ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-09-08

    دېھقان شائىرى روزى سايىتنى ئەسلەيمىز! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

     دېھقان شائىرى روزى سايىتنى ئەسلەيمىز! 

     

     

       يىللار ئۆتۈپ ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى، دېھقانلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي قەلىب ساداسىنى يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى مەرھۇم روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقى كىلىپ قاپتۇ. بۈگۈن بىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىلى ساق ئون يىل بولدى. شۇ مۇناسىۋەتتە مەن ئەتراپىمدىكى مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار، ئىمىنجان تاجى تۈرگۈن، تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا، ئابدۇمىجىت مۇھەممەت، مېھرىبان نىياز چوغلۇق، ئاينۇر مۇھەممەد كۆكتولۇن، ئاينۇر دولقۇن، يۈسۈپجان مۇھەممەد ئەرتۇغ قاتارلىق قەلەمكەش دوستلىرىمغا ۋاكالىتەن ئۇشبۇ تېمىنى يوللاپ مەرھۇمنى ياد ئىتمىز.  

       شائىر روزى سايىتنىڭ تەرجىمھالى:

     شائىر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيەسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1951-يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلىغىچە چايخانا مەكتەپتە ۋە ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن يېزىغا چۈشۈپ ئون نەچچە يىل دېھقانچىلىق قىلغان. 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە «يېڭى قاشتېىشى» ژورنىلىدا مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن.

       شائىر روزى سايىتنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتى 1973-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى» ناملىق شېئىرىدىن باشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى گېزىت، ژورناللاردا 12 پارچە داستان ۋە باللادا، 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، «بارات يازغان ھېكايە» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر توغرىسىدا»، «ئەتەبەتۇل ھاقايىقنىڭ شېئىرىي يەشمىسى» قاتارلىق تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «ئاھ، ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش»، «دېھقان كۈلكىسى»، «پاھ دېھقان ھەيكىلى»، «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار»، «روبائىيلار»، «قاشتېىشىنىڭ رىۋايىتى»، «روزى سايىت شېئىرلىرى»(ئىككى قىسىم) قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان. «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «بۇ خوتەن» قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى ناخشا قىلىپ ئەل ئىچىگە تارالغان. يەنە بىر تۈركۈم شېئىرلىرى دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا ۋە چەت تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «دېھقان بولماق تەس» ناملىق ئۈن تاسمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇشبۇ ئۈن تاسمىسىدىكى شېئىرلىرى بىلەن  شائىرنىڭ نامى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ چەت قىشلاق، سەھرالىرىغىچە تاراپ ئاجايىپ شۆھرەت قازانغان.

       ئەل سۆيگەن شائىر روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كىسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھىرىدە ۋاپات بولغان. 

     ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﮬﺎﻳﺎﺕﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ مۇدىرىيەت ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ . خەلق ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺭوﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ يوقۇتۇش . مەرھۇم ئەل سۆيگەن ﺷﺎئىرىمىز روزى سايىت ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻝ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ!!

    分享到: