ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-09

    جولۇن مەھمۇدوۋ شېئىرلىرى 1 - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    جولۇن مەھمۇدوۋ شېئىرلىرى

    تەرجىمان : يۈسۈپ ئىگەمبەردى

    ئۇيغۇر ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا تونۇش قىرغىزىستان قىرغىز يازغۇچىسى جولۇن مەھمۇدوۋ قىرغىزىستاننىڭ توختىقۇل نامىدىكى قىرغىز مەملىكەتلىك ۋە سابىق س.س.ر قىرغىز مەملىكىتى لېنىن كومسومۇلى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ، 1940-يىلى 4-ئايدا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى تۆكەپقان ئاۋۇلىدا تۇغۇلۇپ، 1988-يىلى 7-مارت 48 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئاقىن جولۇن مەھمۇدوۋنىڭ «ئوتنى سۆيىمەن»(1969)، «يېشىل ئالەم»(1971)، «ۋاقىت»(1973)، «مەزگىلنىڭ سىماسى»(1977)، «ئاقۇچ تاڭنىڭ چۆچىكى»(1980)، «سۇنىڭ ئۆمرى»(1981)، «دولقۇن يارغان سۇلار»(1983)، «ئاتقا توقۇم سالايلى»(1986)، «يۈز ياشقا تول ئەسر!»(1987)، «مەنبە ۋە مۇھىت»(1990)، قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.

    مەرھۇم جولۇن مەھمۇدوۋ 1986-يىلى ئۆكتەبىردە سابىق س.س.ر ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ۋەكىللىرىنى باشلاپ، دىيارىمىزغا زىيارەتكە كېلىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ئاتۇش شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان. بولۇپمۇ قەشقەردە مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسى، يۈسۈپ خاس ھاجىب مەقبەرىسى، ئافاق خوجا مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ، قىرغىزىستانغا قايتقاندىن كېيىن، 1987-يىلى قىرغىزىستاندا نەشىردىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرنال «ئالاتاۋ»نىڭ 6-سانىدا ئېلان قىلغان. «ئالاتاغ»دا «قەشقەر قايرىقتارى» ناملىق داستانىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، 1988-يىلى يەنە شۇ ژۇرنالنىڭ 6-سانىدا «يۈسۈپ ماماي جۇڭگۇلۇق قىرغىزلارنىڭ ئاتاقلىق ماناسچىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، يۈسۈپ ماماينىڭ ھاياتى پائالىيىتى، سۈرىتى ۋە «ماناسنىڭ قورال-ياراقلىرىنىڭ ياسىلىشى» دېگەن ئۈزۈندىنى قوشۇپ ئېلان قىلغان. «قەشقەر قايرىقتارى» دېگەن داستانى شائىر ئوسمانجان ساۋۇت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا «قەشقەر بوياقلىرى» نامىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىم مەن مەرھۇمنىڭ سونېت ۋە بىر بۆلۈك شېئىرلىرىنى ئويغۇرچىلاشتۇرۇپ سۇندۇم.

     

    سونېت

    مەجنۇنتال نېچۈن سۇغا ئىگىلەر؟

    زار بولغانمۇ بۇلبۇلنىڭ ئۈنىگە.

    كۆركنى بىلمەي ئۇ بۇلبۇلنى ئەيىبلەپ،

    ئۆمۈر بويى تېگەرمەن تال تۈۋىگە.

     

    بىزنىڭ ئۆي باغ-ۋارانلىق چوڭ قورغان،

    چوڭ يولدىن تىنماي قاتنىشار يولۇچىلار.

    قورغان سىرتىغا سالىمەن پىشايۋان،

    ئۆمۈرلىرىنى توشۇشار كېلىپ-يانغانلار.

     

    كۈنلەردىن ياساپ بىز ئالغاندا لەگلەك،

    ئۇچۇراردا تال ئىككىمىزدە ئوخشاش تىلەك.

    تۈن كىردىمۇ ئۇخلاش كېرەك، يات، دېمەك،

    تاڭ ئاتتىمۇ ئويناش كېرەك، تۇر، دېمەك.

     

    كېيىنكى يىل تىنماي باشاق تەرگەنمەن،

    قۇرۇق ئىدىردىن چۈشمەي يېشىل دالىغا،

    تەشنالىقتىن بىر چىرقىرىغان چېغىمدا.

    تۈز مەجنۇنتال سىياقىغا كەلگەنمەن،

    ئۇ ئىگىلىپ تۇرغان ئىكەن تۆۋەنگە،

    يىپەك چېچىنى تارىغىلى ئۆزى بىلەن.

     

    يىپەك چېچىنى تارىغىلى ئۆزىنىڭ،

    شىلدىر دەرەخ سۇغا مول كۈزگە قاراپ.

    مەن گۇۋاھى، مۇڭلانغان چېغىنىڭ،

    بىر سەرپىمنى ئارقىغىراق قويغان تاشلاپ.

     

    بىراق چۈشكە ھەممە ۋاقىت نادە كىردى،

    كۆپ نەرسىنىڭ نامىنى بىلدۇق ئۆزى يوق.

    تىكلەپ سىرتقا تۈتۈن پۈركەر مورىسى،

    دېرىزىدىن تەلمۈرگەن بىز سۆزى يوق.

     

    ئۇرۇشتىن سوڭ بولماق قانداق قايسى ئاۋات؟

    باردىن-يوقتىن قوراشتۇرۇپ، تىكىپ، ياماپ.

    قۇرۇق قوللۇق ئانىلارغا مىڭ رەھمەت،

    كىيندۈردى-تويۇندۇردى ئاز-ئازلاپ.

     

    نېمىگىدۇر يۈرەك گاھى ئېچىشىپ،

    نېمىگىدۇر سوقۇشلىرى بېسىلماي،

    نېمىگىدۇر چىداپ ئالماي سۆيۈنەر،

    مەرگەنلەر قارىمايدۇ ئەمدى ئېتشىپ.

    ئۇچۇپ كەتمەي قاۋاپ… تېزرەك مۆكۈشمەي،

    ئاق بۇلۇتلار نېچۈن كۆلگە كېلىشەر.

     

    ئاق بۇلۇتلار نېچۈن كۆلگە توپلىشار،

    ئەگىپ-ئەگىپ يول يۈرەرمۇ قۇشقاچتەك.

    تۈمەن ئۆمۈر يارار ئەل بىلەن،

    ئەل ئىشقىدا قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك.

     

    ئەگەر دەرەخ كۈن نۇرىنى توپلىمىسا،

    كۈچ-قۇۋۋەت يەردىن كۈچەپ يىغىلمىسا.

    ئېغىر دەرتكە دۇچار كۈن ئىلگىرى،

    بېرىپ ئۇتتۇرار، ئۆزىنى چەنلەپ يېڭىلىشقا.

     

    ئۇنداق بولسا ھەر نەرسىگە تەلپۈنۈش يوقتەك،

    دىلىڭدىكى ئىچ تارلىقنى ئۇنۇتقىن.

    بايرام بولۇر بەخت بىلەن ئۇچراشقىنىڭ،

    تاڭدا دېھقان ئېتىزىغا چىققاندەك.

    كۆك ئايدىڭدا ساڭگىلىسۇن بۇلۇتلار،

    باشتىن ئاخىر ئەقلى بولۇپ يامغۇر تۆكەر «كەسىپنىڭ».

     

    ئاداققىچە يامغۇر تۆكەر كەسپى بىلەن،

    بۇلۇتلار ئۆمرىنىڭ بولار توي كۈنى.

    ئېچىپ قويۇپ جان دۇنيانىڭ ئىشكىنى،

    گۈللەندۈرگىلى سېلەر ماۋۇ ئۆلكىنى[1][1].

     

    ئۇ ئۆلكىنىڭ مۇھەببەتتە بىر نامى،

    ھەم بىر نامى ئارزۇ، كۆيۈش، چوغ بېسىش.

     گۆدەك شارداڭ ئىسيانكاردۇر ياشى،

    كۆزى، سوقۇر، ئەقلى كەم يوق باشى.

     

    ئوتنى سۆيىمەن

    لاۋۇلداپ كۆيگەن ئوتنى كۆرسەم،

    يۈرىكىم لاۋۇلداپ كېتەر ئىكەن.

    قانچە ئوتلۇق كۈنلەر ئۆتكۈزسەم،

    يۈرەك شۇنچە ئوتنى سۆيەر ئىكەن.

     

    يولۇقار دەپ كۈندە يولۇمدا،

    بىلمەي سەۋەب ئۆزۈم كۈتەرمەن.

    لاۋۇلدىغان مەقسەت سوڭىدىن،

    لاۋۇلدىنىپ كۆيۈپ كېلەرمەن.

     

     

     


     



    [1][1] ئۆلكە−قىرغىزىستاننى كۆرسىتىدۇ.

    分享到: