ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-09

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-1 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسىكىن):

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-1


    پايانسىز كەتكەن چۆللۈكنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئاۋات، باياشات، مەمۇرچىلىققا تولغان بىر يۇرت بار ئىدى. بۇ يۇرتنىڭ ھەممىلا جايىدا تارام-تارام ئېقىنلارنى ھاسىل قىلغان بۇلاقلار بار بولۇپ، بۇ بۇلاقلارنىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى، سۈيىنىڭ قەيەرگە سىڭىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيىتتى.

    بۇ يۇرت بۆك باراقسان- ئورمانلار، ئېكىنزارلىقلار بىلەن ئورالغان بولغاچقا، ھەر ۋاقىت بۇلبۇللارنىڭ شوخ ناۋالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقنىڭ مەركىزىدە خۇددى مۆجىزىدەك ئۈنۈپ قالغان بۇ بوستانلىق يۇرتىنىڭ يىراق قىرلىرى كېچىسى بوران ھوۋلاپ تۇرىدىغان، كۈندۈزى تونۇردەك ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئۇچار قۇشلارمۇ كاۋاپ بولۇپ قالىدىغان مۇدھىش، چېكى يوق چۆللۈك بولۇپ، تەلۋە بورانلار، دوزاخنىڭ ئوتىدەك كۆيدۈرگۈچى ئىسسىقلار خۇددى بىرسى ئەپسۇن ئوقۇپ قويغاندەكلا بۇ يۇرتنىڭ چېگرىسىدا ئۆز كۈچىنى يوقىتاتتى. گويا بىر كىشى رىۋايەت سۆزلەۋاتقاندەكلا بىر تەرەپتە ئورمانلار ياشىرىپ، سۇلار شارقىراپ ، بۇلبۇللار ناۋا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتە، يېنىدىلا قۇملار كۆچۈپ، ئالۋۇنلار جىمىرلاپ، دوزاخ ئوتىنىڭ يالقۇنى لاۋۇلدايىتتى. ۋاھالەنكى، بۇ يۇرتنىڭ خەلقلىرى بۇ خىل مۆجىزىگە قىلچە قىزىقمايىتتى. بۇ خۇددى شۇنداق بولۇشقا تېگشلىكتەك قىلچە ھەيران قالمايىتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بىرپارچە زېمىنىنىڭ تارىخىنى ئازراقمۇ بىلمىگىنىدەك، كەلگۈسى ھەققىدىمۇ قىلچە ئويلىمايىتتى. ئەلمىساقتىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ تۇپراق ئۇلارنىڭ مۇقەددەس قىبلىگاھى بولۇپ، بۇيەردىن بىر قەدەممۇ سىرىتقا چىقمايىتتى. ئۇلار بوستانلىقنىڭ چېگىرىسىدا قۇملۇققا نەزەر تاشلاپ ھۆكۈم قىلاتتى: ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۈتكۈل ئالەمدىكى يۇرت،  يەرشارى پەقەت موشۇ بوستانلىقلا ئىدى. يەرشارىنى پايانسىز قۇم دېڭىزى ئوراپ تۇراتتى. ئۇلار «قۇملۇقنىڭ نېرىسىدا نىمە باردۇ؟» دېگەننى ئويلىمايىتتى.  ھەم قۇملۇقنىڭ ئېچىكىرسىگە قەدەم بېسىش خىيالىدىمۇ بولمايىتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قۇملۇق ھالاكەتتىن دېرەك بېرەتتى. قۇملۇققا قەدەم بېسىش ئاسىلىقتىن نىشان ئىدى.

    بۇ يۇرتنىڭ كىشىلىرى 200-300يىل ياشايىتتى.  بۇيەردە نە پادىشاھ، نە پۇقرا، نە دۆلەت، نە ھاكىمىيەت دېگەن ئۇقۇملار يوق بولۇپ، ھەممە كېشى ئۆزى بەگ، ئۆزى خان  ئۆز-ئۆزىگە خوجا ئىدى. بۇيەردە ھېچكىم ھېچكىمنى باشقۇرمايىتتى. ھېچكىم ھېچكىمگە بويسۇنمايىتتى. ھېچكىم ھېچكىمدىن ئۈستۈنلۈك تالاشمايىتتى. قىسقىسى بۇيەر ئەركىن، ئازاد، ھېچقانداق سىياسەت، تۈزۈم بولمىغان جەمئىيەت ئىدى. ھەممە كىشى ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىپ ئىناق، ئىتىپاق، باراۋەر ياشايىتتى. ئەرلەر پايانسىز ئىكىنزارلىقلاردا بۇغداي، قوناق، پاختا، ئۈزۈم، تېرىق، ماش مەيدانلىرىدا ئىشلەيىتتى. ئات كالا، قوي باقاتتى. ئورمانلارنى پەرۋىش قىلاتتى ۋە كېسەتتى. ياغاچچىلىق، موزدۇزلۇق، تامچىلىق، نەققاشلىق قاتارلىق ھۆنەر-كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىپتىدائىي كانلاردىن مىتال ئېلىپ تاۋلايىتتى. ئاياللار ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزۈپ، قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، ئۆچمەي كىلىۋاتقان مۇقەددەس چوغلىرىدا تاماق ئېتەتتى. تۇقۇمىچىلىق، ھەرخىل قول ھۆنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەۋەتتە بۇيەردە مەدەنىيەت، تەرەققىيات، توك، مەكتەپ دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش مۆمكىن ئەمەس ئىدى. كىشىلەر بالدۇر يېتىپ، سەھەر تۇرۇپ ئەمگەك-مېھنەت بىلەن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزەتتى. ئۆزلىرى تىكىۋالغان يرىك ئەمما پۇختا كىيىملەرنى كىيەتتى. ئات-ئۇلاغلارنى قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش قورالى قىلاتتى. ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان خام ۋە پىشۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى ئوزۇقلۇق قىلاتتى. بالىلار بوۋىلىرىدىن ئاجايىپ -غارايىپ رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ، تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناپ چوڭ بولاتتى. بۇ ئەل كىشىلىرى شۈنچىلىك ساغلام، بەختىيار، شاد-خورام ئىدىكى ئۇلار كېسەلنىڭ، ئازابنىڭ، باي –كەمبەغەللىكنىڭ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ نېمىلىگىنى بىلمەيىتتى. ھېچنېمىنى بىر بىرىدىن قىزغىنمايىتتى. ھەممىسنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىكىنزارلىقى، نېسىۋىسى بار ئىدى. بۇيەردە ئوغۇرلۇق، زىناخۇرلۇق، تەمەخۇرلۇق، شاراپخورلۇق، غەيۋەتخولۇق، تۆھمەتخورلۇققا ئوخشاش ئىللەتلەر يوق ئىدى. ھېچكىم بىر بىرىنىڭ بەختىگە، مېلىغا، خوتۇنىغا كۆز قىزارتمايىتتى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىر كىشىدە ئوخشاش بارئىدى. بۇ يۇرتنىڭ كېشىلىرى تىرىقچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىللىرىدە كۈنلىرىنى ھەرخىل مەشرەپ، باغ سەيلىسى، گۈلخان سەيلىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، توخۇ، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزەتتى.  بۇنداق كۈنلەردە يۇرتنىڭ ھەممە يېرىدە گۈلخانلار يېقىلىپ،  داش قازانلار ئېسىلىپ، نەچچە ئونلىغان قويلار سويۇلۇپ، ناخشا-سازلارنىڭ ناۋاسى، بوۋاي، مومايلار، قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال كۈلكىلىرى پەلەكنى قۇچاتتى. ئاتلار بەيگىگە چۈشۈپ قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگىچە باراتتى. قىز يىگىتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پىنھانلاردا يۈرەك سىرلىرىنى ئېيتىشاتتى. بۇ يۇرتنىڭ تويلىرىمۇ ئالاھىدە قىزىپ كېتەتتى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۇرت ئىچىدە ئۆز ئارا تويلىىشپ كىلىۋاتقان خەلق بىر-بىرىگە ئىرماش چىرماش تۇققان بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بارلىق يۇرت ئەھلى توي ئىگىلىرىنى پەتىلەپ بولغۇچە نەچچە ئايلاپ ۋاقىت كېتەتتى. كېچىلىك بەزمىلەر تاڭ ئاتقۇچە ئۈزۈلمەيىتتى. يېرىم يالىڭاچ، بەستى تۇرقىمۇ بىر بىرىگە ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان پالىۋان يىگىتلەر گۈلخان ئەتىراپىدا كەسكىن، چەبدەس ھەركەتلەر بىلەن رىتىملىق ئۇسۇل ئوينايىتتى. خۇددى ئاچا-سىڭىللاردەك ئوخشاش زىلۋا، پاك، بىغۇبار،  گۈزەل قىزلار لەرزان دەسسەپ ئۇلارغا جۆر بولاتتى. بۇ يۇرتتىكى ئوخشاش پاسۇندا سىلىنغان ئۆيلەر، رەتلىك ئىېلىنغان كوچىلار، مەھەللىنىڭ ئوتىرسىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قېرى چىنار دەرىخىنى مەركەز قىلىپ، قوياشتىن چېچېلغان نورغا ئوخشاش ھەرقايسى تەرەپلەرگە  چېچېلىپ تاكى قۇملۇققا قەدەر تۇتىشاتتى. ياغاچتىن ئاستى-ئۈستى پىشايۋانلىق قىلىپ سېلىنغان  ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھويلىسىدا رەڭدار گۈللەر، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان گۈللۈكلەر كەينىدە ياپيېشىل ياشرىپ تۇرغان كۆكتاتلىقلار بار ئىدى. ئۆي-ئۆيلەردە دۇتتار، تەمبۇر، ناخشا-ساز، كۈلكە چاخچاقلارنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيىتتى. يۇرتنىڭ مەركىزىدىكى قېرى چىنار دەرخىنىڭ ئاستىدا ياز ئاخشاملىرى، ئاپتىپى خوش ياقىدىغان قىشنىڭ  چۈشلۈكلىرى سۆھبەتلەر قۇرۇلۇپ، پاراڭ قىزىپ كېتەتتى.

    -داۋامى بار 

    分享到: