ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-05

    2012-يىلى ب د ت تەرىپىدىن «مۇستاپا ئىترى يىلى» دەپ بېكىتىلدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    2012-يىلى ب د ت تەرىپىدىن «مۇستاپا ئىترى يىلى» دەپ بېكىتىلدى

    ب د ت خەلقئارا ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «مۇستاپا ئىترى يىلى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

    مۇراسىمغا مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى جۇرگې سامپائومۇ قاتناشتى.

    بۇخىرىزادە مۇستاپا ئىترى تۈرك مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك شەخسلىرىدىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 300 ـ يىلىدا ب د ت خەلقئارا ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) ، 2012 يىلىنى كاتتا مۇزىكانتنىڭ يىلى، يەنى «مۇستاپا ئىترى يىلى» دەپ ئېلان قىلدى.

    «خەلقئارا ئىترى يىلى» مۇستاپا ئىترى يېتىشىپ چىققان يېنىكاپى مەۋلىۋىخانىسىدا داغدۇغىلىق بىر مۇراسىم بىلەن باشلاندى.

    فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك مۇراسىمدا كاتتا مۇزىكا ئۇستازىنىڭ ئەسىرى بولغان "شەكان ئايىنى" كۆرگەزمە قىلىندى.

    مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلار ئارىسىدا مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلىي شۇنداقلا پورتۇگالىيە پىرېزىدېنتى جورگې سامپائومۇ قاتناشتى.

    جورگې سامپائو سۆز قىلىپ، «مېنىڭ بۇ يەردە بولالىغانلىقىم ھەم تۈركىيەنىڭ، ھەم تۈركىيە باش مىنىستىرى ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلىشىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولدى. دىئالوگنىڭ ۋە بىر ـ بىرىمىزنى تونۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى خالايمەن، چۈنكى ھەممىمىز دۇنيادا بىرلىكتە ياشايمىز ۋە ھەممىمىز ئىنسانىيەتنىڭ بىردىن ئەزاسىمىز. شۇڭا بۇ خىزمەتلەر داۋاملىشىشى لازىم» دېدى.

     

    مەنبە: ت ر ت 2012-يىل 29-يانۋاردىكى تور خەۋىرى 

    分享到: