ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-09

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 111 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

     

    قەھرىمان ئەزىمەت، ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 111 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز!

     

    {كەتمەنباي ئىلاۋىسى} :- بۈگۈن بۈيۈك پىداكارىمىز، ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئابدۇراھمان ئوغلى ئۇيغۇر 111 ياشقا كىرىپتۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان شەھرىدە تۇغۇلغان ئىدى. ئۇ قەلەم ۋە ئەلەمدە تەڭ پىداكارلىق كۆرسۈتۈپ، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئەقىدىسىگە سادىق بولۇپ، ئۆلۈم ئالدىدا ئۆڭمەي. مىللىتارىست شىڭشىسەي جاللاتلىرىنىڭ قانلىق قىلىچىدا، 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى شان-شەرىپى قۇربان بولغان ئىدى.

     ئەي ئاللاھىم، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئارمان بىلەن كەتكەتلەرنىڭ جايىنى جەننەتتە قىلغايسەن! (2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى)

     

    ﺗﺎﻻنتلىق ﺷﺎﺋﯩﺮ، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901- ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪھىرىدە ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ نىسبەتەن ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩب، ﭘﺎﺭس ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮىنى ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .
       1916- ﻳﯩﻠﻰﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋۆﮔﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚگىنىدۇ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴ, ﯩﺪﯨﻤﯘﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍتقا ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺖ- ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ «ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ» ، «ﻗﯩﺰﯨﻞﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ» ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﯘﻥ ﺟﻮﯕﺸﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺩېمۇگرﺍﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ فېئوﺩﺍﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻧﻨﻰﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .

    1923 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مەخسۇت مۇھىتى ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ 2 – ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﻧﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭘﻮﺷﻜﯩﻦ، ﻟﯧﺮﻣﯘﻧﺘﻮﯞ، ﺗﻮﻟﻮﺳﺘﻮﻱ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﻛﻰﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ . 1926 – ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ژۇﺭﻧﺎﻝ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭست ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯧﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻣﻪﺧﺴۇﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ خوﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 – ﻳﯩﻠﻰ « ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ « ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ »، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ . . .

    ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺋۆﺗﻜﯜﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ .

    ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ تېز  ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 1932 – ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺋﺎﻳﺪﺍ « ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ » ، « ﺋﺎﭼﯩﻞ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﻜﻪ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . 1932- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933 – ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯖﺸﯩﺴﻪﻱ 1933 – ﻳﯩﻠﻰ 3 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 – ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺑﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﻪﯕﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻱ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ! » ، « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ! » ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ…

    ئويغان

     ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
    سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
    بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،
    ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

    قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!
    رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ!
    كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
    ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.

    ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
    شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
    چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
    ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟

    كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
    ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.
    كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،
    كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

    ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،
    سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.
    كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،
    ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!

    كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
    تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
    «
    خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،
    شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us