىخى مۇلكى ئەجەم»، «ھالەتى ھەسەن ئەردەشىر»، «رىسالەئى مۇئەمما»، «مەجەلىسۇن نەفائىس»، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»، «مىزانۇل ئەۋزان»، «ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد»، نەسايىمۇل مۇھەببەت»، «لىسانۇت تەيىر»، «مەھبۇبۇل قۇلۇب»، «خەزانئىۇل مەئانى»، «دىۋانى فانىي» قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

    بۈيۈك ئۇستاز ئەلشىر نەۋايى 1501-يىلى 3-يانۋاردا ۋاپات بولغان.

     

     بۈيۈك ئۇستاز ئەلشىر نەۋايى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر بىلمەكچى بولسىڭىز، شائىر ساداقەتجان ھاجى (كەتمەنباي) نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 570 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈزگەن «نەۋايى خەزىنىسى» ناملىق بىلوگنى زىيارەت قىلغايسىز.

    ئادىرىسى: http://newayi-570.blogbus.com/

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us