ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-09-08

    ئارۇز گۈلىستانىدىكى ئەراپات ئابدۇرۇسۇل - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ئارۇز گۈلىستانىدىكى ئەراپات ئابدۇرۇسۇل

    ئەراپات ئابدۇرۇسۇل.1986-يىلى 12-ئاينىڭ26 -كۈنى چاپچال ناھيەسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان.باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغان.2010-يىلى7-ئايدا شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ،چاپچال ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.2011-يىلى 3-ئايدىن بىرى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئونىۋېرستېتىنىڭ سىياسي-قانۇن كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا داۋاملىق تەربىيەلىنۋاتىدۇ.     

    ئۇ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق5-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئارمانلىرىم» سەرلەۋھىلىك شېئىرى بىلەن رەسمىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا 50 پارچىدىن ئاتۇق شېئىرى ۋە قانۇنغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «مۇۋەششەھلەر» تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم شېئىرى «باغداش» تورى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ناۋاي قىز»، «يۈرىكىم بىر ئىتتۇر كەتكەن ئېچىرقاپ» قاتارلىق شېئىرلىرى «سۇنىڭ سايىسى» ناملىق بىرلەشمە توپلامغا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
    ئەراپات ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە ئېلىپ بارغان دادىل سىناقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۆزگىچە مۇۋەپپەقىيەتلىرى دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدۇ. بىز ئەراپاتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەپ بىر تۈركۈم غەزەللىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.  

    ___ مەسئۇل مۇھەررىردىن    

                                          
    مېنى زەررەتلەيدىغان مەنىۋى كۈچلەر ئىچىدە شېئىر موھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە شېئىر يىزىش ۋە ئوقۇش مەۋجۇتلىقىمدىكى مەجھۇل تەرەپلەرنى تەلتۆكۈس يورىتىپ بىرەلمىسىمۇ،ئۇ زاھىرىم بىلەن باتىنىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى تونىل. كېلاسسسىك ئېتىقاتتا يېڭىلىققا ئېنتىلىش مېنىڭ ئىجادىيەت مىزانىم.ئىچمدىكى بارلىق ۋە تېشىمدىكى يوقلۇق مېنىڭ ئىلھام مەنبەيىم.مەن  مەنىۋىيىتىمگە شېئىر ئارقىلىق ئىستېلا ئىلىپ بېرىشقا ئۇرىنىمەن. مەغلۇبىيەت مېنى ئېتىراپ قىلمىغۇچە،مەنزىل تاماسىدىن ۋاز كەچمەيمەن

    ___ ئاپتوردىن 

     جۇنۇن بەھرى

    1
    نالىسى ئول نامىلەرگە پاتمىغان پەيۋەندە كىم؟
    ئىشقى ئۆچكەن لالىلەرگە ئالجىغان شەرمەندە كىم؟
    ياندى بىسلار،بۇ جاراھەت پەنجىدىن قان توختىماي،
    ئىنتىھاسىز زارىلەرگە چاڭقىغان بەخشەندە كىم؟
    رەھمى يۈتكەن رەزگىلەرمۇ بەردى ئوتقا رەغدىنى  ،
    سەللە ئوراپ،سەدرىلەرنى ئەيلىگەن دەپسەندە كىم؟
    غەمزى ھىسلار ئارمىغان ئۆز تۇغمىدا جان غەزنىگە،
    روھ ئوتىغا قوشمايىن رەڭ كەلدى ساقلاپ تەندە كىم؟
    يايدى ئىشقىم جۇيلىشىنى بۇ جۇنۇنلۇق كۈللىگە،
    شاھ بېشىنى شامغا ئۆرتەپ،جانغا كىيدى جەندە كىم؟
    چۈش سىياقتا خانىلەرگە چۈشتى ئەنقا سايىسى،
    قالمىغان رىزقى ئۈچۈن ھىچ قالدىلەر يوق  غەمدە كىم؟
    بەرگىلى بەلكىم بىشارەت يوق ئەمەس ئالەم ئارا،
    مەنزىلىن تاپماق ئۈچۈن  مەنزۇرغا بۇ مەرتەمدە كىم؟
    2
    كەل،ئېشىق توقماقلىرىڭدا ئۆكسىگەن ئاۋازنى چاق!
    ئوت سونۇپ چاقماقلىرىڭدا  ئاسقىغان پەرۋازنى چاق!
    بۇرجى يوق روھلار تېنىمدىن تاپقۇسى تۈڭلۇك دىبان،
    قىسمىتى ئۆزلۈك ئېڭىدىن ئۈركىگەن  ئەندازنى چاق!
    خار بەخت بەھرىڭ كۈيىگە قىلمىساڭ جەھلىڭنى جەم،
    جېسمىدىن تانغان جېنى جەسسەتسىمان ئەلپازنى چاق!
    ئەرـ ئوغۇز جەڭلەردە شەمشەر ئۇرمىغان سۈڭرە ۋەتەن،
    يارغا ياۋ ھۆرسە،يېڭىنى تۈرمىگەن سەرۋازنى چاق!
    جانى تەق كۆرمەككە ئاشىق ئول سەنەم سايىسىنى،
    ئەھدى بار ،ئەمما ئەمەلگە رەغدى يوق رەڭۋازنى چاق!
    بىر سىقىم تۇپراقتا ئەكسىن تاپقۇسى ئاخىر زامان،
    ئالتە كۈن ئاھىڭنى ئۇتقان بىۋاپا تەننازنى چاق!
    قازىلىق بەش كۈن نېسىپ بۇ پەللىدە مەنزۇر ساڭا،
    كۆپنى كۈن كۆرمەككە ھەم ئىبرىتىگە ئاز-ئازنى چاق!

     

    ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى

    分享到: