ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-05

    ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا يارتىلغان تەكرار ئىجادىيەت بوشلۇقى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    romanئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا يارتىلغان تەكرار ئىجادىيەت بوشلۇقى

    ئابلىمىت ئابدىراخمان

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى.

     ئەدەبىي ئەسەر خىلمۇ-خىل ئىستىلىستىكلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق تۇرمۇش مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ.تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىدىن يۇشۇرۇن ئىشارەت بىرىدۇ.جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەرقايىسى تەرەپلىرىنى ئەكىس–ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى جەمىئيەتنى، تۇرمۇشنى تۇنۇتۇش خاراكتىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇچىڭبىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيىسى ئۇقۇشلۇقى»دىگەن كىتابىدا شەرىھىلەپ ئۆتكەندەك:«ئەدەبىي ئەسەر تۇنۇتۇش خۇسۇسىيتىدىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسلىق مەدىنىيەت خاراكتىرىگە ئىگە بۇلىدۇ».شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي ئەسەر ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۇنۇتۇش قىممىتى» ئوقۇرمەنلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. تۇنۇتۇش قىمىتى دىگىنىمىزدە، ئەدەبىياتنىڭ جانلىق بەدىئى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى ئەكىس-ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى زىددىيەتنى تۇنۇتۇش ۋە تۇرمۇشنى چۈشۈنۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش خۇسۇسىيتىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە، ئەدىبىي ئىجادىيەتتە ئۇقۇرمەن سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر ھالقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش پائالىيىتى بولمايدىكەن ھەر قانداق ئەدىبىي ئەسەرنىڭ قىممىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.ئەدەبىي ئەسەر يېزىلىپ، كىتاپخان تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئاندىن ھەقىقىي ھاياتى كۈچىگە ئىگە بۇلىدۇ. كىتابخان ئەسەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، ئەسەر يەنە بىر قىتىملىق«تەكرار ئىجادىيەت»باسقۇچىغا ئۆتىدۇ.بۇ باسقۇچتا ئەسەردىكى ئۇبرازلار كىتاپخاننى ئۆزى بىلەن بىللە ئالاھىدە كونكىرىت مۇھىتقا باشلاپ كىرىدۇ. كىتابخانمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى ھىسياتى ۋە تۇرمۇش تەجىرىبىسىگە ئاساسەن، ئەسەردىكى ئوبرازلارنىڭ مەزمۇننى بىيتىدۇ ۋە تۇلۇقلايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىستىتىك قىممىتىمۇ مانا مۇشۇ باسقۇچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ بۇ ھەم ئىجادىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تارىخي رومانلارمۇ ئەدەبىي ئەسەر بولۇش سۇپىتى بىلەن ئەدەبىي  ئىجادىيەت باسقۇچلىرىدا «تەكرار ئىجادىيەت» باسقۇچىدىن مۇستەسنا ئەمەس. يەنە بىر تەرىپتىن، تارىخىي رومانلارنىڭ ئىستىتىك ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىمۇ مانا مۇشۇ باسقۇچتا ئەمەلگە ئاشىدۇ. يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىمىز مەنا چوڭقۇرلىقى بىلەن كىتابخانلارنى قايتا تەپەككۈرغا تەشكىللىيەلىگەن. تارىخىي رومان يازغۇچىلىرىمىز  ئىجادىيەت جەريانىدا مەزمۇننى كىتابخانغا بىرۋاستە تاپشۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەسەر ئىدىيىسى بىلەن كىتابخان ئارىلىقىدا مۇئەييەن ئارىلىق شەكىللەندۇرۇپ كىتابخاننىڭ تارىخىي روماننىڭ مەزمۇن قاتلىمى ھەققىدە ئەركىن ئىزدىنىشى ئۇچۇن يەنە يىتەرلىك بوشلىق قالدۇرلغان. بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلارنى تارىخىي رومان ئىچىدىكى يۈكسەك بولغان بەدىئىي  دۇنياغا باشلاپ، رىئاللىقنىڭ بۇ بەدىئىي دۇنيادىكى ئىزنالىرىنى ئىزدەپ تېپىشقا، بىرۋاستە كۆرۈشكە، چۈشۈنىشكە، يىتەكلىگەن.

    دۇشۇيىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيسى»دىگەن كىتابىدا ئېيتقاندەك:«تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى ئوقۇرمەنلەرگە تەمىنلىگەن ئەسەر تېكىستىتە،دائىم بىۋاستە،چەكلىك ھەم تۇلۇقسىز بولغان تەرەپلەر ھەمىشە ۋاستىلىك چەكسىزلىك ھەم نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىيىنكى تەرەپلەر،ئەدەبىي ئەسەر ئىچىدىكى ئاق ۋە بىكىتىلمىگەن نوقتىلار بۇلۇپ، بۇ نوقتىلارنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ تەكرار ئىجادىيتى ئارقىلىق تۇلۇقلايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان- چىقمقغانلىقىدا، ئۇنىڭ ئۇقۇرمەنلىرىنى مەلۇم قىممەتكە ئىگە ئىجادىيەت بوشلۇقى بىكەن تەمىنلىيەلىگەن- تەمىنلىيەلمىگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ قانچىلىك كەڭلىكتىكى ئىجادىيەت بوشلۇقى ئىكەنلىكىگە قارىلىدۇ». ئادەتتە ئوقۇرمەن بىلەن ئەسەر ئۇچىرىشىپ،ئۇنى ئوقۇشقا باشلىغان يەنى تېكىسىت ئىچىگە كىرىپ سۆز مەنىسى بىلەن ئۇچىرىشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئاكتىپ ئىجادىيەت قىلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي تىل بىر خىل سەنئەت بەلگىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ مەنىلىك ھەم غۇۋالىققا ئىگە بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ مۇئەييەن ئىستىتىك چۈشەنچىسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ خىلمۇ-خىل مەنىلىرىنى ئىگەللەيدۇ». دىمەك،تارىخىي رومانلاردا يازغۇچىلار سۆز مەنىسىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە غۇۋالىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئەسىرىدە ئوقۇرمەنلەر تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن بوشلۇقلارنى قالدۇرىدۇ. دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي ئىجادىيەت يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ بۇ خىل ئورتاق ئىجادىيىتى نەتىجىسىدىلا تۇلۇق ئاخىرلىشىدۇ،شۇنداقلا بۇنى تۈگىمەس جەريان دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.چۇنكى، يازغۇچى مەلۇم بىر روماننى يېزىپ جەمىيەتكە ئېلان قىلغاندىن كىيىن،قانچىلىك ئوقۇرمەن ئوقۇپ چىققان بولسا، شۈنچە ئوقۇرمەننىڭ ئىجادىيتىدىن ئۆتىدۇ؛قانچە قىتىم ئوقۇلسا، شۇنچەقېتىم ئىجاد قىلنىدۇ؛ قانچە دەۋىرىدە، قانچە مىللەت كىشىلىرى ئوقۇپ چىققان بولسا شۇنچىلىك دەۋىر ۋە مىللەت كىشىلىرى ئىچىدە قايتا ئىجادىيەتتىن ئۆتىدۇ. ئەسەرنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىش ۋە ئوقۇلۇشى جەريانى،ئەسەر ھاياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىنىش ۋە كۆپىيىش جەريانى دىيىشكە بولىدۇ».مېنىڭچە، يېڭى دەۋىر تارىخىي رومانلىرىمۇ ئۆزىنىڭ بەدىئىي قىمىتى، مەزمۇن چوڭقۇرلىقى،مەنا كەڭلىگى،تارىخىي چىنلىق ۋە بەدىئىي كۈچ،ئىستېتىك گۈزەللىك قاتارلىق تەرەپلەردىن  ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ،ھەرخىل قاراشتىكى، ھەرخىل كىشلەر توپى ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى ھەم يارىتىپ كىلىۋاتىدۇ.

    يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان نۇرغۇن بوش نوقتىلار ئۈچراپ تۇرىدۇ. تارىخىي روماندىكى سىموۋۇللۇق سۆزلەر سىموۋۇللۇق ئوبرازلار نىڭ كۆپ قوللىنىشى تارىخىي رومانلارنىڭ لىرىكا پۇرىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستىك قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا ئەسەر مەزمۇنىنىڭ مەنا كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كىڭەيتىدۇ. مېنىڭچە، سموۋۇللۇق ئوبرازلارنىڭ كۆپ قوللىنىشى ئەمىلىيەتتە دەل تارىخىي رومان يازغۇچىلىرنىڭ مۇشۇ خىل ئىھتىياجنى چىقىش قىلغان مەقسەتلىك تاللىشى بۇلۇپ، بۇ سىموۋۇللۇق ئوبرازلار ئەسەرنىڭ شېئىرىي تۈسىنى قۇيۇقلىتىش بىلەن بىللە مۇھىمى، تېخىمۇ كۆپ خىل مەنا چوڭقۇرلىققا ئىگە. مەنا جەھەتتىكى بۇ خىل كۆپ خىللىق ۋە چوڭقۇرلۇق ھەرخىل مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشىمىغان تەپەككۇر ۋە تەسەۋۇر بوشلۇقىغا باشلىغان ۋە تارىخىي رومانلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. تىپىك بولغان تارىخىي رومانلاردىن «ئىز»،« ئويغانغان زىمىن»،«تۈندىكى چاقماق»،«ئانايۇرت»... قاتارلىقلارنى مىسال ئالساق،يازغۇچى «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن»،«تۈندىكى چاقماق»،«ئانا يۇرت»... قاتارلىق سۆزلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا قاتلىمىنى يازغۇچىلار توغرىدىن-توغرا ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس، پەقەت بۇ ھەقتە ئوقۇرمەنلەرگە رىئال ۋەقەلىكلەر ئىچىدىكى رىئال پىرسۇناژلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى، كەچۇرمۇشلىرى، ئىچىكى ھېسياتى ۋە روھىي دۇنياسىنى تاپشۇرۇش ئارقىلىقلا، ئوقۇرمەنلەرنى  «ئىز»،«ئويغانغان زىمىن»،«تۈندىكى چاقماق»،«ئانا يۇرت» ...قاتارلىق سۆزلەرنىڭ كۆپ قاتلامىلق مەنا چوڭقۇرلىقىغا باشلاپ بەدىئىي تەپەككۇر بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تارىخىي رومانلاردا يارتىلغان سىمىۋۇللۇق ئوبرازلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا قاتلامىلىرىنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىغانلىقىنى يازغۇچىلار ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس، بەلكى كىتابخانىنىڭ ئۆز تەپەككۈرىغا تاشلىغان.

    دىمەك، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا كىتابخانلار ئۈچۈن ئۆزىگە قالدۇرۇلغان بۇ خىل «تەكرار ئىجادىيەت» بوشلۇقى يىتەرلىك ئوچرايدۇ. تارىخىي  رومان ئوقۇرمەنلىرى ئۇچۇن ئۇنى ئەسەر تېكىسىتىدىن ئايرىلمىغان ھالدا قانداق تەسەۋۋۇر قىلىش ئۆزىنىڭ ئىشى، يازغۇچىلار ئۇنىڭغا ئايرىلاشمايدۇ. بۇ بوش ئورۇن ئەسلىدىلا ئوقۇرمەننىڭ تولدۇرىشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان. دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:«بەدىئي كەڭلىككە ئىگە ھەر قانداق  بىر ياخشى ئەسەر ئون ئوقۇرمەنگە ئون خىل چۈشەنچە بىرىشى مۇمكىن. لىكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسىدىكى پەرىق قانچە كۆپ بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، پەقەت نۇرمال ئوقۇش ۋە نۇرمال قۇبۇل قىلىشلا بۇلىدىكەن ئوقۇرمەن ئوقۇپ چىققان مەزمۇن چوقۇم ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىمايدۇ. چۈنكى يازغۇچى ئىجاد قىلغان ئەدەبىي تېكىسىت ئۆزگەرمەس نەرسە ئوقۇرمەننىڭ تەكرار ئىجادىيتى بولسا ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ سانسىز قىتىملاپ بىرىكىشى يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ سانسىز قىتىملاپ قوشۇلىشىدىن كىيىن، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاندىن رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ». مېىنىڭچە، مەزكۇر ماقالىمىزدە تارىخىي رومانلار ئۇستىدە توختىلىشىمىزمۇ ماھىيەتتە، تارىخىي رومان يازغۇچىلارىنىڭ ھەرقايسى ئەسەرلىرىگە بولغان تەكرار ئىجادىيەتنىڭ نەتىجسى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇمۇ بىرخىل تەكرار ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تارىخىي رومانلارغا  بولغان تەكرار ئىجادىيەت بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. تارىخىي رومانلىرىمىز ئۆزىدىكى كەڭرى مەنا بوشلۇقى بىلەن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەرقايسى دەۋىرلەرگىچە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكرار ئىجادىيتى بىلەن بىرلىشىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ھاياتى كۈچى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. ئەگەر تارىخىي رومان يازغۇچىلىرىمىز ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىلەرنى ئوقۇرمەننىڭ چۈشىنەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئارتۇقتىن-ئاتۇق ئىزاھات ۋە ئىستىلىستىكىسى يوق ئۇدۇل تىل بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيغان بولسا، تارىخىي رومانلار مەڭگۇ بۇ يۈكسەكلىككە يىتەلمىگەن ۋە بۇ خىل تەكرار ئىجادىيەت قىممىتىنى يارىتالمىغان بولاتتى.

    阿卜力米提.阿卜杜热合曼:新疆乌鲁木齐新医路201号新疆师范大学文学院2007级现当代维吾尔文学专业硕士研究生。邮编:830054    联系方式13899963848

     


    收藏到:Del.icio.us