ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-09-08

    بۇ ___ ئالىمجان تۆمۈر تۇران - [سەرخىللار ئارخىپى]

    بۇ ___ ئالىمجان تۆمۈر تۇران

    بۇ مۇقەددەس زىمىنغا قاچان ئاپىرىدە بولغانلىقىمنى دادامدىن بىلگەن ئىدىم . دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە : ئانام ئاچچىق تولغاقتىن بوشانغان كۈنى ، دادام مېنى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ھازىرقى ئۆيىمىزدە تۇنجى بولۇپ كۆتۈرگەن ئادەم ئىكەن . 1988 – يىلى 7- مارت كۈنى مەن تۇنجى يىغام بىلەن جەمەتىمىز شەجەرىسىگە يېڭى بىر بەت ئاچقان ئىكەنمەن .

    بىركۈنى كەچ مەن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم . شۇكۈنى مەن ئادىتىم بويىچە دادامنى ئەمەس ، ئاپام ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەن چاققانغىنە لاتا سومكامنى قۇچاقلاپ ياتقان ئىدىم . شۇ ھاياجانلىق كېچە سۈزۈلۈپ تاڭغا ئۇلاشسىلا مەن مەكتەپكە باراتتىم . تىنىمسىز بالىلىقىمنىڭ مەلۇم بىر خاسىيەتلىك سەھىرىدە ئاپام قولۇمدىن يىتىلىگەنچە مەكتەپكە ئېلىپ باردى ھەم ئۆز تەربىيەسىگە ئالدى . قورساقتىكى ۋاختىمدىن باشلاپ باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە قەدەر ئاپامنىڭ تەربىيەسىدە بولغانلىقىمنى ئەقىل كۆزلىرىم ئېچىلىپ ئاق – قارىنى بىلگىدەك بولغان چاغلىرىمدا ئاندىن بىلدىم . ئاق ھەم قارىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس رەڭلەر مېنى ئادەملىك ئالەمدە ۋە ئالەملىك ئادەمدە ھېلىغىچە يىتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ .

    شۇنداق قىلىپ مەن بارا – بارا چوڭ بولۇپ ئەر ھېسابىغا ئۆتكەن چاغلىرىمدا خىلۋەت يېزامدىن ئايرىلىپ ئاتا- ئانامدىن يىراق بىر جايدا تولۇقسىز ھەم تولۇق ئوتتىرا مەكتەپنى تاماملىدىم ۋە شۇ جەرياندا ئۆز چۇڭقۇرلىقىمغا ئاستا – ئاستا شۇڭغۇشقا باشلىدىم . قەلبىمدىكى ئىستەكلەرنىڭ غايىۋى تۈرتكىلىرىدە مەن 2008 – يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇيغۇرتىل – ئەدەبىيات كەسپىگە قۇبۇل قىلىندىم .

    مەن دېمەتلىك بالىلار ئارىسىدا قوشاقچى ئاتىلىپ خېلى يىللاردىن كېيىن ، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2009 –يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئېھتىمال» ناملىق شېئىرىم بىلەن قانداقتۇ ئىجادىيەت سېپىگە قىستىلىپ كىرىۋالغان بولدۇم . شۇنىڭدىن بويان «تەڭرىتاغ»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ، «ئىلى دەرياسى »، «كۆسەن مەدەنىيىتى» ، «مۇزارت دولقۇنلىرى»  قاتارلىق بىرقىسىم نەشىرى ئەپكارلاردا ئون نەچچە پارچىغا يېقىن  شېئىرىم ھەم بىرقانچە پارچە ماقالىلىرىم ئېلان قىلىندى . مەيلى مىڭ پارچە ئېلان قىلىنسۇن ۋەياكى بىرپاچە ئېلان قىلىنسۇن يازغان ئەسەرلىرىمىز ھىچقايسىمىزنى ئۆز قاراڭغۇلىقىمىزدىن ئېلىپ چىقىپ كېتەلمىدى . ئەمما شۇنىڭ ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئۇيغۇرتىلىدا ئەسەر يېزىش پۇرسىتكى بۈگۈنكى كۈندە پېقىرغا ھەم سىزلەرگە بېرىلىپتۇ . خوش ، ئەمدى مونۇ يازمىلىرىم ئارقىلىق ئىخلاسمەنلەر ئالىمجان تۆمۈر تۇراننى ئەقىل ئەلگەكلىرىدە تاسقاپ قويغۇسى ...

    ____ ئالىمجان تۆمۈر تۇران

     

    بىز بۇ ياش قەلەم ئىگىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىگە ئاق يول تىلەش بىرگە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى  ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزاسى، ئىزدىنىش روھىغا باي ياش قەلەم ئىگىسى ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىنى قوشۇپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

    ___ مەسئۇل مۇھەررىردىن 

     

    ئائىشەنىڭ بەشىنچى پەسلى

     

    ئۇ يەردە كۆيىدۇ رەزىل ئەتىرگۈل ،

    بۇ يەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرەر بىر تەن .

    تۇزۇشنىڭ ئازابى ئېچىلسا قات – قات ،

    سەن مېنىڭ دەردىمگە كۈمۈلگەن ۋەتەن .

     

    يىغلايمەن ، يىغلايمەن تىشىلگۈچە كۆز ،

    يىرتىلار قولۇمدا قان رەڭ قولياغلىق .

    تاشلارنىڭ دەردىنى ئاسمان بىلمەيدۇ ،

    ئىككىمىز ئارىسى مەڭگۈلۈك ئارلىق .

     

    يۈگۈرۈپ كېلىمەن دارنىڭ ئالدىغا ،

    ناخشىلار ئۆزىنى توۋلايدۇ غېرىپ .

    تۆكۈلۈپ بولغاندا نەمدەلگەن كىرپىك ،

    ئۆلۈمنى چاقىردىم ئەڭلىمنى سېلىپ .

     

    تاشلاردىن ئويۇپ قوي كۆز ياشلىرىمنى ،

    كۆكسۈمدە داپ چالغان چۆللەرنى ئۇنتۇپ .

    سۆي يەنە ئۆزۈڭنى يېرىلغىچە لەۋ ،

    ئۇ يالغۇز دەرەخنىڭ قولىنى تۇتۇپ .

     

    چاقىرغىن ئىسمىمنى يىراق دىلبىرىم ،

    كىرپىكتىن كۆز ياشلار پىيادە ئۆتسە .

    شۇ غەمكىن تۇرقۇڭدا ئەينەككە قارا ،

    ئاھ ، يىتىم قۇۋرىغام قولۇڭنى كەسسە .

     

    ئائىشەنىڭ ئاق بۇلۇتى

    1

    ئاسمان بەك يىراقتا

    يەر ھەم تولىمۇ چۇڭقۇر ...

     

    يۇتۇلماي قالغان بىر يۇتۇم سۇنىڭ ئازابىدەك  ،

    شۇ بىر تامچە ياشنى

    پەقەت شۇ بىر تامچە ياشنى ئىچىمگە يۈتىۋېتەلمەيمەن  .

    كۆزدىن دۇمىلاپ چۈشكىنى ياش ئەمەس تاش  ،

    شۇ تاشنى ھېلىغىچە قوغلاپ يېتەلمەيمەن  .

    مەڭزىڭدىكى ياشنى يەڭلىرىم بىلەن سۈرتىۋېتىش قولۇمدىن كەلسىمۇ

    ... بىراق بەرداشلىق بېرەلمەيمەن

     

    مەن پىچاق بىسى ئۈستىدە سوزۇلۇپ  يېتىپ  ،

    غەملىرىڭگە يەردەك پېتىپ

    چېكە چاچلىرىڭنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىسام

    ھەم سېنىڭ يەنە ئاسماندەك ئۆرە تۇرالىغانلىقىڭنى خىيال قىلسام

    قىشتىكى يالىڭاچ دەرەخلەردەك ياداڭغۇ  ئاۋازىڭنى ئەسكە ئالسام

    تېنىمدىكى قىزىل گۈللەردەك تارام – تارام قاناپ كېتىمەن  .

     

    2

    تالادا قار يېغىۋاتىدۇ ...

    سەن بىركۈنلۈك تىرىكچىلىكتىن پەرىشان قايتىپ كېلىسەن :

    - قار يېغىۋېتىپتۇ ، تالاغا چىقتىڭىزمۇ ؟

    - ئويدىمۇ قار يېغىۋاتىدىغۇ ...

    -...( ھېچنېمە دېمىدىڭ )

    بىلىمەن سەن قارنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىسەن .

     

    مەن دېرىزىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ  ،

    تەكچىدىكى قارلارنى سىقىمداپ  ئېلىپ  ،

    سېزىمەن قولۇمنىڭ ئەمەس يۈرىكىمنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى .

    ھېس قىلىمەن ئازاپلىرىڭنىڭ قاردەك پەرۋاز قىلىشلىرىنى ...

    شۇ چاغدا

    سەن يېنىمغا لېۋىمگە تەككۈزۈپ باقماقچى بولغان قاردەك كېلىپ :

    - بۈگۈن نېمە تاماق ئېتەي ؟

    - قار ...

    3

    سېنىڭ داداڭ ئۆلۈپ كەتتى ...

    4

    تۇرمۇش سېنى قېرىتماقتا ...

     

     

    ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى

    分享到: